پاكىستان دىنىي تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئۇيغۇر رايونىدا ھېچقانداق دىنىي چەكلىمە قويۇلمىغان، دەپ خۇلاسە چىقاردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-07-04
Share
xitay-saqchi-uyghur-qizi-chong-bazar.jpg خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ خەلقئارالىق چوڭ بازار ئەتراپىدا كوچا چارلاۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2009-يىلى 14-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AFP

تۆت كىشىلىك پاكىستان دىنىي ئىشلار تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئۇيغۇر رايونىدىكى تەكشۈرۈشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، پاكىستانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئۇيغۇر رايونىدا روزىنىڭ چەكلەنگەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق دەلىل بايقىمىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

پاكىستان دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەتقىقات ئىشلار باش دىرېكتورى نۇرۇل ئىسلام شاھ، ئىسلامئاباد فايسال مەسچىتىنىڭ باش خاتىپى مىسباھۇر راخمان، مۇپتى ئابدۇسالام ۋە قارى مۇھەممەت شاھ قاتارلىق نوپۇزلۇق دىنىي زاتلاردىن تەشكىل تاپقان تەكشۈرۈش ئۆمىكى 26‏-ئىيۇندىن 28 ئىيۇنغا قەدەر ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

تەكشۈرۈش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تەكشۈرۈش ئۆمىكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا روزا تۇتۇشنى راست چەكلىگەن -چەكلىمىگەنلىكىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۇلارنىڭ ئادىل ۋە رېئال خۇلاسە چىقىرىشى گۇمانلىق، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

پاكىستان «Express Tribune» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي زاتلار ۋە يەرلىك پۇقرالار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «زىيارەت جەريانىدا شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تولۇق دىنىي ئەركىنلىكى بارلىقى، ئۇلارنىڭ دىنىي ۋەزىپىلىرىنى ئەركىن بەجا كەلتۈرۈۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى» دېگەن.

ئەمما پاكىستان دىنىي ئىشلار تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ بۇ دوكلاتى د ئۇ ق دىنىي ئىشلار مەسئۇللىرىنىڭ قاتتىق رەت قىلىشى ۋە تەنقىدىگە ئۇچرىدى. د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن، پاكىستان دىنىي زاتلىرىنىڭ دىنغا ئۇيغۇن مۇستەقىل خۇلاسە چىقارمىغانلىقىنى ۋە پەتىۋا بەرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ: «ئىسلامى نۇقتىدىن ئالغاندا، ئۇ دىننى سىياسەتكە تۈپتىن بويسۇندۇرۇۋېلىش، يەنى ئۇ پاكىستان ئۆلىمالىرىنىڭ ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ماسلاشتۇرۇپ، دىنىي ئۆلىمالارنى پەتىۋا بەرگۈزۈش، سۆزلىتىش ۋە ئۇلارغا تەشۋىقات ئېلىپ بارغۇزۇش بۇ دىنىي نۇقتىنەزەردىن ھېچقاچان توغرا ئەمەس. چۈنكى، دىنىي نۇقتىنەزەردىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مۇسۇلمانلىق بۇ يەردە ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. پاكىستان ئۆلىمالىرى ئەگەر ھەقىقىي دىنىي نۇقتىنەزەردىن خۇلاسە چىقارماقچى بولسا، ئەلۋەتتە بىزنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى، مۇستەقىل ھالدا، ھېچقانداق ئۆزىنىڭ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا قارىماستىن مۇستەقىل سۆزلىشى كېرەك. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئېزىلىۋاتقانلىقىنى، ئىبادەتلەرنىڭ چەكلىنىۋاتقانلىقىنى، ھەقىقەتنى سۆزلىشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۇنداق سۆزلىمىگەن. ئۇلارنىڭ ئۇنداق سۆزلىمىگەنلىكى بۇ دىنغا ئۇيغۇن بىر خۇلاسە چىقارمىغانلىقى ۋە دىنغا ئۇيغۇن پەتىۋا بەرمىگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ» دېدى.

بىز پاكىستان دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە فايسال مەسچىتىگە تېلېفون قىلىپ، ئالاقىدار دىنىي زاتلار ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئىنكاسىغا ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما ھېچكىم تېلېفونىمىزنى ئالمىدى.

بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، ئىلگىرى پاكىستاننىڭ ھەربىي، سودا-ئىقتىساد، دىپلوماتىيە، خەلقئارا ئىشلاردا خىتايغا زىچ باغلانغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالدا پاكىستان دىنىي تەكشۈرۈش ئۆمىكى خىتاينىڭ ئىرادىسىگە مۇخالىپ ھېچقانداق غەيرىي پىكىردە بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پاكىستان ئۇيغۇر ئۆمەر ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئۆمەر خان ئەپەندى، تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ھازىرقىغا ئوخشاش خۇلاسە چىقىرىدىغانلىقىنى 29‏-ئىيۇن رادىيومىزدا ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ، «ماۋۇلار قايتىپ كەلسە ئاخبارات يىغىنى چاقىرىپ، (ئۇيغۇرلارغا) زۇلۇم يوقكەن، بىز كۆرۈپ كەلدۇق، دەيدۇ» دېگەن ئىدى.

ئۆمەر خان: «مەن سېلىگە بىر ئاسان گەپ قىلاي، ماۋۇلار ھەممىسى ئۇ يەرگە بېرىپتۇ. ئۇلار بارغاندىن كېيىن بىر ھەپتىدە يېنىپ كېلىدۇ. يېنىپ كەلگەندىن كېيىن ئاخباراتقا بىر خەۋەر چىقىدۇ. ئاخباراتقا، ياق، بىز كۆرۈپ كەلدۇق، زۇلۇم يوقكەن، خەقلەر روزا تۇتىۋاتىدۇ، دېگەن خەۋەرنى بېرىدۇ. باشقا گەپ قىلمايدۇ، ماۋۇلار.»دېدى.

ئۆمەر خان ئەپەندى، تەكشۈرۈش ئۆمىكى خوتەن، قەشقەر، يەكەننىڭ ناھىيە، يېزىلىرىغا بارمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇ جايلارنى ئايلانغان بولسا، ھەقىقىي ئەھۋالنى ھېس قىلغان بولاتتى» دەپ كۆرسەتتى.

ئۆمەر خان: «بىز دېدۇق، ھازىر (دىنىي ئەركىنلىك) چەكلەنگەن يەر نەدە، قەشقەر، خوتەن، يەكەن ۋە باشقا ناھىيەلەردە. لېكىن ‏(خىتاي ھۆكۈمىتى) ئۇلارنى بۇ ناھىيەلەرگە ئاپارمايدۇ. ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپلا شۇ يەردىن قايتىدۇ. ھەرگىز ئۇلار يۇقىرىقى جايلارغا بارمايدۇ. ئەگەر ئۇلارنى قەشقەر، خوتەن ۋە بارلىق ناھىيەلەرگە ئاپىرىمىز دېگەن بولسا، بىز يەنە بىر ئاز قايىل بولغان بولاتتۇق» دېدى.

لېكىن پاكىستان دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارىنىڭ «Express Tribune» گېزىتىگە بىلدۈرۈشىچە، پاكىستان تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دىنىي ئىشلار ئىدارىسى كۈتۈۋالغان بولۇپ، ئۇلار ئۈرۈمچى ۋە باشقا جايلاردىكى مەسچىتلەرنى زىيارەت قىلغان.

دائىرىلەر پاكىستان دىنىي ئىشلار ئۆمىكىگە ئۇيغۇر رايونىنىڭ دىنىي خىزمىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 408 مەسچىت، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا 24 مىڭ مەسچىت بارلىقىنى، بۇ يىل 3000 مۇسۇلماننىڭ ھەجگە بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پاكىستان دىنىي ئىشلار ئەمەلدارى «Express Tribune» گېزىتىگە بەرگەن مەلۇماتىدا يەنە، تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى تەييارلاپ، پاكىستان دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا سۇنىدىغانلىقىنى، دوكلاتنىڭ يەنە پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تاپشۇرۇلىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

ئەمما د ئۇ ق دىنىي ئىشلار مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋىددىن، دىنىي ئۆلىمانىڭ ھەقنى سۆزلەش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەمما پاكىستان دىنىي تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ھەقنى يوشۇرۇپ، «گۇناھقا كىرگەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈردى.

تۇرغۇنجان ئالاۋىددىن مۇنداق دېدى: «ئۇ پاكىستان ئۆلىمالىرى پەقەتلا ئۆزىنىڭ دۆلىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادى مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى نەزەردە تۇتقان ئاساستىلا سۆزلىگەن. دىندا ھەقنى سۆزلەش، توغرىنى سۆزلەش مەجبۇرىيىتى بار ھەرقانداق بىر دىنىي ئۆلىمانىڭ، بۇ يەردە ئەلۋەتتە ئۆلىمانىڭ مەزلۇملار تەرەپتە تۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار، زالىملار تەرەپتە ئەمەس. مەيلى ئۇ ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، كەلمەيدۇ. مەيدانىنى ئېنىق، ئوچۇق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇ دىنىي ئۆلىما چوڭ گۇناھقا كىرگەن بولىدۇ. يەنى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن دىننى بۇرمىلاپ، ھەقنى يوشۇرۇپ، مەزلۇم تەرەپتە ئەمەس، زالىم تەرەپتە تۇرغانلىق بۇ دىنىي جەھەتتىن ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئېغىر گۇناھ.»

پاكىستان ئاخباراتى ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، پاكىستان دىنىي تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئۈرۈمچى ۋە باشقا رايونلاردىكى قايسى مەسچىتلەرنى زىيارەت قىلغانلىقى، كىملەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دىنىي ئەركىنلىك خاتىرىسىنى دۇنيا ئىسلام ئىش بىرلىكى تەشكىلاتى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە پاكىستاننىڭ قولى بىلەن ئاقلاشنى مەقسەت قىلىپ، پاكىستان دىنىي تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى تەكلىپ قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي ئەركىنلىك چەكلىنىۋاتقانلىقىنى رەت قىلىپ، مەزكۇر رايوندىكى مۇسۇلمانلار دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ «تارىختىكى ئەڭ ئوبدان دەۋرى» نى ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت