گېرمانىيەلىك مۇخبىرلار خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دىنىي سىياسەتلىرىنىڭ ئۇنىڭ ماھىيىتى پاش قىلىشقا يېتىپ ئاشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
21-ئەسىردىكى خىتاي خەلقىنىڭ بىر ئەخلاقىي كومپاسقا ئېھتىياج ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى باش تېما قىلغان «خىتايدىكى دىن ۋە قىممەت قاراش» ناملىق كىتابتا خىتايدىكى بۇددىزم، ئىسلام، خرىستىئان دىنلىرىنىڭ شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن تېخىمۇ قاتتىق چەكلىمىلەرگە ئۇچرىغانلىقى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سىياسەتنى دىننىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، «خىتاي خەلقىنىڭ دىنى-خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىتىدۇر» دەيدىغان ھالغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئەسەردە، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە دىنىي ئېتىقادنىڭ زور توسالغۇلارغا ئۇچرىغانلىقى، خىتاي ھاكىمىيىتى بازار ئىگىلىكىنى يولغا قويغان ئاخىرقى 40 يىلدىن بۇيان جەمئىيەتتە ئەخلاقىي ئادەتلەرنىڭ يىمىرىلگەنلىكى، خىتاي خەلقىنىڭ ئۆزلىرىنى ئەخلاققا يېتەكلەيدىغان بىر كومپاسقا، يەنى دىنغا بارغانسېرى موھتاج بولۇۋاتقانلىقى، روھىي بوشلۇقلىرىنى ۋە جەمئىيەتتىكى رەزىللىكلەرنى دىننىڭ كۈچىگە تايىنىپ تۈزەشكە ئىنتىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
گېرمانىيەلىك ژۇرنالىست ئىيان جونسوننىڭ «خىتايدىكى دىن ۋە قىممەت قاراش» ناملىق كىتابى ئۆتكەن يىلى نەشر قىلىنغان. ئۇ كىتابىدا خىتاينى چۈشىنىش ئۈچۈن، خىتايدىكى دىنىي ۋەزىيەتنى چۈشىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى، دىننىڭ خىتاينى چۈشىنىشنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
يېقىندا گېرمانىيەدىكى «مېركاتو خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتى»، «گېرمانىيە رادىئوسى» قاتارلىق تەتقىقات ۋە ئاخبارات ئورۇنلىرى ئۇنىڭ بىلەن خىتايدىكى دىنىي ۋەزىيەت ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان. ئىيان جونسون ئۇزۇن مۇددەت بېيجىڭ ۋە بېرلىندا مۇخبىرلىق قىلغان بولۇپ، ئۇ زىيارەت ئەسناسىدا 1984-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە خىتايغا كۆپ قېتىم بارغان بولسىمۇ، لېكىن خىتايدىكى سەزگۈر رايون ھېسابلانغان ئۇيغۇر دىيارىغا قەدەم باسالمىغانلىقىنى، 2017-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان قاتتىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ زادى قانداق كونكرېتنى دىنىي چەكلىمىلەرگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى تەپسىلىي ئىپادە قىلالمايدۇ.
ئوخشاش تېما ھەققىدە سۆھبەتكە داخىل بولغان گېرمانىيەلىك ژۇرنالىست ئاكسېل دورلوف بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇم ساھەدىن پىكىر بايان قىلىدۇ. «ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، خىتايدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى يوق» دېگەن ئىبارە بىلەن سۆزىنى باشلىغان بۇ كىشى، خىتاينى قۇشلارنى سولايدىغان قەپەسكە ئوخشىتىپ «بۇ قەپەس قانچىلىك چوڭ بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، بەرىبىر قەپەستۇر،» دەيدۇ.
