دائىرىلەرنىڭ «دىنىي رادىكاللىقتىن يىراقلىشىپ مەدەنىيلىشىش» تەشۋىقاتى تەنقىدكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.08.06
xinjiang-universiiteti-diniy-esebiylikning-mahayiti-we-ziyini-namliq-leksiye-2014.jpg «شىنجاڭ ئۈنۋېرسىتىتى» دا ئۇيۇشتۇرۇلغان «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ماھىيىتى ۋە زىيىنى» ناملىق لېكسىيەدىن بىر كۆرۈنۈش. 2014-يىلى مارت، ئۈرۈمچى.
RFA/Qutlan


ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بىرقانچە يىلدىن بۇيان كۈچەيتىلىۋاتقان «دىنىي رادىكاللىقتىن يىراقلىشىپ مەدەنىيلىشىش» تەشۋىقاتى يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان بۇيرۇق ۋە زورلۇق ۋاسىتىسى بىلەن قاتتىق ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. قەشقەرگە ساياھەتكە بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار قەشقەر كوچىلىرىدا ياغلىق ئارتقان ئاياللار ۋە ساقاللىق ئەرلەر ئۇچرىمايدىغان، توي مۇراسىملىرىدىمۇ «زامانغا لايىق نەغمە - ناۋا بولۇش، مېھمانلارغا شاراب قۇيۇش» تەك باشقىچە بىر مەنزىرىنى كۆرگەن. خىتاي تاراتقۇلىرى بۇ خىل ۋەزىيەتنى «دىنىي رادىكاللىققا زەربە بېرىلىپ، مەدەنىيلىشىش ئومۇملاشتى» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن مەدھىيىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار «قاتتىق قول ۋاسىتىلەر ۋە مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا تېڭىلىۋاتقان ئاتالمىش "مەدەنىيلىشىش" تەشەببۇسىنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، ئۆرپ - ئادەت، مەدەنىيىتى قاتارلىق نازۇك نۇقتىلارغا تېگىشىنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى مەلۇم شەھەردىن قەشقەرگە ساياھەتكە بارغان بىرەيلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىم قەشقەرگە بارغىنىدا ئۆزىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغان مەنزىرە ئۇ بۇندىن بىرقانچە 10 يىللار ئىگىلىرى قەشقەر كوچىلىرىدا كۆرگەن پەقەت قەشقەرنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولغان بېشىغا يارىشىملىق دوپپا ياكى شەپكىلەرنى كىيىپ، ساقال - بۇرۇتلىرىنى چىرايلىق قىلىپ ياسىۋالغان ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر، قىسقۇچلار بىلەن چوڭ رومال ئارتقان ياكى چىرايلىق رەڭدار ياغلىقلارنى ئېڭىكىدىن چىگىۋالغان ئاياللارنى ئۇچراتمىغانلىقىنى، مەسچىت جامىلار ئالدىدا قىزغىن پاراڭ ۋە مۇنازىرىلەرگە چۈشۈپ كېتىدىغان مويسىپىتلارنى ئۇچراتمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «قەشقەرنىڭ ئاشۇ مەنزىرىلىرىنى يەنە بىر كۆرۈش نىيىتىدە ئارزۇلار بىلەن بۇ يىل يازدىكى قەشقەر ساياھىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدۇق. ئەمما كۆرگىنىم شىمالدىكى شەھەرلەردىن پۈتۈنلەي پەرقسىز ھالەتتىكى مەنزىرە بولدى. ھازىر قەشقەردە ھەممە ئادەم ئېھتىياتچان بولۇپ كېتىپتۇ، پۇل تېپىشنىڭ كويىغا چۈشۈپ كېتىپتۇ» دېدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم ئىككى يىلدىن بۇيان ئۆز يېزىسىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان بۇ خىل «مەدەنىيەتلىك ئاياللاردىن بولۇش» تەشۋىقاتى ۋە نەتىجىسىدە، شۇ يېزىدىكى دىندار ئائىلىنىڭ ئوغلىغا نىكاھلانغان بىر قىزنىڭ بېشىدىكى رومىلىنى ئېلىۋەتكەنلىكىنى، ئۆز يېزىسىدا دىنىي يوسۇندا كىيىنگەن دەپ تىزىمغا ئېلىنغان ئاياللارنىڭ مەجبۇرىي ھالدا ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا قاتناشتۇرۇلۇپ، ھازىر ئۇلارنىڭ يېزىسىدا ۋە ناھىيە تەۋەسىدە ئاياللارنىڭ ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن مەدەنىي پاسوندا كىيىنىدىغان مەنزىرە بارلىققا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى

بۇ كىشى بايانىدا قەشقەردە ئۆزى قاتناشقان قىز - يىگىتنىڭ نىكاھ تويىدىكى مەنزىرىنى تەرىپلەپ، «ھۆكۈمەتنىڭ بايانى بويىچە پۈتۈنلەي مەدەنىيلەشكەن بىر توي مۇراسىمىغا قاتناشتۇق. توي مۇراسىمى ئىنتايىن ھەشەمەتلىك بىر رېستوراندا ئۆتكۈزۈلدى. ھېس قىلىشىمچە، رېستوران ئاز دېگەندە 5 - 6 مىليون سوم سەرپ قىلىنىپ بېزەلگەن بولسا كېرەك. ماڭا تېخىمۇ تەسىر قىلغىنى تويدىكى نەزم - ناۋانىڭ ياڭراقلىقى ۋە تويغا قاتناشقانلارنىڭ ئۇسۇل ۋە تانسا ئويناشتىكى قىزغىنلىقى بولدى» دېدى.

رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، بۇلتۇر قەشقەردە توي قىلماقچى بولغان قىز - يىگىتنىڭ نىكاھ مۇراسىمىدىن ئىلگىرى، خەلق ئىشلار ئىدارىسىگە بېرىپ، توي گۇۋاھنامىسى ئالغاندىن باشقا يەنە 500 سومدىن 2000 سومغا قەدەر پۇلنى «توي مۇراسىمىدىكى ‹نەغمە - ناۋا كاپالەت سوممىسى› نامىدا تاپشۇرغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. ئەينى چاغدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئوقۇغۇچى قىز ئۆزى تېخى توي قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ خىل زاكالەت پۇلىنى تاپشۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى تولۇق بىلمىسىمۇ، ئەمما باشقىلاردىن توي قىلماقچى بولغان يىگىت - قىزنىڭ توي خېتى ئېلىشقا بارغىنىدا، خەلق ئىشلار ئىدارىسىدە يەنە 500 سوم ‹نەغمە - ناۋا كاپالەت سوممىسى› نى تاپشۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ خىل مەجبۇرلاش تۈسىنى ئالغان «مەدەنىيلىشىش» تەشەببۇسى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىيالىيلارنىڭمۇ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.

نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سەرخىللىرىدىن ئانا تىل تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، «بۇ خىل تەشۋىقات ھەتتا ئىنسان ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدىكى مەجبۇرلاش تۈسىنى ئالغان «مەدەنىيلىشىش» نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە مىللىي پسىخىكىسىغا قارىتا بۇزغۇنچىلىق ۋە ۋەيران قىلىش خاراكتېرىنى ئالغىنى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە بولغان نارازىلىق كەيپىياتىنى كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقى» نى تەكىتلىدى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە تەكلىپ بېرىش ۋە تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىش، دوكلات يوللاپ مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق يەتكۈزسە ئەلۋەتتە مەلۇم ئۈنۈمى بولۇشى مۇمكىنلىكىنىمۇ بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.