ياپونىيەدە ماقالە: خىتايدىكى مەسچىتلەر

0:00 / 0:00

ياپونىيىدە تەتقىقاتچى ساۋائى مىتسۇئو قاتارلىقلار بىرلىكتە يازغان «خىتايدىكى مەسچىتلەر»ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر ماقالىدە خىتايدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان خۇيزۇلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسچىت قۇرۇلۇشىنىڭ شەكلى جەھەتتە بىر - بىرىدىن پەرقلىنىدىغانلىقى ئۈستىدە ئۆزگىچە ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان.

ئاپتورلار ماقالىدە، خىتايغا ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىش تارىخى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق بايان قىلىغان:خىتاينىڭ تاڭ دەۋرىدىن باشلاپ، ئىسلام دىنى خىتايغا تارقىلىشقا باشلىغان. ئەڭ دەسلەپتە،چاڭئەن، گۇيجۇ قاتارلىق شەھەرلەرگە ئەرەبلەر، فارسىلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلار كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. بۇ شەھەرلەرگە كەلگەن مۇسۇلمانلار مەسچىتلەرنى سالغان. مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ شەھەرلەردە كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، مۇسۇلمانلار ئۆز ئالدىغا بىر جەمئىيەت بولۇپ شەكىللەنگەن. خىتايدىكى مەسچىت دەپ يېزىلغان سۆزنىڭ بىر قانچە خىل ئوخشىمىغان مەنىسى بولۇپ،ئۇ ئەڭ پاكىز ئىبادەتخانا،خۇيزۇلارنىڭ ئىبادەتخانىسى دېگەندەك مەنىلەرگە ئىگە.

ئاپتورلار ماقالىدە خىتايدىكى مەسچىتلەرنىڭ سانى، خۇيزۇ مەسچىتلىرىنىڭ سېلىنىش قۇرۇلۇش شەكلى ھەققىدە توختىلىپ، خۇيزۇ مەسچىتلىرىنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش شەكلىنىڭ يەنىلا خىتاي بىناكارلىقى قۇرۇلۇش شەكلىگە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا سېلىنغانلىقىنى تۆۋەندىكى تارىخىي پاكىتلار ئارقىلىق روشەن يورۇتۇپ بەرگەن:2005 - يىللى خىتاينىڭ ئىسلام دىنىي جەمئىيىتى ئېلان قىلغان 47 - نومۇرلۇق ھۆججىتىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا،خىتايدا جەمىي 34 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىت بار. مەسچىتلەر ئەسلىدە ئىسلام دىنىنىڭ ناماز قوئۇيدىغان، ئىسلام مائارىپى بويىچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان ۋە دىنىي مۇراسىملارنى ئۆتكۈزىدىغان جاي. خىتايدىكى مەسچىتلەرنىڭ قۇرۇلۇش بىناكارلىق شەكلى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ. خۇيزۇ مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسچىت قۇرۇلۇش شەكلى ئاساسەن خىتاينىڭ بۇددا دىنى دەۋرىدىكى بۇددا ئىبادەتخانىلىرىنىڭ شەكلىدە سېلىغان. خۇيزۇلارنىڭ مەسچىتى مەركىزى ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق قاتارلىق ئەللەردىكى مەسچىتلەردىن قۇرۇلۇش شەكلى جەھەتتە تامامەن پەرقلىق. مەسچىت،غەرب - شەرق،جەنۇب - شىمالدىن ئىبارەت توت تەرەپلىك قىلىپ سېلىنىپ، مەسچىتنىڭ ئوتتۇرىسىغا ھويلا ياسىلىدۇ. شەرق تەرەپتە مەسچىتنىڭ دەرۋازىسى،غەربتە ناماز ئوقۇش ئۆيى، جەنۇب، شىمال تەرەپلىرىدە ئاخۇنۇملارنىڭ ئوقۇتۇش، دىنىي ساۋاتلاردىن ۋەز ئېيتىش ئۆيلىرىمۇ بار. بۇ مەسچىتلەر بىناكارلىق قۇرۇلۇش سەنئىتىدە پۈتۈنلەي خىتاينىڭ قەدىمقى تائو دىنىنىڭ ئىبادەتخانە سېلىش ئۇسلۇبىنى ئۆرنەك قىلغان. بېيجىڭدىكى نيۇجى مەسچىتى ئەرەبلەر تەرىپىدىن سېلىنغان مەسچىت. مەسچىتنىڭ ئۆگزىسىگە ھەيدەرھانىڭ ياغاچتىن ياسالغان سۈرىتى، ئۆگزىنىڭ ئەتراپىغا ياغاچتىن ياسالغان قۇشلارنىڭ سۈرىتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مەسچىتنىڭ ئىككى تېمى قىزىل رەڭدە بويالغان. مەسچىتنىڭ تاملىرىدا گۈل، قاچا - قۇچىلارنىڭ چۈشۈرۈلگەن سۈرىتى بار. بۇ خىل بىناكارلىق ئۇسلۇبى ھەقىقى خىتاي بىناكارلىق قۇرۇلۇش شەكلى. بېيجىڭدىكى نيۇجى مەسچىتىگە بايراقلار قويۇلغان. بايراقتا ھىلال ئاي، يۇلتۇز چۈشۈرۈلگەن، ئەرەبچە خەتلەر يېزىلغان. مەسىلەن:«لا ئىلاھە،ئىللەللاھ مۇھەممەدىن رەسۇللاھ» دېگەن سۆزنىڭ خىتايچە ئوقۇلۇشى بار. مەسچىتنىڭ ئىچىدە قىبلىگە قارالغان مېھراب ۋە جۈمە كۈنىدە ئىمام قۇتبە ئوقۇيدىغان مۇنبەر بار. مەسچىتنىڭ ئىچى - سىرتىغا يېزىلغان ئەرەبچە خەتلەر بار. مەسچىتتە تاھارەت ئالىدىغان جاي ۋە شۇنداقلا رامىزان ئايلىرىدا مەسچىت جامائىتى بىرلىكتە ئىفتار قىلىدىغان خانىلارمۇ بار.

