خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، خىتايدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ھالبۇكى، چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر خىتايدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئەڭ ئېغىر چەكلىمىلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
3-ئاپرېل، سەيشەنبە كۈنى، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى «خىتاينىڭ دىنىي پائالىيەتلەر ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش سىياسەتلىرى» ماۋزۇلۇق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى. خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە تىللاردا تارقىتىلغان بۇ دوكلاتنىڭ كىرىش قىسمىدا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي كومپارتىيەسى باشچىلىقىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت بولغان خىتاي، دۆلەت ئىشلىرى ۋە دىنىي مەسىلىلەردە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۆز پۇقرالىرىنىڭ دىنغا ئىشىنىش ئەركىنلىكىنى قوغداپ، ئاكتىپ ۋە ساغلام مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، دىنلار ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت ئىناقلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ كەلمەكتە».
دوكلاتتا يەنە 2012-يىلىدىكى 18-قۇرۇلتايدىن كېيىن شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئىشلارنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ۋە قىلمايدىغانلار ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، دىنىي ئېتىقاد ۋە دىنىي پائالىيەتلەر كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بىر جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىپ، «جۇڭگو چۈشى» نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يولىدا ھەسسە قوشقانلىقى بايان قىلىنغان.
ھالبۇكى، خەلقئارادىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بۇنىڭ دەل ئەكسىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. تېخى بۇ يىل 1-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئامېرىكا «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قارارى» غا ئاساسەن ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، خىتاينى دىنىي ئەركىنلىك جەھەتتە «ئالاھىدە ئەندىشە قوزغاۋاتقان دۆلەتلەر» قاتارىغا كىرگۈزگەن ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتتا خىتايدا شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان دىنىي بېسىمنىڭ قاتتىق كۈچىيىپ كەتكەنلىكى، بولۇپمۇ 2017-يىلى ماقۇللانغان «دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نىزامنامىسى» نىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنىي ئېتىقاد ھەقلىرىنى ۋەيران قىلىشتا قوللىنىلغانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، يۇقىرىدىكى بۇ ئاق تاشلىق كىتابنىڭ ئىچىدە دېيىلگەنلەرگە باھا بېرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ كىم تەرىپىدىن چىقىرىلغانلىقىغا قاراش كېرەك، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بۇ ئاق تاشلىق كىتاب خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم ئورگانلىرىدىن بولغان خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىنىڭ ئۇچۇر ئىشخانىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان. بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى دۇنياغا قاراتقان تەشۋىقاتىنى كونترول قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئورگىنى. شۇڭا بۇ ئورگان تەرىپىدىن چىقىرىلغان دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىدىن باشقا كۆز قاراشلارغا ئورۇن بېرىلمىگەن. دىنى ئەركىنلىكنىڭ پەرقلىق قاتلاملىرى تىلغا ئېلىنمىغان. دوكلاتتا ئومۇميۈزلۈك ئالغا سۈرۈلگىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆتكەن يىللار مابەينىدە خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى ياخشىلىغانلىقى ئالغا سۈرۈلگەن. مەنچە، بىز يۇقىرىدىكى بۇ جۈملىنى «خىتاي كومپارتىيەسى ئۆتكەن يىللار مابەينىدە خىتايدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئەڭ قاتتىق كونترول ئاستىغا ئالدى» دەپ چۈشەنسەك ناھايىتى مۇۋاپىق بولىدۇ».
خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىدىكى بۇ ئاق تاشلىق كىتابىدا خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىكنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىگە مىسال سۈپىتىدە تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسەتكەن:
«2017-يىلى سېنتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا، خىتاي ھۆكۈمىتى 91 دىنىي مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى، ئۇلار 41 بۇددىزم، 10 داۋىزم، 10 ئىسلام، 9 كاتولىك ۋە 21 پروتېستانت مەكتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتايدا ئىسلام ئىنستىتۇتى، بۇددىزم ئاكادېمىيەسى قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك 6 دىنىي ئالىي مەكتەپ بار. يۇقىرىدىكى بۇ مەكتەپلەرنىڭ 10 مىڭدىن ئوشۇق ئوقۇغۇچىسى بار بولۇپ، ھازىرغىچە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئومۇمىي ئوقۇغۇچى سانى 47 مىڭ نەپەر.»
ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە، خىتايدا ئىسلام دىنى، بۇددا دىنى ۋە خرىستىئان دىنىغا ئائىت كىتاب-ژۇرناللارنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن نەشر قىلىنىۋاتقانلىقى، مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى قۇرئان كەرىمىنىڭ خىتايچە، ئۇيغۇرچە، قازاق ۋە قىرغىزچىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغانلىقى قاتارلىقلارمۇ دىنىي ئەركىنلىككە مىسال قىلىپ كۆرسىتىلگەن.
ھېنرىي شاجېسكىنىڭ قارىشىچە، بۇ ئاق تاشلىق كىتاب نۇرغۇنلىغان سان-سىفىرلار ۋە ستاتىستىكىلار بىلەن تولدۇرۇۋېتىلگەن. ئۇنىڭدا خىتايدىكى دىنىي مەكتەپلەرنىڭ، چېركاۋ ۋە مەسچىت قاتارلىق دىنىي ئورۇنلارنىڭ سانى بېرىلگەن، ئەمما ئۇ ئورۇنلاردا نېمىلەر بولۇۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. خىتايدىكى دىنىي تەلىم-تەربىيەنىڭ مەزمۇنى، دىنىي ئورۇنلاردا ئالغا سۈرۈلۈۋاتقان ئىدىيەنىڭ نېمىلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.
ھېنرىي ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «شۇڭا بىز بۇ يەردە دىنغا ئىشەنگۈچىلەر يەنى ئىسلام دىنى، خرىستىئان ۋە ياكى بۇددا دىنى ئىشەنگۈچىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ھەقىقىي ئوي-پىكىرلىرىنى بىلمەيمىز. شۇڭا خىتايدا دىنىي ئەركىنلىكنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇپ-بولمايۋاتقانلىقىغا يۇقىرىقى ستاتىستىكا نومۇرلىرى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنغا قاراپ باھا بېرىش كېرەك.»
ھېنرىي شاجېسىكى شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىدىن بۇيان خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنىڭ ئەڭ قاتتىق دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيى تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىم بۇ ھەقتىكى سۆزىدە، شى جىنپىڭ مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدىلا ئىنتايىن ئېغىر بولغان دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونى يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىلىرى بىلەن قاتتىق كۆزىتىلىۋاتقان بىر شارائىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
خىتايدا بۇ يىل 1-فېۋرالدىن باشلاپ ئىشقا كىرىشكەن يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «دىنىي ئىشلار باشقۇرۇش نىزامى» دا دىنغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق پائالىيەتلەر ھەققىدە كونكرېت بەلگىلىمىلەر چىقىرىلغان ھەم شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئاساسىي نىشان قىلغان ھالدا ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان. بۇ يېڭى نىزامدا دىنىي گۇرۇھلار ۋە شەخسلەر، ئۇلارنىڭ چەتئەل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، دىنىي سورۇنلار، زاكات يىغىش، دىنىي تەربىيە، دىنىي مەكتەپ، دىنىي يىغىلىش، توردا دىنىي تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلىش، دىنىي تەبلىغ، چەتئەلدىكى دىنىي كۇرس ياكى دىنىي يىغىنلارغا قاتنىشىش قاتارلىق دىنغا چېتىشلىق بولغان بارلىق پائالىيەتلەر تېخىمۇ قاتتىق كونترول ئاستىغا ئېلىنغان. يېڭى نىزامدا يەنە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىنىڭ سىرتىدىكى بەزى دىنىي گۇرۇھلار ۋە شەخسلەرنىڭ يۇقىرىقىدەك دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى تېخىمۇ قاتتىق چەكلەنگەن.
0:00 / 0:00