ئابدۇغېنى سابىت: «ئۇيغۇرلار خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ قۇربانلىرى بولماقتا!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.07.20
abdugheni-sabir-misir-uyghur-mesilisi.jpg ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇغېنى سابىت بىلەن بولغان سۆھبەت ئاساسىدا يېزىلغان ماقالە. (middleeastmonitor.com توربېتىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان)
Photo: RFA

يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم ئاخبارات ئورگانلىرى مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، سۆھبەت خاتىرىسى ئاساسىدا ماقالىلەر ئېلان قىلدى. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇغېنى سابىت بولۇپ، ئۇ يېقىندا بىرنەچچە ئاخبارات ۋاسىتىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە دائىر بىر قاتار ھادىسىلەر ھەققىدە تېگىشلىك چۈشەنچە بەردى. 

مىسىردا قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر خەلقئارا مەتبۇئاتتا داۋاملىق قىزىق نۇقتا بولۇشقا باشلىدى. نۆۋەتتە مىسىر ساقچىلىرى قولغا ئالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى مىسىر ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈۋالغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ مىسىردىكى سېسىق نامى پۇر كەتكەن «تورا» تۈرمىسىگە يىغىلغانلىقى، بۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ماددىي جەھەتتىكى شارائىتى ئىنتايىن ناچار بولغان تۈرمە كامېرلىرىدا خىتايدىن كەلگەن ساقچىلارنىڭ سوراق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بۇنىڭغا ماس ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن بولغان «مەركىزىي خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى»نىڭ تېزدىن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر ئېقىمىغا سىقىلىپ كىرىۋاتقانلىقىمۇ مەلۇم بولماقتا. ئۇلار ئىشلىگەن تۈنۈگۈنكى سىن خەۋىرىنىڭ بىرىدە، خىتاينىڭ مىسىردىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ مىسىردا ئوقۇۋاتقان «ۋەتەنپەرۋەر» ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەمدە ئۇيغۇر مۇھاجىرلار بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئاچقانلىقى، يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن قانداق بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىسىردا ئوقۇشىغا قانداق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆز قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ھالبۇكى، غەرب دۇنياسىدىكى ئوقۇرمەنلەرگە بۇ ھەقتە مەلۇماتلار بېرىۋاتقان بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بايانلىرى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتىۋاتقان ئەھۋالنىڭ دەل ئەكسىنى تەسۋىرلەۋاتقانلىقىنى مەلۇم. «ئوتتۇرا شەرق كۆزەتكۈچىسى» ئاگېنتلىقىنىڭ گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇغېنى سابىت بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى ئەنە شۇ خىل بايانلارنىڭ بىرىدۇر.

2007- يىلىدىن بۇيان گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇغېنى سابىت مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋەقەسى باشلانغاندىن بۇيان تۇنجى بولۇپ چەتئەل ئاخباراتلىرىغا بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن ئاز ساندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ دەسلەپ «ئەل-جەزىرە» تېلېۋىزىيەسى مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىسىر ساقچىلىرىنىڭ تۇتقۇن ئوبيېكتىغا ئايلانغانلىقى ھەققىدە ئىشلىگەن تەپسىلىي سىن خەۋىرىدە، ئۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولغا ئېلىنىشى ئوتتۇرىسىدا قانداق باغلىنىش ھەققىدە ئۇلارغا چۈشەنچە بەرگەن ئىدى.

ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا، ئابدۇغېنى «ئوتتۇرا شەرق كۆزەتكۈچىسى» ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى ئامېلىيا سىمىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دائىر بەزى ئەھۋاللار ھەققىدە ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئاساسىدا ئىشلىگەن تەپسىلىي خەۋىرى 19-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلىنىپ، غەرب دۇنياسىدىكى ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى.

ئابدۇغېنىنىڭ مۇخبىرلارغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا چەتئەل دۆلەتلىرىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەنپەئەتى ھېسابىغا ئىش قىلىشقا قىزىقتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ خىل تاكتىكىسى ئامېرىكا ياكى ياۋروپا ئەللىرىدە كارغا كەلمەيدىغانلىقى كۆپ قېتىم ئىسپاتلانغان. ئەمما، مىسىرغا ئوخشاش ئىقتىسادىي جەھەتتە تولىمۇ ئاجىز ئورۇندا تۇرىدىغان مەملىكەتلەر بولسا ھەرقاچان بۇ خىل قىزىقتۇرۇشلار ئالدىدا باش ئېگىپ كەلمەكتە ئىكەن. ئۇ مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئىسلام دۆلىتى تۇرۇپ، ئىسلام دۇنياسىدا تولىمۇ شۆھرەتلىك سانىلىدىغان ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قولغا ئېلىپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىدە دەل مۇشۇ ئامىلنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. 

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قولغا ئېلىشى خىتاينىڭ شىمالىي ئافرىقا مەملىكەتلىرىگە مىليونلاپ مەبلەغ سېلىشى بىلەن ماس قەدەمدە ئوتتۇرىغا چىققان. مىسىر بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇلېتىف مەغرەبىي بۇ يىل ماي ئېيىدا مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ «خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلىرى دۇچ كەلگۈسى ھەرقانداق توسالغۇلارنى قومۇرۇپ تاشلايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ مىسىرغا سالماقچى بولغان مەبلىغى بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتى تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلەۋاتقاندا ئۇيغۇرلار ئەڭ زور بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر بولغان.

بۇ ھەقتە پىكىر قىلغان ئابدۇغېنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كەتمەكچى بولۇشىدا ئۇلاردىن ئەندىشە قىلىش ئەمەس، بەلكى باشقىچە نىيەت ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە «ئۇيغۇرلار تېررورچى» دېگەن ئۇقۇمنى تۈركلەر دۇنياسىدا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدا  يېتەرلىك تارقىتىپ بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمدىلىكتە مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرقتە ھەمدە مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا بۇ چۈشەنچىنى بىر قېتىم نامايان قىلماقچى بولغان.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرقى دۇنيا مىقياسىدا «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نىڭ بىر تۈرلۈك ئومۇمىي ئېقىمغا ئايلىنىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ دولقۇنغا ئەگىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆز بولغاندا، ئابدۇغېنى بۇ ھالنىڭ خىتايدا باشقىچە شەكىل ئېلىۋاتقانلىقىنى، تېخىمۇ مۇھىمى ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا مۇستەقىل «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» قۇرغان ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىگە تەھدىت، دەپ قاراپ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بۇ نۇقتىنى «ئۇيغۇرلار خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىشنى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىگە مەنسۇپ بولغان مىللىي دۆلەتنى خىتاي ئىشغالىيىتىدىن قايتۇرۇۋېلىشنى ئىستەيدۇ» دەپ شەرھلىگەن. ئۇنىڭ پىكرىچە، مۇشۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى نوقۇل مەنىدىكى «ئىسلام دۈشمەنلىكى» دەپ چۈشىنىشكە بولمايدىكەن. چۈنكى، ئوخشاش ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان باشقا مىللەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلار پۈتۈنلەي باشقىچە مۇئامىلىگە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.

ئەنە شۇ سەۋەبلەردىن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىسمەتنى «خىتاي خەلقئارادىكى مۇشۇ ئومۇمى ئېقىمدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى ‹دۈشمەن كۈچ› سۈپىتىدە نىشان قىلماقتا» دەپ چۈشىنىش بىرئاز ئاقىلانىلىك بولىدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ قارىشىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. 

بىز ئابدۇغېنى بىلەن سۆھبەتلىشىپ مەخسۇس تېمىدىكى ماقالىنى يېزىپ چىققان ئامېلىيا سىمىسقا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتقاندا، ئۇ بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇشاللىق ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز ئۇنىڭدىن مەزكۇر ماقالىنى يېزىش جەريانىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە قانداق چۈشەنچىگە كەلگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك مەزكۇر ماقالىنى ئوقۇغان غەرب دۇنياسىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە قانداق ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئامېلىيا مۇنداق دېدى:

«شۇنداق. مەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇم چۈشەنچىگە ئېگە ئىدىم، ئەمما بۇ چۈشەنچىلىرىم دەرۋەقە ئابدۇغېنى بىلەن سۆھبەتتە بولغاندىن كېيىن ھاسىل قىلغان چۈشەنچىلىرىمدەك ئۇ قەدەر تەپسىلىي ۋە چوڭقۇر ئەمەس ئىدى. مەسىلەن ئېيتساق، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا زور ساندا كۆچۈشى، ئۇلارغا خىزمەت، ئولتۇراق ئۆي قاتارلىق ئالاھىدە ئىقتىسادىي ئىمتىيازنىڭ بېرىلىشى، شۇنىڭدەك شەرقىي تۈركىستاندا شۇنچە كۆپ مىقداردا تەبىئىي بايلىقلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى، ئەمما بۇ بايلىقلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەس، بەلكى مەركىزىي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە ئىگىدارچىلىق قىلىشى قاتارلىقلارنى بىلگىنىمدە مەن ھەقىقەتەن شۈركۈنۈپ كەتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن شەخسەن شۇنداق ئويلايمەن: مەن يازغان ماقالىنى كۆرگەنلەر شۈبھىسىزكى ئۇ رايوندا زادى نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنىۋالىدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ ھەقتە بەزى ئومۇمىي مەزمۇندىكى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولسىمۇ، ئەمما ئۇ قەدەر تەپسىلىي ئەھۋاللاردىن خەۋەرسىز. سىز بۇنى چۈشىنىسىز. يەنە بىر ياقتىن كىشىلەرنىڭ بۇ ئەھۋاللارغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغايدۇ، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى مەن يازغان ماقالە مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي بېسىپ قولغا ئېلىنىشى ھەققىدىكى تۇنجى خەۋەر ۋە سىن ماتېرىياللىرى ئېلان قىلىنىپ خەلقئارادا بىرىنچى قېتىملىق غۇلغۇلا كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھازىر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ئىككىنچى قېتىملىق غۇلغۇلىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى سۈپىتىدە ئېلان قىلىندى. ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنى نۇرغۇن كىشىلەر ۋە ئورگانلار ئوقۇدى، كۆچۈرۈپ باستى، شۇنداقلا ھەمبەھىرلىدى. مۇشۇنىڭ ئۆزى شۈبھىسىزكى كىشىلەر بۇ تېمىغا بەكمۇ قىزىقتى، دېگەنلىكتۇر.»

ئاخىرىدا ئابدۇغېنى مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلار مەسىلىسىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە زۆرۈرىيىتى توغرىلىق توختالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆتكەن بىرنەچچە ھەپتە مابەينىدە مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا خالىس ياردەم قىلغۇچىلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلاردىكى ئۆز-ئارا ھەمدەرتلىك ئەنئەنىسىنى ۋە قېرىنداشلىق تۇيغۇسىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. 

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر مىسىردا قولغا ئېلىنغان ئوقۇغۇچىلار جىددىي سوراق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى تېخىچە نامەلۇم ھالەتتە تۇرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.