خىتاي تورداشلىرى : ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ شىددەتلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىشى مۇمكىن

0:00 / 0:00

8-ئاپرېل كۈنى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدىن ۋېچات، تۋىتېر قاتارلىق تور بېكەتلىرىدە كورلا شەھىرى تەڭرىتاغ كوچا باشقارمىسى دىنىي ئىشلار ئىشخانىسى نامىدا تارقىتىلغان «ساقال قويغان ئەرلەرگە، ھىجاپلانغان ئاياللارغا ئۆي ئىجارىگە بەرمەسلىك » ئۇقتۇرۇشى مۇنازىرە قوزغىدى.

ئۇقتۇرۇش ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە ئىككى تىلدا مۇنداق يېزىلغان: «ياش تۇرۇپ ساقال قويۇۋالغانلارغا، ھىجاپلىنىۋالغانلارغا ئۆي ئىجارە بېرىشكە بولمايدۇ. ياش تۇرۇپ ساقال قويۇۋالغانلارنى، ھىجاپلانغانلارنى كۈتۈشكە بولمايدۇ. ياش تۇرۇپ ساقال قويۇۋالغانلارنى، ھىجاپلانغانلارنى ياللاپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. سىز بۇنداق كىشىلەرنى بايقىسىڭىز، ئەڭ تېز سۈرئەتتە مەھەللە ساقچىخانىسىغا مەلۇم قىلغايسىز.»

ئۇقتۇرۇشنىڭ ئاستى تەرىپىگە يەنە ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، كورلا شەھرىدىكى تەڭرىتاغ مەھەللىسى، شىمالىي ۋوگزال مەھەللىسى، ئىككى ھىمايە مەھەللىسى، تەڭرىتاغ ساقچىخانىسى قاتارلىق توققۇز ئورۇننىڭ ئىسمى ۋە تېلىفون نومۇرى يېزىپ قويۇلغان.

ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدىن ۋېچات ۋە تۋىتېر تورلىرىدىكى ئاساسەن خىتاي تورداشلىرى قاتناشقان مۇنازىرىلەردە، دائىرىلەر تەرىپىدىن چىقىرىلغان بۇ ئۇقتۇرۇش ھەققىدە مۇنازىرىلەر كۆپەيگەن. تورداشلارنىڭ بەزىلىرى دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يولغا قويۇۋاتقان بۇ خىل چەكلىمىلىرىنى بىمەنىلىك دەپ ئەيىبلىسە، يەنە بەزىلەر ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقى بولغان يۈرۈش-تۇرۇش، كىينىش ئادەتلىرىنىمۇ ساقلاپ قېلىشقا ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقىنى بايان قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ قىلمىشىنى چېكىدىن ئاشقان سولچىللىق دەپ ئەيىبلەپ،ئەيېقىندىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقلىرى ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە مانا مۇشۇنداق چېكىدىن ئاشقان قاتتىق سىياسەتلەر سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
دەن خۇڭتاڭ ئىسىملىك بىر تورداش 12-ئاپرېل كۈنى تۋىتېر تورىغا بۇ ئۇقتۇرۇشنى مەسخىرە قىلىپ:
«ئۇلار ھازىر ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھەربىي تۈزۈمدە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇۋېتىپتۇ. بۇيرۇق بىلەن ئۇلارنىڭ ساقال-بۇرۇتلىرىنى پاكىز تازىلاش تەلەپ قىلىنىپتۇ، ئەگەر بۇ بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلغۇچىلار كۆرۈلسە ئۇلار بىردەك ھەربىي سوتقا تاپشۇرۇلىدىكەن. قاراڭلار، دائىرىلەرنىڭ ساقال ۋە جىلبابنى چەكلەش ئۇقتۇرۇشىنىڭ ئۆزى مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنىڭ ئىپادىسى ئەمەسمۇ؟»دېگەن ئىنكاسنى يازغان.

