كۆزەتكۈچىلەر: خىتايدىكى ئىسلام ۋەھىمىسى ئۇيغۇرلارنى قارشىلىققا مەجبۇرلايدۇ!

0:00 / 0:00

بۇ يىلقى رامزان مەزگىلىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلغان رامىزانغا دائىر پائالىيەتلەرنى چەكلەش تەدبىرلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلىرى بۇ خىلدىكى «ئىسلام ۋەھىمىسى» ئاساسىدا ئىجرا قىلىنغان دىنىي سىياسەتلەر ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاممىسى ئارىسىدا قارشىلىقتىن باشقا نەرسە پەيدا قىلالمايدۇ، دېگەن يەكۈننى چىقارماقتا.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرلىرى ۋە رادىيومىز مۇخبىرلىرىنىڭ بىۋاسىتە ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرى بۇ يىلقى رامزان ئېيى مەزگىلىدە خىتاي دائىرىلىرى يىللاردىن بۇيان يولغا قويۇپ كەلگەن رامىزانلىق پائالىيەتلەرنى چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ھۆكۈمەتتىن مائاش ئالىدىغان ھەرقانداق خىزمەتچىنىڭ بۇ مەزگىلدە رامىزانلىق پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلىشىنى قەتئىي مەنئى قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ كەسىپداشلىرى ياكى خىزمەتداشلىرىنىڭمۇ بۇ خىلدىكى دىنىي پائالىيەتلەرگە ئارىلاشقان-ئارىلاشمىغانلىقىغا «كۆز-قۇلاق» بولۇش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان. يەنە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەرقايسى جايلارغا «خىزمەت گۇرۇپپىسى» دېگەن ناملاردا ئەۋەتىلىپ، يەرلىك خەلقنىڭ رامىزانلىق پائالىيەتلىرىگە قاتناشماسلىقىغا كېپىللىك قىلىشقا بۇيرۇلغان.

پۇقرالارنىڭ تىنچ شەكىلدىكى دىنىي تۇرمۇشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىشتەك بۇ ھەرىكەتلەر چەتئەللەردىكى ھەرقايسى مەتبۇئاتلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىدىكى مۇشتىرىلار سانى ئەڭ كۆپ بولغان «ۋال-سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىگە بېسىلغان «خىتايدىكى ئىسلام ۋەھىمىسى: شىنجاڭدىكى يېڭى زۇلۇم ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىنى قوزغايدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئەنە شۇ خىلدىكى مۇلاھىزىلەرنىڭ بىرىدۇر.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، دىنىي سىياسەت جەھەتتىكى بۇ خىل جىددىي ئۆزگىرىشلەر ئاساسىي جەھەتتىن چېن چۇەنگو ئۇيغۇرلار دىيارىغا يېڭىدىن پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن يولغا قويۇلغان تەدبىرلەرنىڭ نەتىجىسى، دەپ قارالماقتا. چېن چۇەنگو ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا «بىخەتەرلىك» نى مەركەز قىلغان بىر قاتار يەرلىك تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىشقا كىرىشكەن ھەمدە «تېررورچىلار ھەمدە تېررورلۇق گۇرۇھلىرىنىڭ جەسەتلىرىنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ پايانسىز ئۇپۇقلىرىغا كۆمۈۋېتىش» نى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭغا ماس ھالدا بۇ يىل 1-ئاپرېلدىن باشلاپ «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نىزامى» پۈتكۈل ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. بۇ يېڭى بەلگىلىمە بويىچە ساقال-بۇرۇت، ھىجاب، دىنىي خاراكتېردىكى ئىسىملار ھەمدە تىپىك دىنىي پائالىيەتلەر مەنئى قىلىنىشقا باشلىغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى دىنىي چەكلىمىلىرى دەرۋەقە خەلقئارا ئىسلام دۇنياسىدىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە غۇلغۇلا قوزغىغانلىقى مەلۇم. ئۆزىنىڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى نوپۇزى بىلەن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا بەلگىلىك شۆھرەتكە ئېگە بولۇۋاتقان دىنىي ئالىم، تېننەسى شتاتىدىكى رودې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ياسىر قازى يېقىندا ئۆزىنىڭ مېمفىس شەھىرىدىكى ئىسلام مەركىزىدە سۆزلىگەن نۇتقىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بۇ خىل دىنىي چەكلىمە تەدبىرلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان ھەمدە دۇنيا مۇسۇلمانلار جامائىتىنى بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراشقا چاقىرغان.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق خىتاب قىلىدۇ: «بىز خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىر قانداق كۈلپەتلەرگە مۇپتىلا بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا رامزان تۇتۇشنى مەنئى قىلماقتا. ھازىر ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ روزا تۇتقان ياكى تۇتمىغانلىقى قاتتىق تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ. بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار ۋە ئالاقىدار فوتو سۈرەتلەر ھازىر تورلاردا كۆپلەپ تارقالماقتا. ناۋادا ئاشۇ خىزمەتچىلەردىن بىرەرى روزا تۇتقان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالسا دەرھاللا تەكشۈرۈلىدۇ ھەمدە سۇ ئىچىشكە مەجبۇرلىنىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى ھازىر ئۆزلىرىگە مەلۇم بولغان مەقسەتلەر ئۈچۈن مۇشۇ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى ئاشۇ ئۆلكىدىن يوق قىلىۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمدىلىكتە بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى يېڭى بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويۇپ، ئاياللارنى ھىجابلىنىشتىن، مۇسۇلمانلار جامائىتىنى روزا تۇتۇشتىن، ئەركەك قېرىنداشلىرىمىزنى ساقال قويۇشتىن چەكلىمەكتە. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئۆلكىسىدىكى بارچە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز ھازىر مۇشۇ خاسىيەتلىك رامزان ئېيىدا روزا تۇتۇشتەك بىر ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەشمەكتە.»

ماقالە ئاپتورىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىجرا قىلىۋاتقان «بىخەتەرلىك» تەدبىرلىرى ئىزچىل ھالدا ئىسلام دىنىغا باغلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىغا يېقىن كەلتۈرمەسلىك ھەمدە يەرلىك ئۇيغۇرلارنى دىنىي پائالىيەت جەھەتتە بىر-بىرىگە پايلاقچىلىق قىلىشقا مەجبۇرلاش چارىلىرى بۇنىڭدىكى ئەڭ تىپىك مەزمۇنلار ئىكەن.

گەرچە ئىسلام دىنىنىڭ تۈپلۈك ئەھكاملىرىدا خىتاي دائىرىلىرى ئەندىشە قىلىپ كەتكۈدەك ھېچقانچە مەزمۇنلار بولمىسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەممىلا مەسىلىنى ئىسلام دىنىغا باغلىۋېلىشى ھەققىدە ئامېرىكىدىكى فروستبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ما خەييۈن باشقىچە قاراشتا. ئۇنىڭ پىكرىچە، خىتاي كومپارتىيىسى مۇشۇ ئارقىلىق جامائەتنىڭ كۆزىنى غەلەت قىلىشنى، شۇنداقلا مەسىلىنى باشقا ياققا بۇرىۋېتىشنى مەقسەت قىلغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ھازىر بەلكىم سىزمۇ كۆرۈۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئىچكىرىدىكى ئىسلام ۋەھىمىسىگە ئالاقىدار ھادىسىلەر ھەدىسىلا شىنجاڭنى بىر تۈرلۈك ئۆرنەك قىلىدىغان بولۇۋالدى. چۈنكى، ھازىر شىنجاڭدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەش، يەنە شۇنىڭدەك بىر قاتار ئاجايىباتلار توختىماستىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. ئەمما مەسىلە شۇ يەردىكى، شىنجاڭ بىر ئالاھىدە رايون. بۇ رايوندا تارىختىن بۇيان توقۇنۇشلار ئۈزۈلۈپ باققان ئەمەس. ھازىر بۇ ئىشلار ئىلىم ئەھلىگە ھېچقانداق سىر ئەمەس، شىنجاڭدىكى بۇ خىل توقۇنۇشلار مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا مەۋجۇت بولغان، مىنگو دەۋرىدىمۇ مەۋجۇت بولغان، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغىچە يەنىلا داۋام قىلغان. ئەمما بۇ توقۇنۇشلارنى ھېچقاچان ئىسلام دىنى بىلەن باغلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەسمىز. ئەكسىچە بۇلارنىڭ ھەممىسى ماھىيەتتە مىللىي زىددىيەت ياكى مىللىي توقۇنۇش بولۇپ چىقىدۇ. ئەمما، ھازىر ھۆكۈمەت ھەرقانداق توقۇنۇشنى دەرھاللا ئىسلام دىنى بىلەن باغلايدىغان بولۇۋالدى. بۇ ئارقىلىق "شىنجاڭدىكى بۇ ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى دىنىي مەسىلە. ئۇ جايدا قانداقتۇر مىللىي مەسىلە ياكى يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىغا چېتىشلىق مەسىلە ۋە ياكى سىياسەت بەلگىلەش جەھەتلەردىكى مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس" دېگەن ئۇچۇرنى تارقىتىۋاتىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە، بۇ خىلدىكى ھادىسىلەر مەلۇم مەزگىل داۋام قىلىشى مۇمكىن.»

