دائىرىلەر «ئەسەبىيلىكنى چەكلەش نىزامى» نى چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈرگۈزمەكتە

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017.04.06
undidar-cheklengen-soz.jpg ئۈندىدار ئىشلەتكۈچىلەر بىر-بىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تارقىتىۋاتقان ئىشلىتىش چەكلەنگەن سۆزلەر.
Social Media

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 1-ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويغان رادىكاللىقنى چەكلەش نىزامى بويىچە يانفون، ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە دىنىي رادىكاللىق ۋە تېررورلۇققا دائىر ئۇچۇر تارقاتقان، ساقلىغانلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى، ئەمما دائىرىلەرنىڭ چەكلەش ۋە تەقىبلەش دائىرىسىنىڭ بۇ قانۇن-نىزاملارنىڭ چەك-چېگرىسىدىنمۇ ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقى مەلۇم. رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاس ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە سۈرەتلىك يوللانغان ئۇچۇرلاردا دېيىلىشىچە، ئۈندىدارنى قوللانغۇچى ئۇيغۇرلار دوستلۇق چەمبىرىكىدە «ئاللا، خۇدا، شۈكرى، تۈرك، تۈركىيە، تۈركىيە بايرىقى، سەئۇدى ئەرەبىستان بايرىقى، ئەرەب، سەبىر، ناماز، دىن...» قاتارلىق سۆزلۈكلەرنى قوللانغانلىقى ئۈچۈنمۇ جازالىنىۋاتقان ئىكەن. يۇقىرىقى سۆزلەرنى ئىشلىتىشنى چەكلەشلەر ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىزدىن، گەرچە ئاپتونوم رايون ياكى ئۈرۈمچىدە بۇ ھەقتە رەسمىي ئۇقتۇرۇش چىقمىغان بولسىمۇ، قەشقەر، خوتەن دائىرىلىرىنىڭ ئالاھىدە مۇقىملىق تەدبىرى سۈپىتىدە بۇ خىلدىكى چەكلىمىلەرنى، مۇناسىۋەتلىك قانۇن ۋە نىزام دائىرىسىدىن ئاشۇرۇپ يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى دەلىللەندى.

6-ئاپرېل رادىيومىز تاپشۇرۇۋالغان سۈرەتلىك ئۇچۇرغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئۈندىداردا ئىسلامى سۆزلەرنى ئىشلەتكەنلەرنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان، ئۇچۇردا دېيىلىشىچە يەنە، تەكشۈرۈلگەندە ئالدى بىلەن دوستلۇق چەمبىرىكىگە كىرىپ، ئىزدەش قانىلىدىن «ئاللا، خۇدا، شۈكرى، چۈش تەبىرى، تۈرك، تۈركىيە، تۈركىيە بايرىقى، سەئۇدى ئەرەبىستان بايرىقى، ئەرەب، سەبىر، ناماز، دىن» قاتارلىق سۆزلۈكلەرنى ئىشلەتكەنلىكى مەلۇم بولغان ئۈندىدار قوللانغۇچىلىرى تۇتقۇن قىلىنىدىكەن. ئىنكاسقا قارىغاندا، دائىرىلەر ھەتتا ئۈندىدارنىڭ ئاۋازلىق سۆزلىشىش سىستېمىغىچە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە خىتايچىغا تەرجىمە قىلىدىغان سىستېمىنى بەرپا قىلىپ قوللىنىۋاتقان ئىكەن.

مۇشۇ خىلدىكى قاتمۇ قات بېسىم ۋە چەكلىمىلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ھوقۇقىنىڭ تامامەن يوق قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىنكاسلارغا ئاساسەن، دائىرىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈندىداردا ھەتتا «دىن، ئاللا، سەۋر، تۈركىيە...» دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىشىنىمۇ قايسى نىزام ياكى قانۇنغا ئاساسەن چەكلىدى؟ چەكلەشنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇنىڭغا جاۋاب ئىزدەش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت ئەڭ جىددىي سانىلىۋاتقان جايلاردىن خوتەننىڭ گۇمىغا تېلېفون قىلدۇق. گۇما جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىن تېلېفوننى ئالغان ساقچى، ئۈندىداردا يۇقىرىقى سۆزلەرنى ئىشلىتىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ چەكلىمىنىڭ نېمىگە ئاساسەن يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.

بىز يەنە، يەكەن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى 1-قوماندانلىق مەركىزىگە تېلېفون ئۇلىدۇق، بۇ ئورۇندىن تېلېفوننى ئالغان خادىممۇ ئۈندىداردا دىنىي گەپ-سۆزلەرنى ئىشلىتىش چەكلىنىدىغانلىقىنى دەلىللىدى:
-ئۈندىداردا قانۇن بويىچە ئىشلىتىش چەكلىنىدىغان گەپ-سۆزلەرنىڭ دائىرىسىنى بىلىۋالاي دېگەنتىم؟
-ئۈندىداردا قانۇنغا خىلاپ چەكلىنىدىغان سۆزلەرنى ئىشلەتسە بولمايدۇ، ئادەتتىكى نورمال گەپ-سۆزلەر، نېمە قىلىدىغان فىلىملار بولسا بولۇۋېرىدۇ.
-ئادەتتە سالاملاشساقمۇ دىنىي گەپلەرنى ئىشلەتسە بولمامدۇ؟ خۇدايىم بۇيرۇسا، ئامىن دېگەندەك...
-نېمىشقا ئىشلىتىسىز ئۇنداق سۆزلىنى؟! بولمايدۇ! ئەلۋەتتە دىنىي گەپنى قىلسىڭىز، قانۇندا ئۇنداق دىنىي گەپلەرنى قىلسىڭىز، يول قويىدىغان ئىش يوق. يەكەن ناھىيىلىك گۇڭئەنجۇ قوماندانلىق مەركىزى ئۇنداق ئىشلاردىن مەسلىھەت بەرمەيمىز.
-ئۇ ئۇقتۇرۇشنى يەكەننىڭ چىقامىدىمۇ؟
-سىز بىلەن مۇناسىۋىتى بارما، نېنىڭ چىقارغان بولسا؟ نېمانداق چەتئەلدە تۇرۇپ تېلېفون قىلىپ ئاخبارات ئىگىلەيسىز؟!
-بۇ مېنىڭ ۋەزىپەم، چۈنكى قىلىۋاتقىنىڭلار قانۇنغا خىلاپ.
-ماڭا دەرس سۆزلىمەي، قانۇندىن مەسلىھەت بېرىدىغان يەردىن سوراپ بېقىڭ جۇما!!!
بۇ خادىممۇ ئوخشاش، بۇ ئادەتتىكى سۆزلەرنى قانۇنغا خىلاپ، چەكلىنىدۇ دەپ قاتتىق تەلەپپۇزدا ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە سىڭىپ كەتكەن بۇ ئادەتتىكى سۆزلەرنى قوللىنىشنىڭ قايسى قانۇن ياكى مىزانغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلمىدى. لېكىن، ھەقىقەتەن بۇ جايلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىنىڭ، ھەتتا نورمال ئىجتىمائىي ئالاقىسىنىڭ دائىرىلەرنىڭ تېخىمۇ ئاشقۇن تەدبىرلىرى ئارقىلىق تەقىب قىلىنىۋاتقانلىقى دەلىللەنگەن بولدى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» نىڭ ئومۇمىي پرىنسىپىنىڭ 3-ماددىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ نىزامدا تىلغا ئېلىنغان ئەسەبىيلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش، چېكىدىن ئاشقان دىنىي ئىدىيە-قاراشنى تەرغىب قىلىش، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقا توسقۇنلۇق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئارىلىشىۋېلىشتەك سۆز ۋە ھەرىكەتنى كۆرسىتىدۇ. بىز، خوتەن، قەشقەرلەردە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ خىل ھەددىدىن ئاشقان چەكلىمىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇۋاتقان تەدبىرمۇ؟ قايسى ئورگان بۇنىڭغا مەسئۇل دېگەندەكلەرنى ئېنىقلاشقا كىرىشتۇق، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇرغۇن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تېلېفون قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مىللىي ۋە دىنىي ئىشلار ئىشخانىسىغا ئۇلاندۇق. بىر خىتاي كادىرنىڭ جاۋابلىرىدىن ئۈندىداردا ئىشلىتىش چەكلەنگەن سۆزلەر ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنىڭ ئۈرۈمچىدە يولغا قويۇلمىغانلىقى، بۇنىڭ پەقەت قەشقەر ۋە خوتەندەك ئالاھىدە مۇقىملىق تەدبىرلىرى ئېلىنىۋاتقان جايلارنىڭ سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قاتتىق باستۇرۇش مەزگىلىدىكى يەرلىك چارىلىرى ئىكەنلىكى ئاشكارا بولدى:

-بۇ، مىللىي ۋە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى نۆۋەتچىلىك ئىشخانىسى.
-ئۈندىداردا دىنغا مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنى ئىشلىتىشنى چەكلەش ھەققىدە بىر ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغان ئىكەن، خەۋىرىڭىز بارمۇ؟
-ئۈندىداردا دىنىي سۆزلەرنى ئىشلىتىشمۇ؟ ئۇنداق گەپ يوق، سىز نەدىن ئالغان ئۇچۇر بۇ؟
-بىزنىڭ ئاڭلىغۇچىلاردىن كەلگەن ئىنكاس ئىدى،
-سىز رادىيو ئىستانسىسىدىنمۇ.
-شۇنداق، ئامېرىكا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدىن، ئىنكاسلاردا ھەتتا ئاللا، دىن، بىسمىللا دېگەندەك ئادەتتىكىدەك سۆزلەرنى قوللىنىشمۇ چەكلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلىپتۇ، ئەجەبا، يېڭى چىقارغان ئەسەبىيلىكنى چەكلەش نىزامىدا بۇ سۆزلەرنى ئىشلىتىش چەكلەنگەنمۇ؟
-ئۇنداق ئەمەس، ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم، ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دېگەندەك ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنى دائىم ئىشلىتىمىز، بۇ نىزامىمىزغا ئاساسلانغاندا بۇلارنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەن ئەمەس. ئۇنداق بىر ماددا يوق، شۇڭا بۇنداق چەكلەش ئۇقتۇرۇشىنى چىقىرىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. مەن مىللىي ۋە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ خادىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئېيتسام، بىز بۇنداق ناھەق بىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەيمىز، لېكىن نىزامنى ئېلان قىلغان ئىكەنمىز، چوقۇم قەتئىي ئىجرا قىلىمىز. بۇ نىزامنى چىقىرىشىمىزمۇ ھەددىدىن ئاشقان رادىكاللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

-ئۇنداقتا بۇ چەكلىمىنى قەشقەر ۋە خوتەن دائىرىلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا چىقىرىش ئېھتىمالى بارمۇ؟
-بۇنىڭغا كېسىپ بىر نەرسە دېيەلمەيمەن، لېكىن، بۇ ئۈچ رادىكاللىقنى توسۇشتا شۇنداق ئالاقە-ئۇچۇرلار ئارقىلىق سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك، مۇنداقچە دېگەندە، قەشقەر ۋە خوتەن قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلەر ئەڭ ئېغىر يۈز بېرىۋاتقان مەركەزلىك ئورۇنلار بولغاچقا، جامائەت خەۋپسىزلىك ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ بۇ جەھەتتە قوللانغان ئالدىنى ئېلىش، زەربە بېرىش تەدبىرلىرى ئۈرۈمچىگە قارىغاندا بىر قەدەر كۈچلۈك. بۇنىڭغا قانداق جازا قوللىنىش ھوقۇقى بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ قولىدا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.