بۇ يىل 6-ئايدا يۈز بەرگەن خوتەن خانئېرىق ۋەقەسىگە قاتناشقان ۋە كېيىن قېچىپ كېتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بىر ئۇيغۇر ياش مۇخبىرىمىزغا ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى بايان قىلدى. بۇ ئۇيغۇر ياشنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، خانئېرىق مەسچىتىنىڭ 80 ياشلىق خىتاي ھۆكۈمىتى تەيىنلىگەن ئىمامى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، جامائەت ئىمامسىز قالغان ۋە خانئېرىق مەھەللىسىدىكى 23 ياشلىق مەتتۇرسۇننى ئىمام بولۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان. مەتتۇرسۇن جامائەتنىڭ كۈچلۈك تەلىپى ئاستىدا ئىماملىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ ۋەقە چىققانغا قەدەر پەقەت 4 جۈمە نامىزىدا ئىماملىق قىلغان.
مەتتۇرسۇن ئىماملىق قىلغان 4 ھەپتە ئىچىدە ئادەتتە 50-60 ئادەم ناماز ئوقۇيدىغان خانئېرىق مەسچىتىگە نامازغا كەلگەنلەرنىڭ سانى مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. نامازغا كەلگۈچىلەر ئاساسى جەھەتتىن ياش ئىمامدىن پەخىرلەنگەن ياشلار ئىدى. ئەمما مەھەللە چوڭلىرى مەسچىت جامائىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى چۆچۈتۈۋېتىشتىن ئەنسىرەپ ياش ئىمامنى خانئېرىق مەسچىتىگە بارماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ. نەتىجىدە مەتتۇرسۇن 5-ھەپتىسى ئىشى بارلىقىنى ئېيتىپ خانئېرىق مەسچىتىگە بارمايدۇ. خانئېرىق مەسچىتىگە يىغىلغان جامائەت ناماز ئوقۇپ قايتىش ئۈچۈن ئۆز ئىچىدىن دەرھال يەنە بىر ياش بالىنى ئىماملىققا تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇلار ناماز ئوقۇۋاتقاندا خىتاي ساقچىلىرى باستۇرۇپ كېلىپ مەسچىتنى پېچەتلەپ ئىمامنى تۇتۇپ كەتمەكچى بولىدۇ. جامائەت قوزغىلىپ ئىمامنى قاچۇرۇۋېتىپ ساقچىلارنى قوغلىۋېتىدۇ. ئەمما، خىتاي ساقچىلىرى شۇ ھەپتىسى قاچۇرۇلغان ئىمامنى تۇتۇپ كېتىپ قولغا ئالىدۇ. ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەردار ئۇيغۇر ياش شۇ كۈنكى جۈمە نامىزى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
-ساقچىلار ئىمام قېنى دەپ تۇرۇۋالدى، بىز ئۇلارنى ئۇرۇپ، تىللاپ قوغلىۋەتتۇق...
ئۇ كېيىنكى ھەپتىسى جۈمە كۈنى ئەتىگەندە ئۆيىدىن چىقىپلا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ خانئېرىق مەسچىتىنى قورشىۋالغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ شۇ كۈنكى جۈمە نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش جەريانىنى تەپسىلىي بايان قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي تەرەپ جامائەت نامازنى ئوقۇپ بولغۇچە ھېچقانداق ھەرىكەتكە ئۆتمىگەن، پەقەت مەسچىتتىن ئانچە يىراق بولمىغان چوڭ يولغا چىقىپ توپلىشىپ قاراپ تۇرغان.
نامازدىن كېيىن تارقاپ كەتمەي مەسچىتتە قالغانلار 12 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ياشلار بولۇپ، ئۆزلىرى تەيىنلىگەن ياش ئىمامنىڭ قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقى ۋە ئالدىنقى ھەپتە ئىماملىق قىلىپ بەرگەن ياشنىڭمۇ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقى ئۇلارنى قاتتىق غەزەپلەندۈرگەن ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا نەق مەيداندا بار بولغان ئۇيغۇر ياش شۇ چاغدىكى ۋەزىيەتنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
-بەزىلەر قايتىپ كېتەيلى دېدى، ساقاللىق تۆت ئادەم ئوتتۇرىغا چىقىپ: «قايتىپ كەتمەيلى، چوڭ يولغا چىقىپ لاسكويگىچە بارايلى، يولدا مۇسۇلمانلار بىزگە قېتىلىدۇ. بولمىسا بىزنى كېلەر ھەپتە يەنە ناماز ئوقۇغىلى قويمايدۇ، بىزنى نېمە ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىلى قويمايدۇ؟ چىڭ تۇرايلى…» دېدى. بىز ئەگەشتۇق، ساقچىلار فىلىمغا ئېلىپ ئالدىمىزدا ماڭدى.
ئۇ، نامايىشچىلار توپىنىڭ ئاساسى جەھەتتىن موتسىكلىت مىنگەن ياشلار بولۇپ 300 دىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى، يېرىم يولغا كەلگەندە ئۇلارنى ساقلاپ ئالدىن مۆكتۈرۈلگەن خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئوققا تۇتۇلغانلىقىنى ئېيتىپ، نەق مەيداندا ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلار بولۇپ 270 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، باستۇرۇلغان نامايىشچىلارنىڭ ئىچىدىكى ناھايىتى ئاز بىر قىسىملىرىلا قېچىپ كېتەلىگەن بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ساقچىلىرى ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرۇپ سۈرەتكە چۈشۈپ قالغان مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشنى تۇتقۇن قىلغان، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئىچىدە ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى ئىماملىق قىلغان ئابلىز ئىمىنمۇ بار بولۇپ، ئۇ، 5 پاي ئوق تېگىپ ئېغىر يارىلانغان.