خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ بىر ھەيئىتى تۈركىيەنى زىيارەت قىلدى

0:00 / 0:00

تۈركىيە دىنى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادىلجان باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ۋە تۇڭگانلاردىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلدى ۋە تۈركىيە دىنى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ رەئىسى پروفېسسور مەھمەت گۆرمەز ئەپەندى بىلەن ئۇچراشتى.

ھەيئەتنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلغان تۈركىيە دىنى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەھمەت گۆرمەز بۇ زىيارەتتىن خۇشال بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ، تۈركىيە دىنى ئىشلار ئىدارىسى بىلەن خىتاي دىنى ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن داۋام قىلىۋاتقان مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە نىسبەتەن ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پروفېسسور مەھمەت گۆرمەز، تۈركىيە دىنى ئىشلار ئىدارىسى بىلەن خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان مۇناسىۋەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:
«تۈركىيە دىنى ئىشلار ئىدارىسى بىلەن خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى ئوتتۇرىسىدا يېقىندىن بۇيانقى تەرەققىي قىلغان مۇناسىۋەتلەر ئىككى دۆلەتتە چوڭ ئىزلارنى قالدۇردى. خىتايغا ئېلىپ بارغان زىيارەتلەردە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ دىنى ئىدارىلىرى ئوتتۇرىسىدا تۇنجى قېتىم ئىشىكلىرى بىر-بىرىگە ئېچىلدى. ئىشىكلەر ئېچىلىشى بىلەنلا كۆڭۈللەرنىڭ بىر-بىرىگە ئوچۇق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى. قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىملەرگە ئىمزا قىلىنىشى ۋە ئۇ كېلىشىملەرگە ئۇيغۇن ھالدا خىزمەتلەرنىڭ باشلىنىشى ئىنتايىن خۇشاللىق بىر ئىشتۇر. ئۆتكەن قېتىمقى زىيارىتىمىز ھەم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۈرۈمچىدە، ھەم بېيجىڭدا ھەم يىڭ چۈئەندە ئۇنتۇلغۇسىز ئىزلار قالدۇردى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن دىنى ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى خىتايدىمۇ مۇھىم ئىزلار قالدۇرغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

خىتايدا ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا 13 ئەسىردىن بۇيان ئىسلام مەدەنىيىتى قوغدالدى

تۈركىيە دىنى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پروفېسسور مەھمەت گۆرمەز، خىتايدا ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ئېتىقادىنىڭ 13 ئەسىردىن بۇيان يوقاپ كەتمەي داۋام قىلىشىدا ھەم خىتايدىكى مۇسۇلمانلار ھەم خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۆز-ئارا ھۆرمەتلىشىش سايىسىدا بۈگۈنكى كۈنگىچە داۋام قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئىپادىلىدى ۋە خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىدىن كەلگەن ھەيئەتكە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئەجدادلىرىڭلار بىلەن پەخىرلىنىڭلار، 13 ئەسىردىن بۇيان خىتاي دۆلىتىدە ئۆز سالاھىيىتىڭلارنى، ئېتىقادىڭلارنى، مەدەنىيەت-قىممەتلىك يادىكارلىقلىرىڭلارنى بۈگۈنكى كۈنگىچە قوغداشتا مۇۋەپپەقىيەت قازاندىڭلار. ياۋروپادا ئىسپانىيە مۇسۇلمانلىرىدىن ھېچ بىر ئەسەر قالمىدى، خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداپ قېلىشى خىتاي دۆلىتىگە نىسبەتەن ئىجابىي قاراشقا سەۋەب بولۇۋاتىدۇ.»