خىتايدىكى ئىسلام ۋەھىمىسى ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىسمەتلەر ھەققىدىكى مۇلاھىزىدە ماقالە ئاپتورى ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجرا قىلىۋاتقانلىرى ئەمەلىيەتتە ئىسلام دىنىغا دائىر مەزمۇنلاردىن جىق ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تەڭسىز مۇئامىلە، توختاۋسىز رەۋىشتە ئۇيغۇرلار دىيارىغا كۆچۈپ كېلىۋاتقان خىتاي نوپۇسى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىسلام دىنى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق بولسىمۇ، ھازىر قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا بولۇۋاتقان تەدبىرلەرنىڭ مۇشۇ مەقسەتلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ھازىر خەلق ئارىسىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىش شارائىتى يوق بولۇپ، بۇنىڭ تىپىك مىسالى سۈپىتىدە بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ مۇشۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەمدە ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشىنى كۆرسىتىش مۇمكىن ئىكەن.

پروفېسسور ما خەييۈن بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ جامائەت پىكرىدىن بەكمۇ ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ھازىرقىدەك «ئىسلام ۋەھىمىسى» ھەققىدىكى پىكىرلەر «زۇلمەتلىك پەردە» دەپ قارىلىۋاتقان ئەھۋالدا ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىگە زىيانلىق جامائەت پىكرىگە مەنسۇپ ھەرقانداق ئامىلنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، سىزمۇ دىققەت قىلغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، يېقىندىن بۇيان خىتايدىكى جامائەت پىكرى ئازدۇر-كۆپتۇر كونترول قىلىنىشقا باشلىدى. چۈنكى قارايدىغان بولساق، خىتاي تارىخىدىكى زور كۆلەملىك دېھقانلار قوزغىلىڭى ياكى باشقا ھەرىكەتلەر ھەرقاچان خەلق ئارىسىدىكى دىنىي خۇراپاتلىق ياكى جامائەت پىكرىنىڭ يامرىشى ئارقىسىدا باشلانغان. شۇڭا خىتاي كومپارتىيىسىمۇ بۇ جەھەتتە ئاشۇ خەلق ئاممىسىدىن قورقۇۋاتىدۇ، شۇنىڭدەك سۆز ۋە پىكىر قىلىش ئەركىنلىكى تارتىۋېلىنغان خەلقنىڭ بىراقلا كۆتۈرۈلۈپ ئۆزلىرىنى ئۆرۈۋېتىشىدىنمۇ ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى زۇلمەتلىك پەردە سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققۇسى خەتەرلەرنى ھېس قىلىپ يەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ھازىر شىنجاڭدىلا ئەمەس، ئىچكىرىدىمۇ مۇشۇ زۇلمەتلىك پەردە تۇڭگانلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلاردا بىر زور ساراسىمە، مەدەنىيەت ساھەسىدە بىر تۈرلۈك كەمسىنىش تۇيغۇسى پەيدا قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىمۇ ناھايىتى يامان تەسىر بېرىۋاتىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە، مۇشۇ سەۋەبلەردىن خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر خەلق ئارىسىدىكى مۇلاھىزىلەرنى ياكى مۇشۇ زۇلمەتلىك پەردە ھەققىدىكى مۇنازىرىلەرنى يىغىشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ.»

ماقالە ئاپتورىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدا ھەرقېتىم بىرەر زورلۇق ھەرىكىتى ئوتتۇرىغا چىققاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق بولغان باستۇرۇش بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ ھال مۇشۇ يوسۇندا داۋام قىلىپ ھازىرقى ئىسلام دىنىنى چەكلەش ھەرىكىتى داۋاملىق يۇقىرى پەللىگە چىقسا، ئۇ ھالدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ ھالغا قارشى تۇرماقتىن باشقا يول قالمايدىكەن. شۇنداق بولغاندا خىتاي دۆلىتىدىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ سەۋەبچىسى ئۇيغۇرلار ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەل ئۆزى بولۇپ چىقىدىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئوچۇق-ئاشكارا قارشى تۇرۇش سىياسەتلىرى ئۇيغۇر، تۇڭگان ۋە باشقا مۇسۇلمانلار ئارىسىدىلا ئەمەس، يەنە ھىندونېزىيە ۋە باشقا جايلاردىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىمۇ كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلماقتا ئىكەن.