خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 86 يىللىق خاتىرە كۈنىدە، ياپونىيەلىك ھەربىي ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىلىرى «ھەقىقەتنى ئاشكارىلىمايدىغان خىتاي دۆلىتى» ناملىق ژۇرنالدا «خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىنى بېسىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىسلام دۆلىتىنى يوق قىلغان» ناملىق ماقالە ئېلان قىلغان.
ماقالىدە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخى توغرىسىدا توختىلىپ، خىتاينىڭ ئەسكەرىي كۈچى 1927-يىلى8-ئاينىڭ 1-كۈنى جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ نەنچاڭدا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى، نەنچاڭ قوزغىلىڭىدىن كېيىن تەشكىللەنگەن ئىشچى، دېھقان، ئەسكەرلەر قوشۇنىنىڭ ماۋ زېدۇڭ قوشۇنىغا قوشۇلۇپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلغان.
ماقالىدە يەنە 1934-يىلى جياڭشىدىن باشلانغان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى 25 مىڭ لىلىق ئۇزۇن سەپەردە خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ يول بويى گومىنداڭ قوشۇنلىرى بىلەن جەڭ قىلىپ كەلگەنلىكىنى، 1936-يىلى يەنئەنگە يېتىپ بارغانلىقى قەيت قىلىنغان.
ماقالىدە 1936-يىلى 12-ئايدا شىئەن ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە 1937-يىلى 7-ئايدا خىتاي، ياپون ئۇرۇشى باشلىنىپ خىتاي ئارمىيىسى سەككىزىنچى ئارمىيە ۋە يېڭى تۆتىنچى ئارمىيەلەرگە بۆلۈنۈپ،ياپون ئارمىيىسى بىلەن جەڭ قىلغانلىقى تەسۋىرلەنگەن.
ماقالىدە 1947-يىلى 10-ئايدا خىتاينىڭ سەككىزىنچى ئارمىيىسى بىلەن يېڭى تۆتىنچى ئارمىيىسى بىرلەشتۈرۈلۈپ، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى دەپ ئاتالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
ماقالىدە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ كومپارتىيىنىڭ ئەكسەرىي كۈچى ئىكەنلىكىنى بۇ ئارمىيىنى خىتاي كومپارتىيىسى بىۋاسىتە باشقۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ماقالىدە خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ۋەزىپىسى خىتاي كومپارتىيىسىنى، خىتاي دۆلىتىنى ۋە خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتەك ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلىش دەپ كۆرسەتكەن.
ماقالىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى ماۋ زېدۇڭنىڭ «مىلتىقتىن ھاكىمىيەت چېقىدۇ» دېگەن سۆزىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىش ئارقىلىق،«خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ مىلتىقىنى خىتاي كومپارتىيىسى باشقۇرىدۇ. خىتاي كومپارتىيىسى مىلتىقنىڭ ئېغىزىدىن تۇغۇلغان. شۇڭا خىتاي كومپارتىيىسى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ مىلتىقىغا بۇيرۇق بېرىش، كونترول قىلىشتەك ھوقۇقلارغا ئىگە» دېيىلگەن.
ماقالىدە خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنى ماۋ زېدۇڭ دەۋرى، دېڭ شاۋپىڭ دەۋرى، جياڭ زېمىن دەۋرى ۋە خۇ جىنتاۋ دەۋرىدىن ئىبارەت بىر قانچە دەۋرلەرگە بۆلۈپ، ھەرقايسى دەۋرلەردىكى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئىجرا قىلغان ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ،«ماۋ زېدۇڭ ئەپيۈن ئۇرۇشىدىكى خىتاي مىللىتىنىڭ ئەسكەرىي كۈچىنىڭ نەقەدەر ئاجىز ۋە سان جەھەتتىن ئازلىقى سەۋەبىدىن خىتاي مىللىتىنىڭ ياۋروپا، ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەرنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت تارىختىكى خىتاي دۆلىتىنىڭ مۇستەملىكە قىلىنغان تارىخىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ دەۋرىدە ئەسكەرىي كۈچىنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشى يۈز بەرسە ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنى ھەر جەھەتتىن كۈچلەندۈرگەن، شۇڭا ئۇلار چاۋشيەن ئۇرۇشىغا ياردەم بېرەلىگەن. شۇنىڭ بىلەن خىتايغا قوشنا ئەللەرنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ،مۇستەملىكىگە قىلغان» دېيىلگەن.
ماقالىدە 1949-يىلىدىن باشلاپ خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزلىرىگە پايدىلىق تەرىپىدىن پايدىلىنىپ ئىسلام دۆلىتى بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى، تىبەتنى، مانجۇرىيىنى ۋە ئىچكى موڭغۇلنى تېزلىكتە بېسىۋېلىپ ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى دەپ بايان قىلىنغان.
ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان: مىللىتى تۈرك، دىنى ئىسلام بولغان ئۇيغۇرلار تارىختا ئۆزلىرىنىڭ دۆلىتىنى قۇرغان بولۇپ، 1944-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكنى ئاساس قىلغان زامانىۋى دۆلەت قۇرۇلمىسىغا، ئاساسىغا ئىگە بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر تۇپرىقىغا بېسىپ كىرىشى بىلەن تارىخ بېتىدىن ئۆچۈرۈلدى. بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرىدىن تارتىپ بۇ تۇپراقتا مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان ئىسلام دۆلىتى يوقالدى. شۇندىن ئېتىبارەن بۇ تۇپراققا كىرگەن خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى يەرلىك ساقچىلارغا ماسلىشىش ئاساسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بارلىق مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى بېسىقتۇرۇش بولدى. ھازىرغا قەدەر بۇ تۇپراقتىكى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ۋەزىپىسى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.
ماقالىدە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ «56-قىسىم» دەپ ئاتالغان قىسمىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ھىندىستان ۋە رۇسىيەگە تاقابىل تۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ماقالىدە يەنە، 16-نۆۋەتلىك خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا جياڭ زېمىننىڭ، دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغان خۇ جىنتاۋغا مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ئورنىنى خېلى ۋاقىتقىچە بوشىتىپ بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ماقالىدە 1989-يىلى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتى توغرىسىدىمۇ توختالغان،
ماقالىدە خىتاينىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ تىبەتتە ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقىتتا خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ تىبەتلەرنى باستۇرغان ھەرىكىتىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا، سوۋېتلار ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بېرى ئەندىشە قىلىپ كېلىۋاتقان «سوۋېت تەھدىتى» ئاخىرلىشىپ،خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى بارلىق كۈچىنى دېڭىز ئارمىيىسىنى كۈچلەندۈرۈشكە قاراتتى، دېيىلگەن.
ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.