ئۆزلىرىنى دۇنيادىن يىراق تۇتقان خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا ئالغا ئىلگىرىلىشى مۇمكىن ئەمەس

پروفېسسور مەھمەت گۆرمەز يەنە مۇنداق دېدى: «بەك ئۇزاق ئارىلىقتا بولسىمۇ تۈركىيەدىكى دىنى ئىشلار ئىدارىسى بىلەن خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپىرلارنىڭ يېقىنلىشىپ ئورتاق خىزمەت قىلىشىنىڭ باشلىنىشى ئىككى دۆلەتنىڭ، بەلكى دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى ئويلاۋاتىمەن. ئۆزلىرىنى دۇنيادىن ئۇزاق تۇتقان خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت تارىخى ئىچىدە ئالغا ئىلگىرىلىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈنكى دۇنيادا پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ قەلبلىرىنى بىر-بىرىگە ئېچىشى، ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى پەقەت ئۆزلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. سىلەرنىڭ بۇ زىيارىتىڭلارمۇ مۇشۇنىڭغا ۋاسىتە بولىدىغانلىقىغا ۋە تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىمنى ئىپادىلەشنى خالايمەن.»

ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەت جەريانىدا سۆز قىلغان خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادىلجان تۈركىيە زىيارىتىنىڭ مەقسىتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ يەرنى زىيارەت قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ مۇھىم بىرى بولسا، تۈركىيەدىكى دىنى باشقۇرۇش ۋە دىنى ئىشلار ئىدارىسى توغرىسىدا ئۇلارنىڭ تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىش، دىنى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا نامرات، ئېھتىياجلىق ئىنسانلارغا ياردەم قىلىشى، فىلىپپىندىكى تەبىئىي ئاپەتتىن كېيىن ياردەم بېرىشى، ئافرىقىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىكى نامرات ئىنسانلارغا ياردەم قولىنى ئۇزىتىشى ۋە ئېھتىياجى بولغان رايونلارغا مەسچىت-جامى قۇرۇلۇش ياسىغانلىقى بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ۋە بىزنى ھاياجانلاندۇرىدىغان خىزمەتلەردىن بىرىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دىنى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ دىنى نەشرىياتچىلىقى بىز ئۈچۈن ئۈلگە ھاسىل قىلىدۇ. بىزنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرىمىزدىن ئۆگىنىدىغان كۆپ نەرسە بار. خىتايدىكى مۇسۇلمانلارغا پايدىسى بولۇشى ئۈچۈن سىلەرنىڭ بۇ تەجرىبىلىرىڭلاردىن پايدىلىنىشنى خالايمىز، خىتايدىكى دىنى مۇھىتتىكى ھاياتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشىۋاتىمىز.»

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادىلجاننىڭ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت خىتاينىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدىكى ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ ھەيئەت ئەنقەرەنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن كونىيانى زىيارەت قىلىپ كونيا مۇفتىسى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن كونىيادىكى مەۋلانە جالالىدىن رۇمىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلغان.

تۈركىيە دىنى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەھمەت گۆرمەز 9-ئايدا ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىپ، نۇر بەكرى بىلەن ئۇچراشقان ۋە كېيىن ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئىنستىتۇتىنى زىيارەت قىلىپ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدى.

ئۆتكەن يىلى خىتاي دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ئوتتۇرىسىدا دىنىي تەلىم تەربىيە ۋە دىن خىزمەتلىرى ساھەلەردە ئورتاق خىزمەت-پائالىيەتلەر قىلىش مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزۈپ ئىمزالانغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەھمەت گۆرمەز مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرئان كەرىم قاتارلىق دىنى كىتابلارنى نەشر قىلىپ تارقىتىش، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى دىنىي تەلىم تەربىيە بېرىش، دىنىي خىزمەت-پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا خىتاي تەرەپ بىلەن ھەمكارلىق قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ ئىككى دۆلەت دىنى ئىشلار ئىدارىلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىستانبۇل مارمارا ئۇنىۋېرسىتېت ئۇچۇر-ئالاقە بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇلھەمىت ئاۋشار، بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيان ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈركىيە دىنى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ بۇ مۇناسىۋەتلەردە تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى ئەركىنلىك جەھەتتە ئوخشاشمايدىغان پەرقلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلىشى كېرەكلىكى ۋە خىتاي دىنى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكى بېسىم ئاستىدا ئىكەنلىكىنى كۆز ئالدىغا قويۇپ مۇناسىۋەت قىلىش كېرەكلىكى، شىنجاڭ دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر ياكى شەرقىي تۈركىستان ئاتالغۇسىنى تىلغا ئېلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.