ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش ياپونىيە جەمئىيىتىنىڭ ھەر ساھەسىدە ئۆز ئىپادىسىنى تېپىشقا باشلىغان.
بۇ خىل ھۆرمەت قىلىش، ئايرودروم ۋە ئالىي مەكتەپلەرگە مەخسۇس ناماز ئوقۇش ئۆيى تەسىسى قىلىش، يېمەسلىك ساھەسىدە مەخسۇس ھالال خۇرۇچلاردىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىش ۋە مۇسۇلمانلارنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش قاتارلىقلاردا ئىپادىلەنگەن.
بۇددا ۋە شىنتو دىنلىرى ئاسىي ئورۇندا تۇرىدىغان ياپونىيەدە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا بۇنداق ھۆرمەت كۆرسىتىلىشى ياپونىيەدىكى كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارنى تولىمۇ تەسىرلەندۈرگەن.
«ئاساھى شىمبۇن» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ياپونىيەدە ساياھەتتە بولۇۋاتقان مۇسۇلمانلار سانىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىشىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتقان ياپونىيە ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارنىڭ بەش ۋاق ناماز ئوقۇش ئادىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ياپونىيە تەۋەسىدىكى بارلىق ئايرودروملارنىڭ خەلقئارالىق ئۇچۇش بۆلۈمىگە ناماز ئوقۇش ئۆيى تەسىس قىلغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ساتسۇما ئىسلام مەركىزىنىڭ رەئىسى دوكتور مۇھەممەد ئەۋزەل شەرىف بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش. ناماز ئوقۇش ئۆيىنىڭ بولۇشى ياپونىيەگە كەلگەن مۇسۇلمان ساياھەتچىلەرنىڭ ناماز ئوقۇشىغا تولىمۇ قۇلايلىق.
ياپونىيە ئويدۇرمىلىرىغا تەسىس قىلىنغان ناماز ئوقۇش ئۆيىدە تاھارەت ئېلىش جايى، ناماز ئوقۇش جەدۋىلى، قىبلە قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن.
ئادەتتە ياپونىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەردە مۇسۇلمانلارنىڭ بەش ۋاق ناماز ئوقۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ مەكتەپ ئىچىدە ۋە شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسىدىمۇ مەخسۇس ناماز ئوقۇش ئۆيى تەسىس قىلىنغان.
ياپونىيە ئاخباراتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيەگە ساياھەتكە كەلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ھالال يېمەكلىكلەردىن غىزالىنىشىنى كۆزدە تۇتقان ياپونىيەدىكى بىر قىسىم گۆش يېمەكلىكلىرى شىركەتلىرى گۆش يېمەكلىكلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە ئىسلام دىنىنىڭ ھالال يېمەكلىك قائىدىسىگە ئەمەل قىلغان ھالدا قوشنا ئەللەردىن بىر قىسىم مۇسۇلمان ئىشچىلارنى تەكلىپ قىلغان.
مۇسۇلمان ساياھەتچىلەرنىڭ تاماقتىن كېيىن تاتلىق-تۇرۇملار بىلەن غىزالىنىش ئادىتىنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ياپونىيە تاتلىق تۇرۇملىرىغا ھاراق ۋە چوشقا مېيى قوشۇشتەك ئادەتلەر ئۆزگەرتىلىپ، مۇسۇلمانچە تاتلىق يېمەكلىكلەر ھازىرلىنىپ، ھەتتا تورت قاتارلىق تاتلىق-تۇرۇملار «ھالال» دېگەن ئەرەبچە خەت يېزىلىدىغانلىقى خەۋەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيەدىكى يېمەكلىكلەر سودا مەركەزلىرىدە مەخسۇس مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھالال يېمەكلىكلەرنى سېتىش مەركىزى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇندىن باشقا جۇۋاۋا قاتارلىق تۈگمە تاماقلارنىڭمۇ ھالالدىن خۇرۇچلاردىن تەييارلانغانلىرى مالايشىيا، سىنگاپور قاتارلىق ئەللەرگە ئېكسپورت قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ساتسۇما ئىسلام مەركىزىنىڭ رەئىسى دوكتور مۇھەممەد ئەۋزەل شەرىف ياپونىيەدىكى ھالال يېمەكلىكلەر دۇكىنى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ياپونىيەنىڭ ھەرقانداق يېرىدىن كەم دېگەندە بىرەر بولسىمۇ ھالال يېمەكلىكلەر دۇكىنى ۋە مەسچىت تېپىلىدۇ.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئۆزىدىلا پەقەتلا مالايشىيادىن 170 مىڭدىن ئارتۇق، ھىندونېزىيەدىن 130 مىڭدىن ئوشۇق ساياھەتچى ياپونىيەگە كەلگەن بولۇپ، ئالدىنقى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا مۇسۇلمانلارنىڭ ياپونىيەنى ساياھەت قىلىش نىسبىتى ئۆتكەن يىلى 35% ئاشقان.
ئۇندىن باشقا خەۋەردە يەنە، ئىسلام ئەللىرىدىن ياپونىيەگە كېلىپ خىزمەت قىلىۋاتقان تەتقىقاتچىلار ۋە شۇنداقلا زاۋۇت، كارخانا، فابرىكىلاردىكى مۇسۇلمان ئىشچىلارنىڭ ناماز ۋاقتى ۋە شۇنداقلا رامزان ئېيىدىكى پائالىيەتلىرىگە ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
«يومىۇرى شىمبۇن گېزىتى» نىڭ 20-ئىيۇل سانىدا بىلدۈرۈشىچە، تۇنجى ئافرىقىلىق 22 ياشلىق مۇسۇلمان مىسىرلىق چېلىشچى ئابدۇراخمان شالان 18-ئىيۇل ناگويا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ياپونچە چېلىشىش يەنى سۇمو چېلىشىش مۇسابىقىسىدە ئارقا-ئارقىدىن رەقىبلىرىنى يېڭىپ ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈشى مۇسابىقە مەيدانىدىكى تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇرغان.
سەۋەبى چېلىشچى ئابدۇراخمان روزا تۇتقان بولۇپ 38 گرادۇسلۇق ئىسسىقتا ئۆز رەقىبلىرى بىلەن كۈچ ئېلىشقان. كېيىن بۇ خەۋەر ياپونىيە جەمئىيىتىگە تارالغاندىن كېيىن كۆپلىگەن كىشىلەر مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىدىكى خىسلەتلەر ھەققىدە مۇنازىرە قىلىشقان.
مەزكۇر خەۋەردىن ۋاقىپلانغان ئوتتۇرا شەرق مۇستەقىل تارىخ تەتقىقاتچىسى ياماگۇچى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: مۇسۇلمان چېلىشچى ئابدۇراخماننىڭ روزا تۇتۇپ رەقىبلىرىنى يېڭىشى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. چۈنكى ھازىرقى ئىسسىق ھاۋادا نورمال ئادەملەرنىڭ ھەرىكەت قىلىشىمۇ تەسكە توختاۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ روزا تۇتۇپ تۇرۇپ غەلىبە قىلىشى بۇ بىر ئاجايىپ ئىش.
ئاخىردا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ياپونىيەگە ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىش تارىخىي تەرەققىياتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.