جاڭ خېچى ئىسىملىك تورداش مۇنداق يازغان: «قارىغاندا بۇلار ئەينى چاغدا رەئىس ماۋ زېدۇڭ تەشەببۇس قىلغان «تۆت كونىنى يوقىتىش» ھەرىكىتىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا باشقىچە ئۇسۇلدا يولغا قويۇۋاتسا كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل سىياسەتلىرى ماڭا ئەينى يىللىرىدىكى مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى ئەسلەتمەكتە. ئۇ چاغدا قىزىل قوغدىغۇچىلار ئەرلەرنىڭ ساقال-بۇرۇتلىرىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈپ، ئاياللارنىڭ گۈللۈك كۆينەكلىرىنى كېسىش ئارقىلىق ئىنقىلاب قىلغان ئىدى. ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ ساقال-بۇرۇتى ۋە كىيىنىشىگە قويۇلغان چەكلىمىلەر مۇشۇنداق داۋاملاشسا بۇ جايدا تېخىمۇ چوڭ ۋەقەلەر چىقىشى مۇقەررەر.»

مياۋ مياۋ ئىسىملىك بىر تورداش ئۆز ئىنكاسى سۈپىتىدە بۇلتۇر خىتاي تور بېكەتلىرىدە تارقالغان «توشقانمۇ ئاچچىغى كەلسە يولۋاسنى چىشلەپ ئۆلتۈرىدۇ» دېگەن كارتون فىلىمنى قويۇپ قويغان.

رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى، ئاممىۋى تور بېكەتلىرىگە يوللانغان ئۇقتۇرۇشتىكى پاش قىلىش نومۇرىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، شىمالىي ۋوگزال مەھەللىسى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ خىتاي مىللىتىدىن بولغان خىزمەتچىسى تېلېفونىمىزنى ئېلىپ، ئاۋۋال مەلۇم قىلىدىغان قانداق ئەھۋال بارلىقىنى سورىدى.
ئىش بېجىرىش ئورنى خىزمەتچىسى: «ۋەي، گەپ قىلىڭ، بۇ شىمالىي ۋوگزال مەھەللىسى ئىش بېجىرىش ئورنى. مەلۇم قىلىدىغان قانداق ئەھۋال بار ئىدى؟»

ئۇ مۇخىرنىڭ «بۇ مەھەللىدە ساقال قويغان ئەرلەرگە ۋە جىلبابلىق ئاياللارغا ئۆي ئىجارىگە بېرىشكە بولامدۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، مۇشۇنداق ئادەملەر ئۆي ئىجارىگە ئېلىشقا كەلگەنمىدى؟» دەپ قايتۇرۇپ سوئال سورىدى ۋە بۇنداق كىشىلەرگە ئۆي ئىجارىگە بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئىزاھلىدى.

ئىش بېجىرىش ئورنى خىزمەتچىسى:
-سىز ماڭا ئادرېسىڭىزنى دەپ بېرىڭ. ھازىر ئۆي ئىجارىگە ئالغۇچى ئۇ كىشى يېنىڭىزدىمۇ؟

مۇخبىر:-مەن پەقەت ئەھۋالنى بىلىش ئۈچۈن تېلېفون قىلىۋاتىمەن. سىلەرنىڭ بۇ جايدا ئۆي ئىجارىگە بېرىشتە قانداق شەرتلەر كېرەك؟

ئىش بېجىرىش ئورنى خىزمەتچىسى:‏
-شۇ كىشىنىڭ كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، ئىككى پارچە يالغۇز رەسىمى ۋە ئۆي ئىجارە توختىمى بولسىلا بولىدۇ، بۇلارنى ئېلىپ ئىشخانىمىزدا تىزىملىتىسىز. باشقا ماتېرىياللار لازىم ئەمەس.

مۇخبىر:-ئەمما توردا تارقالغان ئۇقتۇرۇشتا، ئەگەر ئۆي ئىجارە ئالغۇچى ساقاللىق ئەر ياكى جىلبابلىق ئايال بولسا ئۆي ئىجارىگە بېرىشكە بولمايدۇ، دەپ يېزىلىپتىغۇ؟

ئىش بېجىرىش ئورنى خىزمەتچىسى:
-بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ توردا تارقالغانلىدىن خەۋىرىم يوق. ئەمما بۇ ھەقتە بەلگىلىمە بار. بۇنداق كىشىلەرگە ئامال بار ئۆي ئىجارە بەرمەيمىز. چۈنكى ۋەقە چىقىشىدىن ئەنسىرەيمىز يەنى ئۇلارنىڭ ئىجارە ئالغان ئۆيلەردە قانۇنسىز دىنىي ئېتىقاد ئەقىدىلىرىنى تارقىتىشىدىن ئەنسىرەيمىز.

