خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا چۈمبەل تارتىش، ھىجاپلىنىش، ساقال قويۇشنى چەكلەش قىلمىشلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدە رادىكال قارشىلىقلارنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى خەلقئارادا يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى ئىزچىل تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن قىزىق تېما ئىدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ زۇۋانى بولغان «شىنجاڭ گېزىتى» 11-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان «چۈمبەل تارتىش، ھىجاپلىنىشنى تۈزەشنى توغرا چۈشىنىش كېرەك» دېگەن ماقالىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى تۇرغۇنجان تۇرسۇن، ئېلى غوپۇر، ما جىنۋېي قاتارلىقلارنىڭ تىلى ئارقىلىق ئىسلام دىنىغا ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياسىنىش ئەركىنلىكىگە دائىر مەسىلىلەردە ھەر تۈرلۈك قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇيغۇر ۋەتىنىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زومىگەرلىك بىلەن باشقۇرۇش، چەكلەشلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشمىغان، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشى تۇرۇش، ئىنكاس قايتۇرۇشىغا سەۋەب بولغان بۇ مەسىلىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مانا ئەمدى تەشۋىقات كۈچى بىلەن ھەل قىلىشقا يۈزلىنىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ماقالىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاينىڭ مەخسۇس ھۆججەت چىقىرىپ، چۈمبەل تارتىش، ھىجاپلىنىش مەسىلىسىنى «چىرايلىقچە» ھەل قىلماقچى بولغانلىقىمۇ ئاشكارىلاندى. بۇ نېمىنىڭ مەھسۇلى ۋە نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
بۇ خۇسۇستا بىز د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ئەنىۋەرجان ئەپەندى بىلەن «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى تۇرغۇنجان تۇرسۇن، ئېلى غوپۇر، ما جىنۋېي قاتارلىقلار چۈمبەل تارتىش، ھىجاپلىنىش دىنىي ئادەتكىمۇ، مىللىي ئادەتكىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس، قۇرئاندا بۇ ھەقتە ھېچنېمە يوق؟ بۇنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى رادىكال كۈچلەر پەيدا قىلغان، دېگەن. سىز بۇ پىكىرگە قانداق قارايسىز؟ چۈمبەل تارتىش، ھىجاپلىنىشنىڭ ئارقىسىدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىسى يوشۇرۇنغان، بەزى ئەسەبىي دىنچىلار ئاياللارنى مەجبۇرىي ئاشۇنداق كىيىنىشكە زورلىغان، بۇ ئاياللارنىڭ ئەركىنلىكىگە قىلىنغان تاجاۋۇز، دېگەن، ئەكسىچە، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ شۇنداق كىيىنىشىنى قاماپ قويۇش، جەرىمانە ئېلىش، دوختۇرخانىلارغا كىرگۈزمەسلىك، ئاپتوبۇسلارغا چىقارماسلىقتەك ھەرخىل زورلۇق ئۇسۇللىرى بىلەن چەكلەشلەرنى بولسا كىشىلىك ئەركىنلىككە قىلىنغان تاجاۋۇز دەپ ئاتىمىغان. سىزچە بۇ توغرىمۇ؟ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 11-نومۇرلۇق ھۆججەت چىقىرىپ ‹چۈمبەل تارتىش، ھىجاپلىنىش مەسىلىسىدە ئاساسلىقى سەۋرچانلىق بىلەن تەربىيە بېرىپ، تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، يېتەكلەشنى ئاساس قىلىش، ئاددىي، قوپال تەدبىرلەرنى قوللانماسلىق›نى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ھۆججەتنىڭ قاچان چىققانلىقى مەلۇم ئەمەس. بۇ ھۆججەتنىڭ، سىزچە ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن ئالاقىسى بارمۇ؟ چۈمبەل تارتىش، ھىجاپلىنىشنىڭ سىزچە دىنىي جەھەتتىن بولسۇن، مىللىي جەھەتتىن بولسۇن، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن نېمە ئەھمىيىتى بار؟» دېگەندەك سوئاللار ئاساسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.