خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا رامىزاندا سودا توختاتقانلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان

0:00 / 0:00

بۇ يىل مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭ بايرىمى رامىزان 26-ماي باشلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىدا بولسا بىر ئاي داۋام قىلىدىغان روزا-رامىزان مەزگىلى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىنىي چەكلىمىلىرىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىدىغان بىر مەزگىلى بولۇپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇرلار «دىنىي رادىكال»، «ئىككى يۈزلىمىچى» دېگەندەك باھانىلەر بىلەن جازالىنىۋاتقان، پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى يەنىمۇ جىددىيلەشكەن بىر ۋەزىيەتكە توغرا كەلگەن بۇ رامىزاندا يەنە قانداق چەكلەش تەدبىرلىرى ئېلىندى؟ رامزان ھارپىسىدا خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن، رامىزان باشلىنىشتىن بۇرۇنلا دائىرىلەرنىڭ مۇسۇلمان ئاشخانا ۋە رېستوران، مېھمانساراي ھەمدە دۇكانلارغا رامىزان مەزگىلىدە سودا توختىتىشقا بولمايدىغانلىقى، مۇلازىمەتنى توختاتقاندا ئېغىر جازاغا ئۇچرايدىغانلىقى ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ بولغانلىقى ئاشكارىلاندى. شۇنداقلا دائىرىلەر يىللاردىكىگە ئوخشاش بۇ رامىزاندىمۇ مەمۇرىي كادىرلار، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى قاتارلىقلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ھەر يىلى رامىزان باشلىنىشتىن بۇرۇن رامىزانلىق مۇقىملىق تەدبىرلىرى ۋە چەكلىمىلەر ھەققىدە ئۇقتۇرۇشلىرىنى ئېلان قىلىپ، مۇسۇلمانچە ئۇيغۇر ئاشخانا، رېستوران، تېز تاماقخانا خوجايىنلىرىنى روزا مەزگىلىدە سودا توختاتماسلىق كېلىشىمىگە قول قويۇشقا مەجبۇرلاش، روزا تۇتۇشنى چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ يىل رامىزانلىق دىنىي چەكلىمىلەر ھەققىدە خىتاينىڭ مەمۇرىي ئورگان تور بېكەتلىرىدە ياكى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە رەسمىي يوسۇندا ئۇقتۇرۇش تارقاتقانلىقى ھازىرغىچە مەلۇم بولمىغان ئىدى، شۇ جاي ۋاقتى 25-ماي كەچتە يەنى رامىزان باشلىنىش ھارپىسىدا ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق جايلاردا زەنجىرسىمان ئاشخانىلىرى بار بىر ئۇيغۇر رېستورانىنىڭ دىرېكتورىدىن بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق، ئۇ دىرېكتور ۋەزىيەت سەزگۈر پەيتىدە كۆپ گەپ قىلىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بولسىمۇ، رېستورانلارنى رامىزان مەزگىلىدە 12 سائەت تولۇق ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قەشقەر شەھەر مەركىزىدىكى ئۇيغۇرلار ئاچقان بىر مېھمانساراينىڭ خادىمى رامىزاندا ساراينىڭ ۋە سارايغا تەۋە رېستوراننىڭمۇ مۇلازىمەتنى توختاتماسلىقى ھەققىدە دائىرىلەرنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى دەلىللىدى.

بىر قانچە يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا قىلغان تېلېفونلىرىمىز ئىچىدە، خوتەن قاراقاشنىڭ زاۋا يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن سوئالىمىزغا جاۋاب ئالالىدۇق، تېلېفوننى ئالغان بىر خىتاي كادىر رامىزاندىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇش چارىلىرى ھەققىدە ناھىيىدە مەخسۇس يىغىن ئېچىلىپ ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغانلىقى ۋە بەزىبىر بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويۇشقا باشلىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى:

-بۇ، زاۋا يېزىلىق ھۆكۈمەتمۇ؟
-شۇنداق، زاۋا ھۆكۈمەت ئىشخانىسى.
-رامىزاندا دۇكان، ئاشخانا، رېستورانلارنىڭ نورمال سودىنى توختاتماسلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتتىڭلارمۇ؟
‏-ناھىيىدىن شۇنداق نورمال مۇلازىمەتنى توختاتماسلىق ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك ئۇقتۇرۇش بار.
-ۋاقتىچۇ، قاچاندىن باشلاپ؟
-ئادەتتە چوقۇم نورمال سودا قىلىدۇ، بولۇپمۇ شۇ روزا تۇتىدىغان بىر ئاي، 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە.
-ئەگەر ئۆزلىرى ئىختىيار قىلىپ دۇكاننى ئاچمىسىچۇ؟
-ئەگەر ئاچمىسا، چوقۇم بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
-قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟
-بۇ ھەقتە ئېنىق بىلمەيمەن.
-ئۇقتۇرۇشنى نەدىن ئالغىلى بولىدۇ؟
-ئۇنى ناھىيىلىك سىياسىي قانۇن باشقارمىسىدىن سوراڭ.
-ئۇقتۇرۇش سىياسىي قانۇن باشقارمىسى تەرىپىدىن تارقىتىلغانمۇ؟
-شۇنداق، بىر قانچە كۈن بۇرۇن چۈشكەن، باشلىقلارمۇ بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. رېستورانلار چوقۇم ئېچىشى شەرت.
-ئۇنداقتا، روزا تۇتۇشقا رۇخسەتمۇ؟
-قەتئىي روزا تۇتۇشقا بولمايدۇ، كادىرلار، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى، مەمۇرىي ئورۇنلار ھەممىسىنىڭ روزا تۇتۇشى ئومۇميۈزلۈك چەكلىنىدۇ.
-ئەگەر تۇتقانلىقى بايقىلىپ قالسىچۇ، جازالىنامدۇ؟
-چوقۇم جازالىنىدۇ، ئەمما قانداق جازالىنىدىغانلىقى ھەققىدە كونكرېت دەپ بېرەلمەيمەن، تەپسىلاتىنى سىياسىي قانۇن باشقارمىسىدىن سوراڭ.

