قەشقەردە رامىزان مەزگىلىدە رېستوران ۋە چايخانىلار مەجبۇرىي ئېچىلغان
2016.06.14
13-ئىيۇن نورۋېگىيەنىڭ ئوسلودىكى ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىگە قەشقەردىكى بىر قىسىم ئاھالىلەر ئۇچۇر يوللاپ، نۆۋەتتە قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى روزا تۇتقۇزماسلىق رامىزان مەزگىلىدە رېستوران، چايخانىلارنى تاقىماسلىق توغرىسىدا بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان.
ئوسلودىكى ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئۇستازلىرىدىن بىرى تۇرغۇنجان ئەمەت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مەزكۇر ئىنكاس ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.
بىز نورۋېگىيە ئوسلو ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسەن قەشقەر دۆلەت باغ ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە قەشقەر شەھەرلىك 7-باشلانغۇچ مەكتەپكە تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلىمەكچى بولغان بولساقمۇ بىراق، ئىككىلا مەكتەپ تېلېفونىمىزنى پەقەتلا قوبۇل قىلمىدى.
بىز قەشقەردىكى رېستوران ۋە چايخانىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن قەشقەر تاختا كۆۋرۈكتىكى شاھ نەزەر رېستورانىغا تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىگىلىدۇق.
بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن قەشقەر پارتىيە مەكتەپ يېنىدىكى ئالتۇنجان چايخانىسىغا تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1995-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدا رەسمىي يوسۇندا ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزان ئېيىدىكى دىنىي پائالىيەتلىرىنى چەكلەشنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئىزچىل ھالدا ھازىرغىچە ئوخشىمىغان سىياسەت ۋە بەلگىلىمىلەرنى تۈزەپ كەلمەكتە.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.