ئۇيغۇرلار 2014-يىلىمۇ رامىزاننى ئېغىر زۇلۇم ئىچىدە ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلارنىڭ 2014-يىلىدىكى رامزان ئېيى ھەر يىلقىدىن ئېغىر بېسىم ئىچىدە ئۆتتى. خىتاينىڭ رامىزاندا يولغا قويغان چەكلىمە ھەم بېسىم سىياسىتى دۇنياغا ھەر يىلقىدىنمۇ كەڭ بىلىنىپ، بولۇپمۇ غەرب ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

چەتئەل ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەر بۇ يىل رامىزاندا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن ئۇچۇر ھەم ماقالىلەر ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ 2014-يىلىدىكى رامىزانلىق ئىبادىتىنىڭ خىتاينىڭ «بىر يىللىق قاتتىق زەربە بېرىش» دولقۇنىغا توغرا كېلىپ، ئۆتكەن يىللارغا قارىغاندا تەقىپ ۋە بېسىملارنىڭ تېخىمۇ ئېغىر بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى. ئەمما ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ زۇلۇم سىياسىتى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۆزىنى يەنە بىر قېتىم ئاچقان. كۆپلىگەن غەرب ئەللىرى، بولۇپمۇ خىتاينى مۇھىم ئىقتىسادىي ھەمراھ ھېسابلاپ كەلگەن مۇسۇلمانلار دۇنياسى خىتاي دۆلىتىنىڭ ماھىيىتىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. بەزى دۆلەتلەر، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ھەمدە مۇسۇلمان مىللەتلەر تەشكىلاتلىرى بۇ يىللىق رامىزاندا خىتاينى ئەيىبلەپ باياناتلار ئېلان قىلغان. بۇ، ئىلگىرى كۆپ كۆرۈلمىگەن ئەھۋال ئىدى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا يولغا قويغان رامىزانلىق بېسىم سىياسىتىنىڭ بۇ يىل خەلقئارانىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى جەلپ قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ، خىتاينىڭ بۇ خىل دىنىي زۇلمىنىڭ دۇنياغا كەڭ تونۇلۇشىغا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر پىدائىيلىرى تۆلەۋاتقان ئېغىر بەدەللەرنىڭ ھەمدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي پائالىيەتلەرنىڭ رولى بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي زۇلۇملارنى دەرھال توختاتمىغان تەقدىردە، خىتاينىڭ مۇسۇلمان دۇنياسى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ھەمكارلىقىنىڭ بۇندىن كېيىن زور خەۋپكە يولۇقىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن قارىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يولغا قويۇۋاتقان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ھەمدە بۇ يىللىق رامىزاندىكىگە ئوخشاش چېكىدىن ئاشقان دىنىي بېسىم سىياسىتى ئۇيغۇر ۋەتىنىدە تېخىمۇ كۆپلىگەن قانلىق توقۇنۇشلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە زېمىن ھازىرلايدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن كۈچلۈك بېسىمغا يولۇققان خىتاي ھۆكۈمىتى، خەلقئارا مەتبۇئاتقا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي بېسىملىرىنى ئەڭ بىمەنە ئۇسۇلدا ئاقلاشقا تىرىشقان. بىراق، خىتاينىڭ بۇ خىل چەكتىن ئاشقان زۇلمىنىڭ ماھىيىتى ۋە خىتاينىڭ تۈپ مەقسىتى بارغانسېرى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلىنىۋاتقان بولۇپ، تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇرلاردىكى مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخى بولغان ئىسلام ئەقىدىسىنى خىتاي زۇلمى ھەرقانچە چېكىگە يەتسىمۇ يوق قىلالمايدۇ، ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان بولۇپ تۆرەلگەن بۇ مىللەت تاكى ئاخىرەت كۈنىگىچە يەنە ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان پېتى ياشايدۇ.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ يىللىق رامىزاننى ئىناق-ئىتتىپاق ۋە ھوزۇر ئىچىدە ئۆتكۈزدى. ئۇلار ۋەتىنى ئۈچۈن ئىبادەت قىلىش، ۋەتىنى ئۈچۈن دۇئا قىلىش، ئاللاھتىن مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكىنى تىلەش مەجبۇرىيەتلىرىنى راھەت ئورۇنلىدى. بۈگۈن مۇبارەك روزا ھېيت نامىزىنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق رايونلاردا بىللە ئۆتەپ، كۆڭۈللۈك ھېيت پەتىلىرىنى باشلىدى. ئۇلار ئۆز ۋەتىنىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭمۇ ئۆزلىرىدەك ھۆر، ئەمىن، ئازادە ھاياتقا نائىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشماقتا.