خىتاينىڭ ئىسلام دىنىي ئېتىقادىنى باشقۇرۇش ھەققىدىكى بىر يۈرۈش مەخپىي ھۆججەتلىرىنىڭ فوتو رەسىملىرى يېقىندا ئاشكارىلانغانىدى. خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى تەرىپىدىن تارقىتىلغان بۇ بىر يۈرۈش ھۆججەتلەردە، نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى كونترول قىلىش توغرىسىدا يەرلىك ھۆكۈمەت ئىجرا قىلىش تەلەپ قىلىنغان قاتتىق بەلگىلىمە-چارىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. نۆۋەتتە مەزكۇر ھۆججەتلەردە ئاشكارىلانغان مەزمۇنلار جىددىي ئىنكاس قوزغىماقتا.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي ئىشلار مۇدىرى تۇرغۇنجان ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۇ يىل 4-ئايدا ئېلان قىلىنغان ئىسلام دىنىي ئېتىقادىنى باشقۇرۇش ھەققىدىكى بىر يۈرۈش مەخپىي ھۆججەتلىرىنىڭ فوتو نۇسخىلىرىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ 2018-يىل 4-ئاينىڭ 19-كۈنى تارقاتقان «نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئىسلام دىنى خىزمىتى ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھىسى» دەپ ئاتالغان 24-نومۇرلۇق ھۆججىتى ۋە 2018-يىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تارقىتىلغان «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رامزان ۋە روزا مەزگىلىدىكى دىنىي ئېتىقاد ئورۇنلىرى ياكى خەتەرلىك مەسىلىلەرگە ھۆكۈم قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش چارىلىرى» ناملىق بۇ ئىككى پارچە ھۆججەتتە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرى ۋە دىنىي ئېتىقاد سورۇنلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇش تەلەپ قىلىنىپ، 10 نەچچە ماددىلىق كونكرېت بەلگىلىمە-تەدبىرلەر ئېلان قىلىنغان.
خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمەت ئىشخانىسى تەرىپىدىن تارقىتىلغان «نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئىسلام دىنى خىزمىتى ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھىسى» دە ھەرقايسى ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلاردىن «خىتاي دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلام دىنىي ئېتىقاد رايونلىرىدا خىتاي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىن يىراقلىشىش ياكى يوقىتىش خاھىشى» چەكلەش ياكى تۈزىتىش تەلەپ قىلىنغان. ھۆججەتتە بولۇپمۇ ئىسلام دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى بولغان مەسچىتلەر قۇرۇلۇشى، دىنىي ئۇسلۇبتىكى كىيىنىش، دىنىي پائالىيەت، دىنىي ئېتىقاد ئادەتلىرى، دىنىي تەلىم-تەربىيە ۋە ئەرەب تىلى ئۆگىنىشى قاتارلىقلاردا «ئەرەبلىشىش» كە چەكلىمە قويۇش تەلەپ قىلىنغان.
مەزكۇر ھۆججەتتە يەنە خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئەلچىخانىلىرىغا، خىتاي دۆلىتىدىن چىقىپ چەتئەللەردە ئىسلام دىنىي ھەققىدە دىنىي تەلىم ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرى ھەققىدىمۇ بەلگىلىمىلەر چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، چەتئەللەردە ئىسلام دىنىي تەربىيىسى ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىۋى تەربىيە خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش تەلەپ قىلىنغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ھۆججەتلەرنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن دىنىي ئۆلىما تۇرغۇنجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئېرىشكەن بۇ بىر يۈرۈش ھۆججەتلەردە نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىي پائالىيەتلىرىنى كونترول قىلىش توغرىسىدا يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىجرا قىلىشى تەلەپ قىلىنغان بەلگىلىمە-چارىلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
تۇرغۇنجان ئەپەندى يەنە: «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رامزان ۋە روزا مەزگىلىدىكى دىنىي ئېتىقاد ئورۇنلىرى ياكى خەتەرلىك مەسىلىلەرگە ھۆكۈم قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش چارىلىرى» نىڭ مەزمۇنى ھەققىدە توختالدى.
تۇرغۇنجان ئەپەندى بايانىدا، مەزكۇر ھۆججەتتىكى بەلگىلىمىدە ئىلگىرىكى يىللاردا ئېلان قىلىنغان دىنىي ئېتىقادنى باشقۇرۇش ھەققىدىكى ھەرقانداق بەلگىلىمە-ھۆججەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەشتىكى قاتتىق تەدبىرلەر ئاشكارا، يالىڭاچ ۋە كونكرېت ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بۇ ھۆججەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال ئىسلام دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرى «دىنىي رادىكاللىق»، «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «تېررورلۇق ئىدىيىسىنىڭ ئىپادىلىرى» دەپ تەسۋىرلىنىپ، دىنىي ئېتىقاد سورۇنى بولغان مەسچىتلەر بۇ خىل ئىدىيەلەرنى تارقىتىدىغان «خەتەرلىك ئورۇنلار» دەپ بېكىتىلىشىنى «دىنىي جەھەتتە زەربە بېرىشنىڭ يالىڭاچ ئىپادىسى» دەپ ئەيىبلىدى.
تۇرغۇنجان ئەپەندى يەنە دائىرىلەرنىڭ بۇ بىر يۈرۈش ھۆججەتلەرنى تارقىتىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل چارە تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى «دىنسىزلاشتۇرۇش» ۋە «خىتايلاشتۇرۇش» مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ئامېرىكىدا خىتاي تىلىدا چىقىدىغان «خىتاي مەسىلىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ۋۇ فەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «دىنىي ئېتىقادنى خىتايلاشتۇرۇش» تەشەببۇسى ئەمەلىيەتتە «دىنىي ئېتىقادنى باستۇرۇش، دىنىي ئېتىقادنى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ نەزەرىيىسىگە بويسۇندۇرۇش» خاھىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ يولدا ماڭماقتىكەن.
ۋۇ فەن ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ئىسلام دىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلەرنىڭ لاما دىنى، كاتولىك دىنى قاتارلىق دىنلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى بۇ دىنلارنى خىتايلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇلار دىننى ئۆزگەرتىش، دىننى خىتاي مەدەنىيىتىگە تەتبىقلاش، دىننى كوممۇنىزم ئىدىيىسىگە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەپ تەرغىب قىلىۋاتىدۇ. نەتىجىدە، بۇ خىل ئۆزگەرتىشنى قوبۇل قىلمىغان دىنىي مۇخلىسلار ‹دىنىي رادىكاللىق› قالپىقى كىيدۈرۈلۈپ قاتتىق باستۇرۇلۇۋاتىدۇ.»
نۆۋەتتە خەلقئارا تاراتقۇلار خەلقئارادىكى دىنىي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان خەۋەر ۋە دوكلاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش مەركەزلىرى» نامىدىكى لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلار بىر مىليوندىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە خەلق ئىچىدە تونۇلغان دىنىي زاتلار، چەتئەللەردە دىنىي تەلىم ئالغان ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا يەنە ئىسلام دىنىي ئېتىقادى پائالىيەتلىرىنى نورمال ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇ ئورۇنلارغا تۈركۈملەپ قامالغانلىقى ئاشكارىلانماقتا.