خىتايدىكى «ئىسلامدىن قورقۇش خائىشى» چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا
2016.09.16

خىتايدىكى تۈرلۈك تور بەتلەردە مۇسۇلمانلار ھەققىدە قىلىنىۋاتقان ھارارەتلىك مۇنازىرىلەر، ئۆچمەنلىك بىلەن تولغان سۆزلەر چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. بۇ ھەقتە چەتئەللەردىكى مەتبۇئاتلاردا مۇشۇ بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئارقا - ئارقىلاپ ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. كۆزەتكۈچىلەر خىتايدا مۇسۇلمانلارغا قارىتا بىر تەرەپلىمە قاراش ئوڭشالمىغان تەقدىردە بۇنىڭ خىتايدىكى مۇسۇلمانلار ئەمەس، خىتايلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈنمۇ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىشقان.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، بىر قانچە كۈندىن بۇيان چەتئەللەردىكى مەتبۇئاتلاردا خىتايلاردىكى «ئىسلامدىن قورقۇش، ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش» خاھىشى ھەققىدە مۇنازىرىلەر بولماقتا. بۇ ھەقتە «دىپلومات» ژۇرنىلى، ئەنگلىيە «ئېكىسپرېس» گېزىتى ۋە «تاشقى سىياسەت» ژورناللىرىدا ئارقا - ئارقىلاپ ماقالىلەر ئېلان قىلىندى.
دىپلومات ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى رەسمىي خەۋەر مەنبەلىرىدە تا ماۋ زىدۇڭ دەۋىرىدىن تارتىپلا، ئىسلام ۋە ياكى مۇسۇلمانلار ھەققىدىكى تالاش - تارتىشلار خەۋەر قىلىنماي كەلگەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھۆكۈمەت رەسمىي ئاخباراتچىلىق پرىنسىپلىرىدا بۇ تېمىدىن ئۇزاق تۇرۇپ كەلگەن. بىراق، تور دۇنياسىنىڭ شەكىللىنىشى، تور مۇنازىرىسىنىڭ بەرپا بولۇشى بىلەن خىتايدىكى مۇسۇلمانلارغا بولغان ئۆچمەنلىك ۋە ئىسلامفوبىيا سۇ يۈزىگە چىقىپ قالغان.
ماقالىدە مۇنداق دېيلگەن : «ئىجتىمائىي ئالاقە تور بەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن ھەممە نەرسە ئۆزگەردى. يېقىندا بىر قىسىم تور قوللانغۇچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئىچىدىكى مۇسۇلمانلارغا تۇتۇۋاتقان ئاتالمىش «يۇمشاق» سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى. بەزى تور قوللانغۇچىلىرى ھەتتا خىتاينىڭ ئىچىدىكى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمانلارغا ئېغىر ھاقارەت قىلىدىغان سۆزلەرنى ئىشلەتتى. خىتايدىكى تور بەتلەردە ئىپادىلىنىۋاتقان مۇسۇلمانلارغا قارشى خاھىش خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئېتنىك ۋە دىنىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن يېڭى بىر خىرىس پەيدا قىلماقتا.»
