شى جىنپىڭنىڭ «سوتسىيالىستىك دىن نەزەرىيىسى» تەنقىدكە ئۇچرىدى

0:00 / 0:00

24-ئاپرېلدىكى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئېچىلغان دىنىي خىزمەت يىغىنىدا، «ھەرقانداق دىنىي ئېتىقاد كومپارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىگە بويسۇنۇش»، «سوتسىيالىستىك دىن ئېتىقادى نەزەرىيىسىدە چىڭ تۇرۇش» نى تەكىتلىگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر-ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، خرىستىئان مۇرىتلىرى، فالۇنگۇڭ قاتارلىقلارغا قاراتقان دىنىي باستۇرۇش سىياسىتى خەلقئارادا قاتتىق تەنقىدلىنىۋاتقان مەزگىلدە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئاشكارا ھالدا «دىنىي ئېتىقاد كومپارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىگە بويسۇنۇش»نى تەلەپ قىلىشى خەلقئارا تاراتقۇلاردا مۇنازىرە قوزغىدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىمۇ پىكىر بايان قىلىپ، دۆلەت رەئىسى بولغان شى جىنپىڭنىڭ «دىنىي ئېتىقاد كومپارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىگە بويسۇنۇش»نى تەرغىب قىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى بار، كومپارتىيە دىنىي ئېتىقادقا ھۆرمەت قىلىدۇ» دېگەن نەزەرىيىسىنى ئاشكارا ئىنكار قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان دىنىي ئېتىقاد باستۇرۇشىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 22-23-ئاپرېل ئىچىلگەن دىنىي خىزمەت يىغىنىدا خەلقئارادا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلاپ، «جۇڭگونىڭ دىنىي ئېتىقاد مەسىلىسىدىكى نەزەرىيىسى ۋە سىياسىتى توغرا، جۇڭگودا كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىستىك دىنىي ئېتىقاد نەزەرىيىسىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك» دېگەن سۆزلىرى خىتاي تاراتقۇلىرىدا نەقىل ئېلىپ بېرىلگەندىن كېيىن، خەلقئارا تاراتقۇلاردا مۇنازىرە قوزغىدى.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان«شى جىنپىڭ خىتايدا سوتسىيالىستىك دىن نەزەرىيىسىنى تەلەپ قىلدى» سەرلەۋھەلىك خەۋەر ئانالىزىدا، «خەلق گېزىتى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىستىك دىن نەزەرىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شى جىنپىڭنىڭ «دىنىي ئېتىقاد بىلەن سوتسىيالىستىك جەمئىيەت ئۆز-ئارا ماسلىشىشى، دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار كومپارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئالدى بىلەن خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە بويسۇنۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى » دېگەن بايانلار بېرىلدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر ئانالىزىدا يەنە، ئامېرىكا يېقىندا ئېلان قىلغان «ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى»دا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەنگەنلىكى ۋە خىتاينىڭ ئامېرىكىنى «كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلاشتى» دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ خىتاينىڭ دىنىي باستۇرۇش سىياسىتى خەلقئارادا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە بۇ سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي سىياسىتىنى ئاقلاۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

شى جىنپىڭنىڭ خەلقئارادا خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش سىياسىتى قاتتىق تەنقىدلىنىۋاتقان مەزگىلدە، ئۆزىنىڭ دىنىي سىياسىتىنى تۈزىتىشنىڭ ئورنىغا، خىتايدا «دىنىي ئېتىقاد كومپارتىيىنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇش»نى ئاشكارا تەرغىب قىلىشى چەتئەتللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭمۇ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئابدۇلئەزىز ئەپەندى، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «دىنىي ئېتىقاد كومپارتىيىنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇش»نى تەلەپ قىلىشى يېڭىلىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان كۈندىن باشلاپ، ھەر خىل ناملاردىكى دىنىي باستۇرۇشقا ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم، «خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ دىنىي زاتلاردىن كومپارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىگە بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلىشى، ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئەڭ ئەقەللىي ئىنسان ھەقلىرىنىڭ بىرى بولغان دىنىي ئېتىقادقا قىلىنغان ھاقارەت » دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زۇبەيرە خانىم يەنە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى باستۇرۇلۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە بېرىلگەن خەۋەردىكى ئەمەلىي پاكىتلار ئاساسىدا بىرقانچە پارچە دوكلات ئېلان قىلغانلىقىنى ۋە بۇ دوكلاتلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى جەھەتتىكى باستۇرۇشى، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقى ئەھۋالىغا دۇنيا جامائەتچىلىكى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جىددىي دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بولسا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «دىن كومپارتىيىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇشى كېرەك» دېگەننى تەشەببۇس قىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېلان قىلغان «خىتايدا ھەرقانداق پۇقرانىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى بار» دېگەن قەغەز يۈزىدىكى قانۇنىي بەلگىلىمىلىرىنىمۇ ئاشكارا ئىنكار قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەت ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان دىنىي ئېتىقاد باستۇرۇشىغا جىددىي دىققەت قىلىپ، زۆرۈر بولغان قارار ۋە تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.