28-ئىيۇل ياپونىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ھەر قايسى شەھەر ۋە ئۆلكىلەردىكى مەسچىتلەردە روزا ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ روزا ھېيتنى قۇتلۇقلىدى.
ياپونىيەنىڭ بىر قىسىم شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار باشقا مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە ھېيت نامىزىدىن كېيىن مېھمانخانىلارنىڭ ئايرىمخانىلىرىدا ئۆزلىرى ئالدىن تەييارلىغان يېمەكلىكلەر بىلەن داستىخان سېلىپ روزا ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلىگەن.
ئۇيغۇرلار روزا ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە مەخسۇس بالىلار ئۈچۈن قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ئىسلامىي ئىلىملەر، ئۇيغۇر تارىخى ۋە شۇنداقلا باشقا بىلىملەرگە ئائىت زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزگەن.
يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بولسا، پەلەستىن غەززەدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىئانە توپلاشتەك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.
بىز روزا ھېيتنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن توكيو، چىبا، فۇكۇئوكا قاتارلىق شەھەرلەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرى ۋە زىيالىيلار بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
تېخى ئەمدىلا روزا ھېيت نامىزىنى تاماملاپ توكيو تۈرك جامىسىدىن پىغان بىلەن چىققان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماخمۇت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ شۇ تاپتىكى ۋەتەن سۆيگۈسىنى ھەسرەتلىك ئىپادىلەپ ئۆتتى.
ۋەتەنداشلىرى بىلەن مەسچىت ئالىدىدا قۇچاقلىشىپ، باغرىنى-باغرىغا بېسىپ ھېيتلىق سالاملىرىنى بىر-بىرىگە بىلدۈرۈۋاتقان، باش شتابى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق،دېموكراتىيە فوندىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم نامازدىن كېيىنكى ئۆزىنىڭ ھېيتلىق تەسىراتى ۋە ھېسسىياتىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن گۈلىستان خانىم ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئوخشىمىغان شارائىت ۋە مۇھىتتىكى روزا ھېيت بايرىمى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە پەنلىرى ئاسپىرانت دوكتورى مۇختارجان ئابدۇراخمان قانداق قىلغاندا روزا ھېيت بايرىمىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزگىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00