خىتاينىڭ رامىزان چەكلىمىسى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014.07.08
toppa-yaghliq-saqal-ramzan.jpg خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۈرلۈك بېسىمى ۋە دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرى ئۇيغۇرلارنى چۈشكۈنلەشتۈرمەكتە. 2009-يىلى 17-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AFP

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رامىزان مەزگىلىدە بىر قاتار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنى روزى تۇتۇشتىن چەكلىگەنلىكى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇلارنى ئىنكار قىلدى.

ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قىسىم بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىگەن. مەزكۇر خەۋەر خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ۋە ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

بۈگۈنكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى چەتئەل ئاخباراتلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا يالغان خەۋەر تارقىتىش بىلەن ھۇجۇم قىلغان ھەمدە خىتايدا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ كەتكەندىن كېيىن، چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى تەڭشەش، بېسىم سىياسەتلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

ئەمما، بۇ يىللىق رامىزان ئېيى كىرىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى روزى تۇتۇشتىن چەكلەش سىياسىتىنى ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشاشلا داۋام قىلىشى خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ روزى تۇتۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان بارلىق چەكلىمىلىرىنى دەرھال بىكار قىلىشقا چاقىردى.

كومىتېت رەئىسى كاترىنا لەنتوس سۋېت باياناتتا: «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلمۇ رامىزانلىق چەكلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارادا بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇققا، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قاتتىق ھۆرمەتسىزلىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى» دېدى.

باياناتتا، 2009-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنىڭ ناھايىتى زور دەرىجىدە كەينىگە چېكىنگەنلىكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى مىسلىسىز كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەقىدىلىرىنى سۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاتالمىش «قانۇنسىز» دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىپ كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قويغان دىنىي چەكلىمىسىگە يەنە ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرىدىنمۇ ئىنكاس كەلدى.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ساججاد كارىم مەخسۇس ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل باشلىقى كاترىن ئەشتونغا مەكتۇپ يوللاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قويغان رامىزان چەكلىمىلىرىنى بىكار قىلمىغان تەقدىردە خىتايغا جازا تەدبىرى قويۇشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇ مەكتۇپىدا « ياۋروپا پارلامېنتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىپ، جىددىي ۋەزىيەتنى ئوڭلاش ئۈچۈن قانداق تەدبىر ئېلىۋاتقانلىقىنى سورىشى كېرەك» دېگەن.

ئىگىلىنىشىچە، پارلامېنت ئەزاسى ساججاد كارىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ياڭ يەنيىگىمۇ مەكتۇپ يوللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن رامىزان چەكلىمىلىرىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تور بېكەتلىرى ۋە بىر قىسىم ئىدارە-ئورگانلارنىڭ تور بېتىدە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى، ئوقۇغۇچىلارنى، پارتىيە ئەزالىرىنى روزى تۇتۇشىنى مەنئى قىلىنىدىغان ئۇقتۇرۇشلارنى ئوچۇق-ئاشكارا ئېلان قىلغان ئىدى.

ئاقسۇ شەھەرلىك ھۆكۈمىتى ئۆز تور بېتىدە تېخى شەھەردىكى مۇسۇلمان ئاشخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكىنى، مۇسۇلمانچە ئاشخانىلارنىڭ رامىزان مەزگىلىدە ئاشخانىسىنى تاقاپ قويماي ئېچىش توغرىسىدا ۋەدىنامىگە قول قويغانلىقى، شۇڭا تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

بۇ خەۋەرلەر ب ب س، ئەل-جەزىرە، خەلقئارا ئىقتىساد ۋاقتى، رويتېرس، فىرانسىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بىردەك ئېلان قىلىنغان ئىدى.

ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى خوۋ خەنمىڭ رويتېرس مۇخبىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە يۇقىرىدىكى تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلمىغان ئەمما ئۇنىڭ نورمال خىزمەت-ئوقۇش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش تەرتىپىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ روزى تۇتۇشىنى چەكلەش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان تۈرلۈك تەدبىرلەر ئېلان قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان «خەلق گېزىتى» «خىتاي دىنى ئەركىنلىكنى قوغدايدۇ» ماۋزۇلۇق بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، چەتئەل ئاخبارات ئورگانلىرىنى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنى يالغان گەپ قىلىپ، خاتا ئۇچۇر تارقىتىش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئۇلار خەۋىرىدە، ئۆز ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە چىقىرىلغان يۇقىرىدەك چەكلىمىلەر ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشلارنى «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئويدۇرۇپ چىقارغان يالغان ساختا خەۋەر» دېدى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى بولسا بۈگۈن رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ مۇخبىرلىرى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئۇچۇرنى ئىنكار قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ روزى تۇتۇشىنى چەكلەش قىلمىشلىرى خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ۋە خەلقئارادا قاتتىق ئىنكاس قوزغاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ماڭا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق بۇنى يوققا چىقارماقچى بولۇۋاتىدۇ.

«خەلق گېزىتى» ئۆز خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنلىرىدىكى دىنىي ئەركىنلىككە ئائىت ماددىلار ۋە 1997-يىلى ئېلان قىلىنغان دىنىي ئەركىنلىك ئاق تاشلىق كىتابىدىكى ماددىلارنى نەقىل كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، خىتايدا مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇلار يەنە ئىسلام دىنىنىڭ خىتايغا 7-ئەسىردىن تارتىپ تونۇشلۇق ئىكەنلىكىنى، خىتايدا ئۇيغۇرلار ۋە تۇڭگانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 18 مىليون مۇسۇلمان بارلىقىنى، خىتايدا 30 مىڭ جامى ۋە 40 مىڭ ئىمام ۋە ئاخۇن بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇلار يەنە، 1980 يىلىدىن تارتىپ پەقەت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆزىدىنلا 40 مىڭ كىشىنىڭ ھەجىگە بارغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدە 23 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىراق، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئېلان قىلغان دوكلاتلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەرقلىق رايونلاردا پەرقلىق دىنىي سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىننى چەكلەش سىياسەتلىرىنىڭ ئاساسلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى نىشان قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسچىت-جامىلەرگە كىرىپ-چىقىۋاتقانلارنىڭ تەقىب قىلىنىدىغانلىقى، ئىماملارغا ۋەتەنپەرۋەر بولۇش شەرتى قويۇلىدىغانلىقى، ھەجىگە بارىدىغانلارنىڭ ھۆكۈمەت تەستىقلايدىغان سان چەكلىمىسى ئاستىدا كونترول قىلىنىۋاتقانلىقى كۆرسەتكەن قىلىنغان.

دىلشات رىشىت ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە شۇنىڭدەك ئامېرىكىدىكى ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھوقۇقىنى قاتتىق چەكلەۋاتقانلىقىغا ئىنتايىن ياخشى ئىسپات ئىكەنلىكىنى، بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكار قىلىپ بولالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.