ئاكسىل دورلوفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيانقى 5 يىلدا دىنىي چەكلىمە پۈتۈن خىتايدا ئومۇملىشىپلا قالماي، خىتاينىڭ غەربىي-شىمالىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى رايونىدا تراگېدىيەلىك بىر ۋەزىيەتنى ياراتقان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەمەلىيەتتە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ تراگېدىيەلىك ھالغا ئۆزگەردى. مەسىلەن، 2017-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ، خىتاينىڭ غەربىي-شىمالىدىكى شىنجاڭ رايونىدا خىتاينىڭ يېڭى دىنىي بەلگىلىمىلىرى ئەمەلىيلىشىشكە باشلىدى. بۇ جايدىكى 20 مىليون خەلقنىڭ يېرىمى مۇسۇلمان، مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلار ئىدى. شىنجاڭدا 15 تۈرلۈك دىنىي قىلمىشنى چەكلەش نىزامى قانۇن تەرىپىدىن ئىزچىللاشتۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ھىجاب ئارتىشقا، ساقال-بۇرۇت قويۇشقا، دىنىي تەلىم ئېلىشقا ئىجازەت قىلمايدىغان بەلگىلىمىلەر بار. ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىدە ئوقۇشتىن چەكلەش ھوقۇقى ئېلىپ تاشلاندى. مۇسۇلمانلارنىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيىسى، رادىئوسى ۋە باشقا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تەشۋىقاتىنى رەت قىلىش ھوقۇقى قالمىدى.»
ئاكسىل دورلوفنىڭ ئىزاھلىشىچە، گەرچە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنىي چەكلىمىلىرىگە قارىتا خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى «بۇ، دىننى زوراۋانلىق ۋە كەمسىتىش» دەپ باھا بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بۇنى «تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش» دەپ ئاتىماقتا ھەمدە دىننى يوقاتقاندىلا، دىنىي ئەسەبىيلىككە، تېررورىزمغا قارشى تۇرغىلى بولىدۇ، دەپ چۈشەنمەكتە.
ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئاممىۋى سورۇنلارنى، دىنىي ئورۇنلارنى كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق نازارەت قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتايدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس ھەمدە بۇ دۆلەت گويا غايەت زور بىر قەپەس بولۇپ، خىتايدىن ئىبارەت بۇ قەپەس قانچىلىك چوڭ، قۇدرەتلىك، ھەيۋەتلىك بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇ بەرىبىر بىر قەپەستۇر.»
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى بېسىم سىياسەتلىرىنىڭ ئەڭ بېشىدا كەلمەكتە. خىتاينىڭ دىنىي چەكلىمىلىرى، دىنىي باستۇرۇش سىياسەتلىرى ھەققىدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ياكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا كۆپرەك تىلغا ئېلىنىۋاتقانلىرى-دىنىي زاتلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىشى، «قۇرئان كەرىم» ۋە جاينامازلارنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشى، «ھالال» ئىبارىسىگە ئوخشاش دىنىي ئاتالغۇلارنىڭ چەكلىنىشى، ئىسلامى ئىسىملارنىڭ چەكلىنىشى، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، نىكاھ ۋە نەزىر پائالىيەتلىرىنىڭ چەكلىنىشى، دىنىي تەلىم-تەربىيىنىڭ مەنئى قىلىنىشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولماقتا. بىراق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى، خىتاينىڭ باشقا مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي چەكلىمىلىرى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇۋاتقان سىياسىتىنىڭ تۈپتىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا قارىتا يالغۇز دىننىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان بارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى، مىللىي، مەدەنىي، ئىجتىمائىي ھەم دىنىي كىملىكلىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
گېرمانىيەلىك ژۇرنالىست ئىيان جونسون «مېركاتو خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۈگۈنكى شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ خىتاي خەلقىنى كوممۇنىست، دىنسىزلارغا ئايلاندۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ غايىسىنى پەقەتلا كومپارتىيەنىڭ ئىچكى قاتلىمىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قادىر بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۆتكەن يىلى بېيجىڭدا چاقىرىلغان دىنىي يىغىندا، خىتايدا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ياكى قىزىقىدىغان خەلقنىڭ 400 مىليون ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 200 مىليون بۇددىست، 50-60 مىليون خرىستىئان، 10 مىليون كاتولىك، 50 مىليون پروتېستانت، 20 مىليون مۇسۇلمان بارلىقى، يەنە 100 مىليون باشقا دىندىكى خەلقنىڭ ياشايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى مىسال ئېلىپ، بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىدۇ ھەمدە خىتاينىڭ ماتېرىيالىزمدىن باشقا ھەرقانداق ئىدېئولوگىيەدىن قورقىدىغانلىقىنى، دىننى يوقىتىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئەكسىچە خىتاي خەلقىنىڭ بولسا، ئەخلاقىي زەئىپلىكلىرىنىڭ مەنبەسىنى دىنسىزلىقتىن كۆرۈپ، دىنغا بارغانسېرى موھتاج بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ.