شاياردا ياغلىقىنىڭ ئىچىگە پوسما كىيگەن ئاياللار جازالانماقتا

0:00 / 0:00

ئىگىلىشىمىزچە، شايار ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ياغلىقىنىڭ ئىچىگە پوسما كىيگەنلىكى ئۈچۈن جەرىمانە تۆلەشكە ياكى 15 كۈن سولاقتا يېتىشقا مەجبۇرلانماقتا ئىكەن.

بۈگۈن سەھەر رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شايار ناھىيەسىنىڭ مازارغوجام يېزىسىدىكى بىر ئۇيغۇر ئايال يېقىندىن بۇيان ئۆزى كۆرگەن ۋە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئەھۋاللار ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر شايار ناھىيەسىنىڭ بازار ئىچى ۋە ھەرقايسى يېزا، كەنتلىرىدە فورما كىيگەن ياردەمچى ساقچىلار كوچا دوقمۇشلىرىدا يول توسۇپ پۇقرالارنى تەكشۈرمەكتە ئىكەن. ئۇلار ئۇزۇن كىيىم كىيىپ، ياغلىقىنى ئالدى تەرەپتىن چەگكەن ياكى ياغلىقىنىڭ ئىچىگە پوسما كىيگەن ئاياللارنى ھەمدە ساقال-بۇرۇت قويغان ئەرلەرنى ئىز قوغلاپ تۇتماقتا ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن ناھىيە تەۋەسىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا خاتىرجەم چىقالمايدىغان ۋە ئەنسىزچىلىك ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ قالغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دېھقان ئايال تۇراخان ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋە كۆرگەن ئەھۋاللار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«بىز شايار ناھىيەسىنىڭ مازارغوجام (يەنى قىزىل بايراق) يېزىسىدا ياشايمىز. بىزنىڭ يېزا تەۋەسىدە ئالا-بۇلىماچ ھەربىي كىيىم كىيگەن ياردەمچى ساقچىلارنىڭ ياغلىق سالغان ئاياللارنى توسۇپ جەرىمانە ئالغانلىقىنى ياكى ئۇلارنى سولاقخانىغا ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئۆتكەن ھەپتە ئېتىزغا بېرىش ئۈچۈن موتسىكلىتنى مىنىپ كېتىپ باراتتىم. ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، باش ياغلىقىمنىڭ ئىچىگە پوسما كىيىۋالغان ئىدىم. ئۇندىن باشقا ماسكام بار ئىدى. تۇيۇقسىز كوچا دوقمۇشىدىن ئىككى ساقچى چىقىپ ئالدىمنى توستى. مەن تېزلىك بىلەن بىر دۇكاننىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئارقا ئىشىكىدىن قېچىپ كەتتىم ۋە تەستە قۇتۇلدۇم.»

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى: «يەنە بىر قېتىم كوچىغا چىقىشىمغا ساقچى تۇتۇۋالدى. نېمە گۇناھ قىلدىم دەپ سورىسام، پوسما كىيىپ ياغلىقنى ئالدى تەرەپتىن چېگىپسەن، جەرىمانە تۆلەيسەن دەيدۇ. مەن بېشىم توڭلىغاچقا پوسما كىيدىم، بۇنىڭ سىلەرگە نېمە زىيىنى بار دېسەم، يۇقىرىنىڭ بەلگىلىمىسى شۇنداق، 800 سوم جەرىمانە تۆلەيسەن دەپ تۇرۇۋالدى. مەن بۇنچىلىك كۆپ پۇلۇم يوق دېسەم، كىملىكىمنى تارتىۋالدى. ئۆيگە بېرىپ بولغۇچە، يېزىدىن ئادەم كېلىپ مېنى سولاپ قويدى. ئۆيدىكىلەر ئامالسىز ئۇلارغا يالۋۇرۇپ 400 سوم جەرىمانە تۆلەپ خۇپتەن ۋاقتى بىلەن مېنى قايتۇرۇپ چىقتى.»

تۇراخان يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «يېزا سولاقخانىسىدا بىرمۇنچە ئاياللارنى كۆردۈم. ئۇزۇن كىيىم كىيىپ، بېشىغا پوسما كىيگەن ياكى ياغلىقىنى ئالدى تەرەپتىن چەگكەنلەرگە 1000 سومدىن جەرىمانە قويىدىكەن. ئەگەر بۇ ئىككى ئەھۋالدىن بىرى بايقالسا 400 سومدىن 800 سومغىچە جەرىمانە قويىدىكەن. جەرىمانىنى تۆلىيەلمىسە 15 كۈن سولاپ قويۇش جازاسى بېرىدىكەن. سولاقخانىغا كىرىپ قالغان ئاياللارنىنىڭ بەزىلىرىنى ئەرلىرى، بەزىلىرىنى ئاتا-ئانىلىرى پۇل تۆلەپ قايتۇرۇپ چىقىۋاتىدۇ. ئاجايىپ زامان بولۇپ كەتتى، ئادەم خاتىرجەم يۈرگىلىمۇ بولمايدۇ!»

ئۇ، ئۆزى كۆرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە يەنە مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «بېشىمىز توڭلاپ كەتسە قانداق قىلىمىز دەپ زاكۇنلاشساق، ياغلىقنىڭ ئۈستىگە ياغلىق سېلىپ ئارقا تەرەپتىن چېگىسىلەر، بوينۇڭلارغا شارپا سالىسىلەر. ئۇزۇن كىيىم كىيمەيسىلەر، كۆينەك-يوپكىلارنى قىسقارتىسىلەر دەيدۇ. بىز مۇسۇلمان، ئۆز قائىدە يوسۇنىمىز بويىچە كىيىنمەمدۇق دەپ تالاشساق، بىزنىڭ گېپىمىزنى ئاڭلايدىغان كىشى يوق. بەكرەك تىركىشەيلى دېسەك، ئۇلارغا تەڭ كەلگىلى بولمايدىكەن.»

«بىزنىڭ بۇ يەردىكى ساقچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ قانداق كىيىم كىيىدىغانلىقىنى ئۇلار ھەممىسى بىلىدۇ. ئاياللارنى تۇتۇپ يېزا سولاقخانىسىغا سولايدىغان مۇئاۋىن سېكرېتارمۇ ئۇيغۇر، ئەمما ئۇلارنىڭ زادى نېمە ئويلايدىغانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن شۇ قەدەر ئەسەبىيلىشىپ كەتكەنلىكىنى ھېچ چۈشەنمىدۇق.»

تۇراخان ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «باشقا جايلاردا ئۇنچىلىك ئەمەس دەپ ئاڭلىدۇق. بىزگە قوشنا كۇچا تەرەپتىمۇ بىرئاز بوش دەيدۇ. بىزنىڭ بۇ شايار ناھىيىسىدە نېمە سەۋەبتىنكىن ئاجايىپ چىڭ بولۇپ كەتتى. ياغلىقىنى ئالدىدىن چەگكەن ياكى بېشىغا پوسما كىيگەن ئاياللارنى تۇتۇۋالسا جەرىمانە قويۇپ پۇل ئۈندۈرۈۋالمىغىچە قويۇپ بەرمەيدۇ. يىغلاپ-قاخشاپ 400 سوم جەرىمانە تۆلىسەك، شۇنىڭغىمۇ رازى ئەمەس، ئالغان جەرىمانە پۇل ئۈچۈن تالونمۇ بەرمەيدۇ.»