كەنت ئامانلىق مۇدىرى: ئەمرۇللانى ساۋاقداشلىرىنى يۇقۇملاندۇرۇپ قويماسلىقى ئۈچۈن نەزەربەند قىلىۋاتىمىز

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.08.01
Uyg-balilar-Namaz-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﯧﻴﺘﮕﺎﻫ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻰ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ.
AFP Photo

بىز ئۆتكەن ھەپتىلىك ئاڭلىتىشىمىزدا مىسىردىن قايتقان 12 ياشلىق ئەمرۇللانىڭ يوپۇرغىدىكى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىدا نازارەت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدۇق.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ قېتىمقى ئېنىقلىشىدا ئەمرۇللانىڭ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقانلىقى، مەكتەپكە مېڭىشتىن ئاۋۋال ۋە مەكتەپتىن قايتقاندا كەنتكە كېلىپ، ئۆزىنى مەلۇم قىلىۋاتقانلىقى، كەنت كادىرلىرىنىڭ ئۇنىڭ مەكتىپىگە بېرىپ دەرس ئارىلىقلىرىدا ئۇنىڭغا قانۇن تۈزۈم تەربىيىسى بېرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتى ئانالىزچىسى دوكتور قاھار بارات ئەپەندى، بۇ خىل نەزەربەندنىڭ ئەمرۇللاغا كۆرسىتىشى مۇمكىن بولغان ھەر خىل تەسىرلەر ئۈستىدە توختالدى.

بۇ يىل 2-ئايدا مىسىردىن قايتقان ۋە نۆۋەتتە يوپۇرغىنىڭ يەكشەنبە بازار 3-كەنتىدە نەزەربەند ئاستىدا ياشاۋاتقان 12 ياشلىق ئەمرۇللانىڭ كۈندىلىك ھاياتىنىڭ قانداق ئۆتۈۋاتقانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن مەزكۇر كەنت ئامانلىق مۇدىرىدىن مەلۇمات سورىدۇق. ئەمرۇللانى كۈنىگە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم يوقلىما قىلىۋاتقانلىقى، ئوقۇۋاتقان باشلانغۇچ مەكتىپىنىمۇ زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان كەنت ئامانلىق مۇدىرى ئەمرۇللانىڭ ھەپتە ئاخىرىدىكى ئىككى كۈنىنى يەنە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىدا ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ بۇ يەردە تۆۋەنگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تەربىيىسىنى ئېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئامانلىق مۇدىرى دائىرىلەرنىڭ ئاساسلىق ئەندىشىسىنىڭ ئەمرۇللانىڭ مىسىردا ئۆگەنگەنلىرىنى ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا سۆزلەپ يۈرۈپ، ئۇلارنى «يۇقۇملاندۇرۇپ» قويۇش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

12 ياشلىق ئەمرۇللاغا قارىتىلغان بۇ نازارەت، بۇ ئاتالمىش تەربىيە ئۇنىڭ ھاياتىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟ بۇ سوئالىمىزغا ئامېرىكىدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ، سىياسىي كۆزەتكۈچى دوكتور ئەپەندى تۆۋەندىكىچە جاۋاب بەردى.

قاھار بارات ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ سىياسىي نازارەتنىڭ ئەمرۇللانىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىلگىرىلەپ ئوقۇش ۋە خىزمەت تېپىش جەريانىغا كۆپ توسالغۇلارنى يارىتىدىغانلىقى ئېنىق؛ شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، بۇ نازارەت ئەمرۇللانى ئىدىيە ۋە ھېسسىيات جەھەتتىن بىر مەھەل قايمۇقتۇرۇشى، ئەنسىزچىلىككە سېلىشى مۇمكىن. ئەمما يەنە بىر نۇقتىدىن ئەمرۇللا ۋە ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرىنىڭ جەمئىيەتنى بالدۇر چۈشىنىشى، ئۇلاردا توغرا يۆنىلىشتىكى مىللىي ۋە سىياسىي ئاڭنىڭ ئويغىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن. قاھار ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا تەھدىتنى ۋاسىتە قىلغان ھەرقانداق بىر تەربىيەنىڭ كۈتۈلگەن نەتىجىنى بەرمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يۇقىرىدا مىسىردىن قايتقان 12 ياشلىق ئەمرۇللانىڭ نەزەربەند ئاستىدىكى ھاياتى ھەققىدە ئۇچۇر ۋە مۇلاھىزە ئاڭلاتتۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.