رامزان ئېيى كىرگەن يېقىنقى ئىككى كۈندە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى بولۇپمۇ دۇنيادىكى كۈن ئەڭ تىك چۈشىدىغان ئويمانلىق ھېسابلانغان ئاتەش يۇرتى تۇرپاننىڭ بولسا، بىر ھەپتىدىن بۇيان ئۇدا 40 سېلسىيە گرادۇستىن ئېشىپ كەتتى، 2- ئىيۇل تۇرپاننىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى كۈندۈزى 41 سېلسىيە گرادۇس، كېچىسى 27 سېلسىيە گرادۇس بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتا بىر ياقتىن روزا تۇتۇپ، يەنە بىر ياقتىن جاپالىق دېھقانچىلىق ئەمگىكىنى قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار، 17 سائەتكە سوزۇلغان ئۇسسۇزلۇق ۋە ئاچلىققا قانداقمۇ بەرداشلىق بېرىۋاتقاندۇ؟ بىر كۈننى نېمىلەرنى قىلىپ قانداق ئۆتكۈزىدىغاندۇ؟
تۇرپان شەھىرىگە قاراشلىق ئاستانە يېزىسى باغۋەنچىلىك كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق روزىدار، سەيدىخان ئانا، قىزىقىش ئىچىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.
ئاتەش يۇرتىدىكى دېھقانلارنىڭ رامىزاندىكى ھاياتىغا قىزىقسىڭىز، يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق، مۇخبىرىمىزنىڭ سەيدىخان ئانا بىلەن ئۆتكۈزگەن رامزان سۆھبىتىگە ئىشتىراك قىلغايسىز.