قاراقاش ناھىيىلىك سىياسىي قانۇن باشقارمىسىدىن تېلېفوننى ئالغان خادىم رامىزانلىق چەكلىمە ۋە جازالاش تەدبىرلىرى ھەققىدە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بۇنى جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىدىن سورىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتىپ تېلېفوننى ئۈزدى.

خوتەن ۋىلايەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى رامىزانلىق مۇقىملىق تەدبىرلىرى ھەققىدە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

مۇسۇلمانلار ئەتە يەنى 26-ماي، جۈمەدىن باشلاپ بىر ئايلىق روزا تۇتۇشقا باشلايدۇ، باشقا جايلاردا بۇ مەزگىلدە مۇسۇلمان ئاشخانا، رېستورانلىرىمۇ ئاساسەن نورمال تىجارىتىنى روزا تۇتۇۋاتقان مۇسۇلمان خېرىدارلارغا ماسلاشتۇرۇپ، بىر ئاي زولۇق ياكى ئىپتارلىق ۋاقتىغا ئۈلگۈرتۈپ تاماق چىقىرىدۇ ۋە ياكى بىر ئاي تىجارىتىنى توختىتىپ روزا تۇتىدۇ. بۇ مۇسۇلمان ئەللەر ئۈچۈن ئىنتايىن نورمال ھەم ئەقەللىي بىر ئادەت. ئۇنداقتا، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا رامىزان ئېيى باشلانماستىن بۇرۇنلا ئۇيغۇرلارغا چىقارغان بۇ چەكلىمىلىرىنى خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغىمۇ ئوخشاش يۈرگۈزۈۋاتامدۇ؟ بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، بىز نىڭشا تۇشگان ئاپتونوم رايونىنىڭ يىنچۇەن شەھىرىدىكى داڭلىق تۇڭگان رېستورانلىرىنىڭ بىرىنىڭ خوجايىنى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ رېستورانىنى روزا باشلانغانلىقى ئۈچۈن تاقىغانلىقىنى، ئەمما مۇسۇلمانلار ئېغىز ئاچىدىغان پەيتكە ئۈلگۈرتۈپ نورمال سودا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ تۇڭگان خوجايىن يەنە، ھۆكۈمەتتىن چوقۇم سودىنى توختاتماڭلار دېگەن ئۇقتۇرۇش ھېچقاچان چۈشۈپ باقمىغانلىقىنى ئېيتىپ «مەن يىنچۇەندە رېستوران ئاچقىلى 30 يىل بولدى. بىزنىڭ نىڭشادا سىياسەتلەر كەڭرى، ھەممە ئىش نورمال. سودىنى ئېچىش-تاقاش ئىختىيارلىقىمىزدا، ھەممىسى شۇنداق ئېچىۋاتمامدۇ» دېدى.

ئادەتتە بارلىق مۇسۇلمان ئەللەردە رامىزان مەزگىلىدە يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار سودىسىنى رامىزان مەزگىلىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ غىزالىنىش ۋاقتىغا ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ ماڭىدۇ ياكى پۈتۈنلەي بىر ئاي سودىسىنى توختىتىپ رامىزانلىق دىنىي پائالىيەتلىرى بىلەن بولىدۇ. مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردىمۇ بۇنىڭ بىر مەدەنىيەتكە سىڭىپ كەتكەن رامىزانلىق ئۆرپ-ئادەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن دۇنيا ئۇيغۇر ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي ئىشلار كومىتېتى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ھاجىم «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇسۇلمانلارنى رامىزاندىمۇ نورمال سودا قىلىشقا زورلىشى، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مىللىي ئۆرپ‏-ئادەت ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشى ھېسابلىنىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ۋەزىيىتى پۈتۈن مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاش كېرەك» دەپ بىلدۈردى.

تۇرغۇنجان ھاجىم يەنە، بۇ يىلقى دىنىي چەكلىمىلەرنىڭ تېخىمۇ قاتتىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىغا قاراپ، روزا-رامىزاندا ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان بېسىم ۋە ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلايدىغانلىقىدىن ئەندىشىنى بىلدۈردى ھەمدە بۇ مۇقەددەس رامىزاندا ھەر قايسى ئەركىن ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ، ۋەتىنىدە دىنىي ئەركىنلىك، ئىنسان ھەقلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيىتىنى ئاياغ-ئاستى قىلىنىۋاتقان زۇلۇم ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى.