ھىجرەتتىكى ئۇيغۇرلار رامىزاندا ۋەتىنى ۋە ۋەتەنداشلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلماقتا
2014.07.01

پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 64 دۆلەتتە بىر يېرىم مىلياردقا يېقىن مۇسۇلمان بۇ يىللىق رامزان ئېيىنى كۈتۈۋالدى، يىللاردىكىدىن ئۇزۇن ھەمدە ئىسسىق كۈنلەرگە توغرا كەلگەن بۇ يىللىق رامزان ئېيىدا، كۆپلىگەن جايلاردىكى مۇسۇلمانلار ئاساسەن 17، 18 سائەتكىچە، ھەتتا بەزى جايلاردا 20 سائەتكە قەدەر ئۇسسۇزلۇق ۋە ئاچلىققا بەرداشلىق بېرىپ، نورمال كۈندىلىك ھاياتى پائالىيەتلىرىنى ۋە رامىزانلىق ئىبادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلار بولسا، بۇ رامزان ئېيىنى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي جەھەتتىن يۈرگۈزۈۋاتقان تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ئىسكەنجىسىدە ئۆتكۈزمەكتە. چەتئەللەردە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسا بۇ ئۇلۇغ ئاي، ئۇلۇغ كۈنلەردە ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىكى قېرىنداشلىرى، ۋەتىنىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن دۇئاغا قول كۆتۈرمەكتە.
روزا تۇتۇش، ئىسلام دىنىدا مۇسۇلمانلارغا بۇيرۇلغان 5 پەرھىزنىڭ بىرى، روزا تۇتۇش رامزان ئېيىغا خاستۇر، رامزان ئېيى بارلىق ئايلارنىڭ كاتتىسى ۋە ئەڭ شەرەپلىكىدۇر، چۈنكى ساماۋى كىتابلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ۋە ھىدايەتنىڭ بىردىن-بىر مەشئىلى بولغان قۇرئان كەرىمىنىڭ نازىل بولۇشقا (يەنى چۈشۈشكە) باشلىنىشى رامزان ئېيىدا ئەمەلگە ئاشقان. بۇ ئايدا روزا تۇتۇشنىڭ پەرز بولۇشى بۇ ئايدا قۇرئان كەرىمىنىڭ نازىل بولغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.
رامزان ئېيىدا مۇسۇلمانلار روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇققا بەرداشلىق بېرىپ، شۇنداقلا ناچار سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇپ سەبىر، ئىبادەتلىرىنى كۈچەيتىدۇ، قۇرئان ئوقۇپ، موھتاجلارغا خەيرى-ساخاۋەت قىلىپ، يامان ئىللەتلەردىن، نالايىق ئىش-ھەرىكەتلەردىن خالى تۇرۇشقا تىرىشىپ مۇسۇلمانلارغا زۆرۈر بولغان مۇھىم ئىسلامىي ئەدەپ-ئەخلاقلارغا رىئايە قىلىپ، چىن ئىخلاس بىلەن تەۋبە ئىستىخپار قىلىپ، ئىبادەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.
شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، رامزان ئېيى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىبادەت ئېيىدۇر. ھالبۇكى، ئەسلىدىلا نورمال ئېتىقادى پائالىيەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك دەخلى-تەرۇزىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ، بۇ رامىزاندىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق باستۇرۇش پاراكەندىچىلىكىدىن قۇتۇلالمىغانلىقى مەلۇم.
ئادەتتە باشقا ئايلاردا تائەت-ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈنلا جازالىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار رامزان ئېيى كەلسە تېخىمۇ كۆپ تەقىپكە ئۇچرايدۇ.
مەلۇمكى، رامزان ئېيى رەھمەت ۋە مەغپىرەت ئېيىدۇر. رامزان ئېيى يەنە نىجاتلىق ئېيىدۇر. تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ياشاۋاتقان دىنىي زاتلاردىن ھامىدخان كۆكتۈرك ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنلۇق ئادەتتىكى دىنىي پائالىيەتلىرىنى چەكلەشتىن باشقا، قانۇنلۇق پەرز ئىبادەتلىرىنىمۇ چەكلەپ، تەقۋادار ئۆلۈمالارغا زۇلۇم قىلىپ، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بەھرىمەن بولۇۋاتقان رامىزانلىق دىنىي پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىپ، ھەتتا روزا تۇتۇشنىمۇ تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق چەكلىشىنىڭ ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى، رامزان ئېيىنىڭ شاراپىتى بىلەن تەقۋالىققا ھەم چىن ئىرادىگە ئېگە ئۇيغۇرلارغا ھامان بىر نىجادلىقنىڭ يېتىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق ئۇيغۇر ۋە تۈرك قېرىنداشلار بىلەن تەڭ دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان مەمەت توختى ئەپەندى، ئۆزىگە ئوخشاش ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار گەرچە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دېموكراتىك ئەللەردە رامىزاننى ئىنتايىن خاتىرجەم ئۆز ئارزۇسىدىكىدەك كۈتۈۋالغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتتىن ئەندىشىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خىتاينىڭ تۈرلۈك زۇلۇملىرىغا باش ئەگمەي ئۆزىنىڭ چىن ئېتىقادىنى ساقلاۋاتقان بارلىق مۇسۇلمانلارغا، ئۇيغۇرلارغا بەخت-سائادەت تىلىدى. ئۇ يەنە «رامزان ئېيى دۇئالار ئىجابەت بولىدىغان ئايدۇر دېيىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئۈچ خىل كىشىنىڭ دۇئاسى رەت قىلىنمايدۇ: روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئىپتار ۋاقتىدا قىلغان دۇئاسى، ئادالەتلىك پادىشاھنىڭ دۇئاسى ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ دۇئاسى. شۇڭا پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش بۇ ئۇلۇغ ئاي، ئۇلۇغ كۈنلەردە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ھەمىشە ئۇيغۇر ۋەتىنى ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن دۇئا قىلىمىز» دېدى.