ياپون تەتقىقاتچىلىرى: خىتايدىكى مۇسۇلمانلار كومپارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە دىن ئارىسىدا قىينالماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2013.04.26
komunist-xitay-musulmanlar-uyghurlar-305.png مەزكۇر ماقالىغا قويۇلغان سۈرەتلەر
RFA/Qutluq

يېقىندا ياپونىيىدە «ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان كوممۇنىستلار» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر ماقالە ياپونىيىدىكى خىتايدىكى ئىسلام دىنىنى تەتقىق قىلىش جەمئىيىتى تەرىپىدىن كوللېكتىپ نەشرگە تەييارلانغان.

ماقالىدە ئاساسلىقى خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەت مۇسۇلمانلىرىدىن ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇر، خۇيزۇلاردىكى بەزى كوممۇنىستلارنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان كۈچلۈك ئەقىدىسى ۋە ئۆز دىنىدىن تانغان بەزى كومپارتىيە ئەزالىرى توغرىسىدا سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بارغان.

ماقالىدە مۇنداق بايان قىلىنغان: خىتاي بولسا سوتسىيالىستىك بىر دۆلەت. بۇ دۆلەت خىتاي كومپارتىيىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان. خىتاي ئاھالىسىنىڭ 78 مىليوندىن ئوشۇقىنى كوممۇنىستلار تەشكىل قىلىدۇ. 1949 - يىلى قۇرۇلغان بۇ دۆلەتتە خىتاي مىللىتىلا ئەمەس، نۇرغۇنلىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ كومپارتىيىگە ئەزا بولغان. ئاز - سانلىق مىللەت كوممۇنىستلىرىنىڭ سانى 5 مىليوندىن ئارتۇق. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئېنىقسىز مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى ئىچىدە كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ نوپۇسى بىر قەدەر كۆپ دەپ قارىلىدۇ. لېكىن خىتايدىكى كوممۇنىستلار ئىچىدە بىر قىسىم مۇسۇلمانلار بار. مەسىلەن: ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، نىڭشا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى قاتارلىق ئاپتونوم رايونلاردا. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسلىرى بىر مەزگىل ئۆز رايونىدا ۋەزىپە ئۆتۈگەندىن كېيىن، ئۇلارنى خىتاينىڭ مەركىزى كومىتېتى بېيجىڭغا يۆتكەپ، مەركەزدە ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ. ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنى خىتاي كومپارتىيىسى ئۆزىنىڭ دىنىي، مىللىي سىياسىتىنى كۈچلەندۈرۈش، جانلاندۇرۇش ئۈچۈن مەركەزدە ۋەزىپىگە قويغان. 2012 - يىلى نىڭشا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە قويۇلغان ۋاڭ ئەسلى يۇرتى نىڭشادىن، مۇسۇلمان. ئۇ ئىلگىرى پارتكوم سىكرېتارى بولغان. خىتايدىكى كومپارتىيە ئەزالىرى ماركىسىزم، لېنىنىزمغا ئەگىشىدۇ. ئۇلار ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسىنى، دېڭ شاۋپىڭ نەزىرىيىسىنى ئۈگىنىدۇ. ئىلىم - پەن، تەرەققىيات دېگەندەك بىلىملەرنى ئۈگىنىپ كومپارتىيىگە ئەگىشىپ خىزمەت قىلىدۇ. ئۇلار خىتاي كومپارتىيىسىگە ئەزا بولغاندا، كومپارتىيىنىڭ بايرىقى ئالدىدا قەسەم بېرىدۇ. ئۇلار كومپارتىيىگە مەڭگۈ سەمىمىي - سادىق بولۇشقا ۋەدە بېرىدۇ. ئۇلار قەسەمياتىدا خۇداغا ئىشەنمەسلىككە ۋەدە بېرىپ، ئىسلام دىنىدىن تانىدۇ. بۇ پەقەت خىتاي كومپارتىيىسىگە ئەزا بولۇش ئۈچۈنلا. ئۇلارنى بۇنداق قەسەمياتلارنى بېرىپ ئۆز دىنىدىن تېنىۋالدۇ دەپ ئويلامسىز؟ ئاز سانلىق مىللەتلەردىن كومپارتىيىگە ئەزا بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك ئېتىقادى كۈچلۈك مۇسۇلمانلار. ئۇلار ئاللاھغا ئىبادەت قىلىدۇ. خىتاي مەركىزى كومىتېتى نىڭشا قاتارلىق ئاپتونوم رايونلاردا كوممۇنىست مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئوقۇپ، ئىبادەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان. ئەمما، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇنىڭ ئەكسىچە. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىن باشقا ئاپتونوم رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدىكى مۇسۇلمان كوممۇنىستلار مەسچىتكە بارسا بولىدۇ. ئۇلاردىن بىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ «ھەر كۈنلۈكى بەش ۋاق نامازنى ئىشخانىدا ئوقۇپ، ئاللاھغا ئىبادەت قىلالمىغانلىقىم ئۈچۈن، پەقەتلا جۈمە كۈنىلا،جۈمە نامىزىغا بارىمەن.» دېگەن. ئەمما، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بولسا ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ مەسچىتكە بېرىشى،ناماز ئوقوشى چەكلەنگەن. شۇ سەۋەبتىن ئىسلام دىنىدىكى پەرز قىلىنغان بەش ۋاق نامازنى ئوقۇش، ھەج تاۋاپ پەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، ئاز سانلىق مىللەت كومپارتىيە ئەزالىرى ئىچىدە خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەنلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ. ئۇلاردىن بىرسىنىڭ دېيىشىچە، ئۆزىنىڭ ھەجگە بېرىش غايىسى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن رەت قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۆز خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەن.

ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، خوتەن قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئىسلام دىنىنىڭ قانۇنىغا ئائىت ھۆججەتلەرنى ئىزدەش، توپلاش، رەتلەش تەتقىقات خىزمىتىگە قاتناشقان ياپونىيىلىك تەتقىقاتچى ياماگۇچى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي سىياسەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:

- خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن، ئەرلەرنىڭ ساقال، بۇرۇت قويۇشىنى، قىز - خانىملارنىڭ بېشىغا ياغلىق ئارتىشىنى توسىماقتا. ئۇندىن باشقا رامىزان ئايلىرىدا روزا تۇتۇشىنى چەكلىمەكتە.

ماقالىدە،1978 - يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن باشلانغان خىتاينىڭ سىياسىي ئىسلاھاتىدىن كېيىن،خىتاي دولىتىنىڭ قانۇنىدا مۇسۇلمانلارغا بەلگىلىگەن قانۇنى - نىزاملار ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق بايان قىلغان: 1980 - يىلللى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى بەلگىلىنىپ،خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز دىنىغا ئېتىقاد قىلىشى يولغا قويۇلغان. ئەمما ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىدىن خەۋەرسىز قالغان نىڭشا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدىكى بىر قىسىم خۇيزۇ كومپارتىيە ئەزالىرى ئۆز دىنىدىن تانغان. مەسىلەن: 1999 - يىلى نىڭشادا خىزمەت قىلىۋاتقان،خۇبېي ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان 1940 - يىلى كومپارتىيىگە ئەزا بولغان پىشقەدەم خۇيزۇ كومپارتىيە ئەزاسى ۋاپات بولغاندا، ئۆزىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە، ئۇنىڭ جەسىتى كۆيدۈرۈلۈپ، جەسەت كۈلى نىڭشاغا چېچىۋېتىلگەن. ئۇنىڭ ئۈچۈن بېيجىڭدىكى باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا قەبرە تىكلەنگەن. بۇ خەۋەر خىتاينىڭ تېلېۋىزورلىرىدا تارقىتىلغاندىن كېيىن، خىتايدىكى مۇسۇلمان كومپارتىيە ئەزالىرى قاتتىق غەزەپلەنگەن. كۆپلىگەن مۇسۇلمان كومپارتىيە ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ ھەرگىز بۇنداق يولنى تۇتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە، ئىنسان،جەمئىيەت ۋە ئېتىقادنىڭ بىر - بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن پەلسەپەۋىي ئۇقۇم ئىكەنلىكى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ، بۇ ھەقتە تەتقىقاتچىلار ئۆزلىرىنىڭ يەكۈنلىرىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلغان: ئىنسانلار دىن،جەمئىيەت ۋە مىللەت ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە ئۆز ئېتىقادىنى ساقلىشى كېرەك. خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى خىتاي كومپارتىيىسى تەرىپىدىن خورلانماقتا. خىتاي كومپارتىيىسى ئۈچۈن دىن، ئۆرپ - ئادەت ئۇقۇملىرى ئەرزىمەس ئىشلار دەپ قارىلىدۇ. خىتايدىكى مۇسۇلمانلار خىتاي كومپارتىيىسىگە بويسۇنمىسا جازالىنىدۇ. ئۇلار كومپارتىيە،ھۆكۈمەت ۋە دىن ئارىسىدا قىينالماقتا.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.