خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا كادىرلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا چەكلىمە قويدى
2014.06.30

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۇنداقلا قەيسەرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، دوغان خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلدىكىگە ئوخشاش بۇ يىلمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا چەكلىمە قويغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
تۈركىيەنىڭ دوغان خەۋەر ئاگېنتلىقىدىن نەقىل قىلىنىپ، ساباھ ۋە يېڭى ئاكت گېزىتلىرىنىڭ 29-ئىيۇندىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ باياناتتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۇمتۈرك، ئۇيغۇر دىيارىدا دۆلەت كادىرلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ رامزان ئېيىدا روزا تۇتۇشى ئۆتكەن يىلدىكىگە ئوخشاش بۇ يىلمۇ چەكلەنگەنلىكىنى، بۇ ھەقتە چۈشۈرۈلگەن ھۆججەتنىڭ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە شەرقىي تۈركىستان دۇنيا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئېغىر دەرد تارتقان ۋە ئەڭ ئېغىر قىيىنچىلىقتا قالغان بىر رايونى، دېدى.
سېيىت تۇمتۈرك مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ دەسلەپتە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان بىر خەلق. شەرقىي تۈركىستان 1949-يىلى خىتاي ئىشغالىغا ئۇچرىغان، ئۇلار 65 يىلدىن بۇيان ئىشغالىيەتكە ۋە سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا بۈگۈن روزا تۇتۇش چەكلەندى، ناماز ئوقۇش چەكلەندى، ساياھەت ئەركىنلىكى بولمىغانلىقى ئۈچۈن پاسپورت بېرىلمەيدۇ ۋە ھەج پەرزىنى ئادا قىلىشقا بېرىشى چەكلەندى. شەرقىي تۈركىستاندا ۋىجدان ئەركىنلىكى چەكلەنگەن.
سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، دۇنيا جامائىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: باشتا ب د ت، ياۋروپا پارلامېنتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار شەرقىي تۈركىستاندىكى قەتلىئاملارغا، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرگە، ئەركىنلىكنى بوغىدىغان چەكلىمىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك ۋە خىتاينى توختا دېيىشى كېرەك.
مىللىي گېزىتىنىڭ 29-ئىيۇندىكى سانىدا، ئىسلام دۇنياسى رامزانغا قان ۋە كۆز ياشلىرى بىلەن كىردى دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى، ماقالىدە، ئۇيغۇر ئېلى قاتارلىق دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى ئىچكى قالايمىقانچىلىق ۋە ئۇرۇش بولۇۋاتقان دۆلەت، رايونلار تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئىراق، سۈرىيە، غەززە، لىۋىيە، پاكىستان، شەرقىي تۈركىستان، ئوتتۇرا ئافرىقا، مىسىر، سومالىيە، يەمەن ۋە بىرما قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ دۇنيا خەرىتىسدىكى ئورنى كۆرسىتىلىپ ھازىرقى ۋەزىيىتى تىلغا ئېلىنغان.
ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: مۇسۇلمانلار 11 ئاينىڭ سۇلتانى بولغان رامزان ئېيىنى تېخىمۇ گۈزەل قارشى ئېلىشنى ئارزۇ قىلاتتى، ئەپسۇس 1 مىليارد 600 مىليونلۇق ئىسلام دۇنياسى، مۇسۇلمانلار بىر-بىرىنى ئۆلتۈرمىگەن، مەزھەپ ئۇرۇشى بولمىغان يۈز مىليونلارچە مۇسۇلمانلار چىن قەلبى، روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن بىرلىك ئىچىدە بولغان بىر رامزان ئېيىنى قارشى ئېلىش چوڭ بىر سائادەت بولاتتى. ئەپسۇس، دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان يەرلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ئاچلىق، نامراتلىق، ئىچكى ئۇرۇش ئوتتۇرىسىدا ھايات قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ.
ئىسلام دۇنياسى رامزان ئېيىغا قان ۋە كۆز ياشلىرى بىلەن كىردى دېگەن ماقالىدە، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بارغانسېرى چېكىدىن ئېشىۋاتقان بېسىملاردىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاندا شىددەتلىك ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىمۇ جىددىي ھالدا كۆپىيىۋاتىدۇ. كۆپ ساندا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى پائالىيەتچىلەر تۈرمىگە قامالغان ئۇ رايوندا، دائىرىلەر تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتنى باھانە قىلىپ دىنىي ئەركىنلىككە بىۋاسىتە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى داۋام قىلىۋاتىدۇ
ماقالىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نوپۇس ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى ۋە ھاكىمىيەتنىڭ خىتاي كۆچمەنلەرنى يۆتكەپ يەرلەشتۈرۈشى نەتىجىسىدە يەرلىك خەلقنىڭ نوپۇسى 45% كە چۈشۈپ قالدى. 1949-يىلىدىكى خىتاي كوممۇنىست ئىشغالىدىن كېيىن 6،7% نى تەشكىل قىلىدىغان خىتاي نوپۇسى بۈگۈنكى كۈندە 40% تىن ئېشىپ كەتتى.
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەقەلەرنى باستۇرۇشتىكى قاتتىق قوللۇق مەيدانى سەۋەبىدىن رايوندا شىددەتلىك ۋەقەلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىمۇ كۆپەيدى. تېخىمۇ قاتتىق قۇللۇق سالاپىتىنى ئاشكارىلىغان خىتاي دائىرىلىرى يەرلىك خەلقنىڭ ھەر تۈرلۈك ئەركىنلىك تەلەپلىرىنى رەت قىلماقتا. كۆپ ساندىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى پائالىيەتچىلەر تۈرمىگە قامالغان رايوندا، خىتاي ھاكىمىيىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن دىنىي ئەركىنلىكلەرگە بىۋاسىتە ئارىلىشىپ توسقۇنلۇق قىلماقتا. خىتاي دائىرىلىرى 18 ياشتىن كىچىكلەرنىڭ مەسچىتلەرگە كىرىشىنى چەكلىدى، مۇسۇلمانلار ياغلىق ئارتىش، يۈزىنى ئېتىش، ساقال قويۇش دېگەنگە ئوخشاش دىنىي ئادەتلەر سەۋەبىدىن تۈرمىگە قامىلىدۇ.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇش ۋە دىنىي ئىبادەتلىرىگە چەكلىمە قويۇش سىياسەتلىرىگە قارشى تۈركىيە ئۆلكۈ ئۇجاقلىرى تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلدى.
ئۆلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي ھەر ساھەدىكىگە ئوخشاش شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى دىنىي ساھەدىمۇ داۋام قىلدۇرۇۋاتىدۇ، ئاخباراتلاردا ۋە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيەتلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتلارغا قارىغاندا، خىتاي بۇ يىلمۇ شەرقىي تۈركىستاندا روز ئا تۇتۇشنى چەكلىدى، چەكلىمە بويىچە دۆلەت كادىرلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى مەنئى قىلىنغان.
مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىمنى ھەر كۈنى دېگۈدەك كۈچەيتىۋاتقان خىتاي، ساياھەت ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويۇپ، ھەجگە بېرىشىنى توسۇماقتا. ناماز ۋە قۇرئان ئوقۇشقا ئوخشاش ھەر خىل دىنىي ئىبادەتلەرگە چەكلىمە قويغان خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دېگەن جىنايەت ئارتىپ ئۇزۇن يىللىق تۈرمىگە ياكى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلماقتا. خەلقىمىز ۋە دۆلەت ئەمەلدارلىرىمىزنى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرگە جىددىي قاراشقا چاقىرىمىز.
بىز بۇ ھەقتە پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۇنداقلا قەيسىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.