ئاپتورلار ماقالىدە خۇيزۇلارنىڭ خىتاي بىناكارلىق سەنئىتىگە ئوخشىمايدىغان ئەرەب، مەركىزى ئاسىيا بىناكارلىق قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىدا سېلىنغان مەسچىتلىرىنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دېگەن: خۇيزۇلاردا ئۇندىن باشقا، مەركىزى ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرقتىكى مەسچىت قۇرۇلۇشى شەكلىدە سېلىنغان قىسمەن مەسچىتلەرمۇ بار.خۇيزۇلار بۇ خىل ئۇسلۇبتىكى مەسچىتلەرنى ئەرەبچە شەكىل دەپ ئاتايدۇ. بۇ خىلدىكى مەسچىتلەر ئەرەب بىناكارلىق قۇرۇلۇش شەكلى بىلەن خىتاي بىناكارلىق قۇرۇلۇش شەكلى بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىلدە ياسالغان. خۇيزۇلار خىتايلار بىلەن بىرلىكتە ياشىغانلىقى ئۈچۈن،خىتاينىڭ قەدىمقى بىناكارلىق قۇرۇلۇش شەكلىنى ياخشى كۆرىدۇ.

ئاپتورلار ماقالىدە خىتاي دۆلىتىدىكى تىل، مەدەنىيەت ۋە قۇرۇلۇش سەنئىتى جەھەتتىمۇ ئۆزگىچە مەدەنىيەتكە ئىگە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسچىت قۇرۇلۇش سەنئىتى توغرىسىدا تەپسىلىي توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان: ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى خىتاي تىلى بولمىغانلىقتىن ئۇلار ئەرەب تىلدىكى مەسچىت سۆزىنى ئەينەن مەسچىت دەپ ئاتايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مەسچىت قۇرۇلۇش شەكلى خۇيزۇلاردىن پەرقلىق. ئۇيغۇر مەسچىتلىرى مەركىزى ئاسىيادىكى مەسچىتلەرگە ئوخشايدۇ. مەسىلەن: قەشقەردىكى قەدىمقى مەسچىتلەردىن بىرى بولغان ھېيتگاھ مەسچىتى 15 - ئەسىردە سېلىنغان دەپ قارىلىدۇ. ھېيتگاھ مەسچىتى 1870 - يىلى ياقۇپ بەگ زامانىسىدا ئەسلىدىكى مەسچىتنىڭ شەكلى ھازىرقى شەكىلگە ئۆزگەتىلگەن. ياقۇپ بەگ مۇسۇلمانلارنى قوغداش ئۈچۈن قوقەندىن قەشقەرگە كېلىپ، قەشقەرىيە ھاكىمىيىتىنى قۇرغان. ياقۇپ بەگ ھېيتگاھ مەسچىتىنى پەرغانە ۋادىسىدىكى مەسچىتلەرنىڭ شەكلىگە ئوخشاش قىلىپ ئۆزگەرتىپ ياساتقان. شۇڭا قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ قۇرۇلۇش شەكلى پەرغانە ۋادىسىدىكى مەسچىتلەرگە تامامەن ئوخشايدۇ. ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 140 مېتېر، كەڭلىكى 120 مېتېر. مەسچىتنىڭ ئىچىدىلا ئالتە مىڭ كىشى ئازادە ناماز ئوقۇيالايدۇ. مەسچىتنىڭ ئىچى گۈمبەز شەكلىدە، ئىككى ئىگىز مۇنارى بار. مەسچىتنىڭ ھويلىسىدا كۆپلىگەن گۈل، دەرەخلەر بار. مەسچىتتە تاھارە ئېلىش، ناماز ئوقۇش، ئوقۇتۇش، قىرائەتخانا ۋە مەدىرىسە بار. ئەمما ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ مەدىرىسى ھازىر تاقالغان. قەشقەردە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قۇرۇلغان دىنىي تەلىم - تەربىيە ئالىدىغانلارنى مەخسۇس تەربىيىلەش ئورنى بار. كۇچاردىكى خانىقا مەسچىتىدە قازىخانا بار. خانىقا مەسچىتى ھىجىرىيە 1347 - يىلى سېلىنغان دەپ، مەسچىت ئىچىگە خەت ئويۇلغان. يەنى بۇ ھىجىرىيە يىلى 1928 - ، 1929 - يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە 1950 - يىلىغىچە ئىسلام قانۇنى ئىجرا قىلىنغان.

ئۇيغۇر بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرى ھەققىدە ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.