ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار روزا ھېيتنى كۈتۈۋالدى

0:00 / 0:00

5-ئىيۇل ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەر قايسى ئۆلكە ۋە شەھەرلەردىكى مەسچىتلەرگە جەم بولۇپ ھېيت نامىزىنى تاماملاپ، بۇ يىلقى روزا ھېيت بايرىمىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

توكيودىكى مەشھۇر قەدىمىي مەسچىتلەردىن بىرى بولغان تۈرك جامەسىدە روزا ھېيت نامىزىنى تاماملىغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ياپونىيەدىكى ۋە شۇنداقلا دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتىنى چىن دىلىدىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت نامازلىرىدىن كېيىن قەبرە يوقلاشتىن ئىبارەت بۇ ئەنئەنىسى بويىچە توكيودىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىشىپ، تاما قەبرىستانلىقىدىكى 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي قوماندانى گېنېرال مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئاكىسى مۇسىل ھاجى مۇھىتى ۋە مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئوردۇ تىل تەرجىمانى تۇردى بەگزادە قاتارلىق ئۇيغۇر مۆتىۋەرلىرىنىڭ قەبرىسىنى يوقلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ياپونىيەنىڭ سايتاما ئۆلكىسىدە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن غالىپ مىجىت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بارلىق ۋەتەنداشلىرىغا ئۆزىنىڭ ھېيتلىق سالىمىنى يوللىدى.

ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىدىن گۈلىستان ئەزىزى بۇ يىلقى روزا ھېيت بايرىمىنىڭ 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسى خاتىرە كۈنىگە توغرا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ روزا ھېيتنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى قايغۇ بىلەن ئەسلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇيغۇر زىيالىيسى غالىپ مىجىت روزا ھېيتىن ئىبارەت بۇ دىنىي بايرامنىڭ ئىناقلىقنى ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېتىلىۋاتقان پەرزەنتلەرگە قېرىنداشلىق ۋە دوستلۇق مېھرىنى ئۆگىتىدىغان ياخشى بىر دەرس ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

گۈلىستان ئەزىزى يەنە روزا ھېيتتىن ئىبارەت بۇ بايرامنىڭ ئائىلىۋى بالىلار تەربىيىسىدىكى رولى ھەققىدىمۇ قىسقىچە توختالدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.