گېزىتتىكى ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، توردا خىتايدا مۇسۇلمانلارغا بولغان ئۆچمەنلىكنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نۇرغۇن مىساللارنى تاپقىلى بولىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى خىتاي تور قوللانغۇچىلىرى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان «يېشىل دىن»، «يېشىل رەڭلىكلەر» دېگەن سۆزلەردىنمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن. خىتاي تور قوللانغۇچىلىرى ئادەتتە ئىسلام ۋە مۇسۇلمان دېيىشنىڭ ئورنىغا يۇقىرىدىكى سۆزلەرنى ئىشلىتىدىكەن. مەسىلەن، ھەر قېتىم بىرەر يەردە پارتلاش ۋەقەسى كۆرۈلگەن بولسا، توردا دەرھال ھارارەتلىك مۇنازىرىلەر باشلىنىپ كېتىدىكەن ۋە ئۇلار «بۇنى چوقۇم يېشىللار قىلغان» دەپ يەكۈن چىقىرىدىكەن. تېخىمۇ قىزىقارلىقى، ماۋ زىدۇڭ ۋە دېڭ شياۋپىڭ دەۋرىدە، ھۆكۈمەت ئەرەب دۆلەتلىرىنى بولۇپمۇ پەلەستىننى قوللاشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خىتاي پۇقرالىرىدا ئىسرائىلىيىنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشىنى قوللايدىغانلارنىڭ سانى ئالاھىدە يۇقىرى ئىكەن.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى دوكتور قاھار بارات ئەپەندى ھازىر ئىسلامدىن قورقۇش خائىشى - «ئىسلامفوبىيا»نىڭ دۇنيادىكى بىر ئومۇمىي ئېقىم بولۇش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن يۈرگۈزگەن سىياسىتى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
«تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى تور قوللانغۇچىلىرى ئارىسىدا ھەتتا مۇسۇلمانلارنىڭ «ھالال» يېمەكلىك يىيىشنى تاللىشىنىمۇ «رادىكاللىق» نىڭ ئالامىتى دەپ قارايدىغانلار بار بولۇپ، ھەتتا خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ سابىق تەتقىقاتچىسى شى ۋۇيى خۇي مۇسۇلمانلىرىنىڭ «ھالال» يېمەكلىكلەرگە قارىتىلغان باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى تەلىپى ئىزھار قىلىنغان بىر ماقالىگە سۆز يېزىپ، ھالال يېمەكلىك يىيىشنى رادىكال ئىسلام بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويغان. ئۇ سۆزىدە«ھالال يېمەكلىك ھەققىدە قانۇن تەلەپ قىلىۋاتقان بۇ كىشىلەر، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ئېتنىك ئۆكتىچىلىك قىلىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى بۇزماقچى ۋە تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ھوقۇق ۋە مەنپەئەتكە ئېرىشمەكچى» دەپ يازغان ئىكەن. ماقالە ئاپتورى، بۇ خىلدىكى ئۆچمەنلىك بىلەن تولغان سۆزلەرنىڭ خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ خىتاي جەمئىيىتى ئارىسىدىكى ئسىلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا بولغان بىر تەرەپلىمە قاراشنى ئوڭشاش ئۈچۈن ئىنتېرنېت تورىنى قوللىنىپ تۇرۇپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قاتار ھەرىكەتلىرىنىڭمۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئۈنۈمسىز قېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. قاھار بارات ئەپەندى بولسا خىتايدىكى مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش خاھىشى ئەگەر مۇشۇ پېتى كېتىۋەرسە، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
«ئېكىسپرېس» گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە «خىتايدا ياشاۋاتقان 20 مىليون مۇسۇلمان ئاھالىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي بېسىم سىياسىتى بىلەن ئىنتېرنېتتىكى تور جامائىتىنىڭ ئۆچمەنلىكى ئارىسىدا قالدى» دەپ يازغان ئىدى. ئۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان يەنە بىر نۇقتا بولسا، خىتاي تور قوللانغۇچىلىرىنىڭ دۇنيا دۆلەتلىرى يۈزلىنىۋاتقان مۇساپىرلار كرىزىسىغا تۇتۇۋاتقان مەسخىرىلىك پوزىتسىيىسى بولغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تورداشلار بىردەك ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىلارنى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى قاتتىق مەسخىرە قىلغان. بەزى تورداشلار ياۋرۇپا مۇشۇنداقلا ماڭسا «ياۋرۇپا ئىستان» غا ئايلىنىپ قالىدۇ، دېگەن. خىتاي دۇنيانىڭ باشقا يېرىگە قارىغاندا تېررولۇق ھۇجۇمىغا ئەڭ ئاز ئۇچرىغان تۇرۇغلۇق ئىسلامفوبىيانىڭ بۇنداق كۈچلۈك بولۇشى ماقالىدە دىققەت تارتىلغان نۇقتىلارنىڭ بىرى. قاھار بارات ئەپەندى بۇنى ئاياقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ ئوينايدىغان رولىنىڭ ئىنتايىن زورلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭ ئەكسىنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
تاشقى سىياسەت ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن. ئاپتور مەتتىيېۋ ئېرى ماقالىسى ئاخىرىدا ئەسكەرتىپ : «خىتاي ئىسلام قانۇنلىرى ھەققىدىكى يەرشارى خاراكتېرلىك تالاش - تارتىشلارغا قېتىلىۋاتقان بىر شارائىتتا، پايدىلىق مۇنازىرىنى بەرپا قىلىدىغان تەڭپۇڭ كۆز قاراشلارنىڭ كۆپرەك ئېلان قىلىنىشى دۆلەتتىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ خىتاي قوشنىلىرى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق» دەپ يازغان.