ئەمما بۇ خىزمەتچى خادىم ئۆزىگە تېلېفون قىلغۇچىنىڭ مۇخبىر ئىكەنلىكى ۋە بۇ تېلېفوننىڭ ئۇنىڭغا ئامېرىكىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن ئۇرۇلغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئاۋۋالقى گېپىنى رەت قىلىپ، كورلىدا ۋە ئۆزى تۇرۇشلۇق رايوندا ئۆي ئىجارە ئالغۇچىلارغا قارىتا بۇ خىل بەلگىلىمىلەرنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلدى.

مۇخبىر:-سىلەر كىشىلەرنىڭ شەخسىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ساقال-بۇرۇتى ۋە كىيىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىمۇ ئۆي ئىجارىگە ئالغۇچىلارغا شەرت قىلىپ قويامسىلەر؟

ئىش بېجىرىش ئورنى خىزمەتچىسى:‏
-ئۇلارنىڭ كىيىنىشى ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى. ئەمما بىز ۋەقە چىقىشىدىن ئەنسىرەيمىز. ئەگەر ئۆي ئىجارىگە بەرگۈچى ئۆز خېرىدارىغا كاپالەت بېرەلىسە، ئۇ چاغدا بىزگە تىزىملىتىپ، ئاندىن ئۆيىنى ئىجارىگە بەرسە بولىدۇ. ئەمما ئەڭ ياخشىسى بۇنداق كىشىلەرگە ئۆيىنى ئىجارىگە بەرمىگىنى ياخشى. راست سىز ئۆينى قەيەردىن ئىجارىگە ئالغان ئىدىڭىز؟ تېلېفوننى قەيەردىن ئۇرۇۋاتىسىز؟"

مۇخبىر:‏-مەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى. ئامېرىكىدىن تېلېفون قىلىۋاتىمەن.

ئىش بېجىرىش ئورنى خىزمەتچىسى (بىرئاز توختىۋالغاندىن كېيىن):
-ھە، شۇنداقمىدى؟.. بۇ بەلگىلىمىلەردىن تازا خەۋىرىم يوق. سىز ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلەڭ.

مۇخبىر:
-ئەمىسە توردىكى ئېلاندا ھەممە نەرسە ئەينەن يېزىلىپتۇ. تورداشلارنىڭ نارازىلىق ئىنكاسلىرىمۇ بار ئىكەن. ئۇقتۇرۇش 8-ئاپرىل ئېلان قىلىنىپتۇ. سىلەرنىڭ شىمالىي ۋوگزال مەھەللىسىنىڭمۇ ئىسمى بار ئىكەن.

ئىش بېجىرىش ئورنى خىزمەتچىسى:
-بۇ ئۇقتۇرۇشتىن مېنىڭ خەۋىرىم يوق. بىزدە ئۆي ئىجارىگە ئالغۇچىلار ئۈچۈن بۇنداق شەرتلەرمۇ قويۇلمىدى. شەخسەن مەن ساقال قويغان ئۇيغۇرلار ۋە ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىگە شەرتى توشسىلا ئۆي ئىجارىگە بېرىمەن. مۇھىمى بۇ ئۇقتۇرۇش كورلىنىڭ ئەمەس. سىز ئۇرغان تېلېفونمۇ شىمالىي ۋوگزال مەھەللىسى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ تېلېفونى ئەمەس. سىز زادى قانداق ئەھۋالنى ئېنىقلىماقچى؟ مەن پەقەت بىر خىزمەتچى، بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمەيمەن.

يۇقىرىقىلار 14-ئاپرىل رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ كورلا شەھەر شىمالىي ۋوگزال ئىش بېجىرىش ئورنى خىزمەتچىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتى.

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇ خىل چەكلىمىلەر بارغانچە كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە خىتاي تورداشلىرىنىڭمۇ بۇ خىل چەكلىمىلەر ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپ ئۆز ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈشى، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ نۆۋەتتە خىتاي پۇقرالىرىنىمۇ ئەنسىرىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.