يېڭىدىن ئىمان ئېيتىپ، مۇسۇلمان بولغان ياپونىيەلىككە ئۇيغۇر دوپپىسى ھەدىيە قىلىندى. مۇسۇلمان بولغان سېتوگۇچى ئابدۇللا مەن بېشىغا ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلىغانلىقىدىن تولىمۇ خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
10-ئاينىڭ 25-كۈنى يېڭىدىن ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغان ئۆي-قۇشلىرى شىركىتىنىڭ 42 ياشلىق خوجايىنى بۈگۈن تۇنجى جۈمە نامىزىنى مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە ئوقۇدى.
10-ئاينىڭ 17-كۈنى فۇكۇوكا شەھىرىدىكى «ئەلنۇر» مەسجىتىدە ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغان ياپونىيەلىك سېتوگۇچىغا «ئابدۇللا» دەپ ئىسىم قويۇلغان ۋە ئۇنىڭغا ياپونىيە ئىسلام دىنىي جەمئىيىتى مۇسۇلمانلىقىنى ئىسپاتلاپ گۇۋاھنامە بەرگەن.
بۈگۈن سېتوگۇچى ئابدۇللا ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى جۈمە نامىزىنى كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بارلىق مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئوقۇدى
جۈمە نامىزىدىن كېيىن سېتوگۇچى ئابدۇللا ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جامائەتكە ۋە مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلاش مۇراسىمى كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.
بۈگۈنكى بۇ مۇراسىمغا ياپونىيە ساتسۇما خەلقئارا ئىسلام مەركىزى ساھىبخانىلىق قىلدى. مۇراسىمغا ساتسۇم ئىسلام مەركىزىنىڭ رەئىسى كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ھىشام ئىبراھىم رىياسەتچىلىك قىلدى.
مۇراسىمدا سېتوگۇچى ئابدۇللاغا ئۇيغۇر جامائىتىگە ۋاكالىتەن ئۇيغۇر دوپپىسى تەقدىم قىلىندى.
بېشىغا يارىشىملىق ئۇيغۇر دوپپىسى كىيىپ سۆز باشلىغان سېتوگۇچى ئابدۇللا مەتبۇئاتلارغا ۋە بۇ قېتىمقى مۇراسىمغا قاتناشقان بارلىق چەتئەللىك مۇسۇلمانلارغا ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇددا دىنىدىن ۋاز كېچىپ، ئىسلام دىنى قوبۇل قىلغانلىقى توغرىسىدا كۆپچىلىككە سۆز قىلدى.
ئۇ سۆزىنى ئاۋۋال «قۇرئان كەرىم» دىكى «سۈرە فاتىھە»، «سۈرە ئىخلاس» قاتارلىق ئايەتلەرنى يادقا ئوقۇشتىن باشلاپ مۇنداق دېدى: مېنىڭ ئاتام-ئانام ۋە مەن ئەسلىدە بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتۇق. مەن بۇددا دىنىنىڭ ئەقىدە كالاملىرى توغرىسىدىكى نوملارنى، خرىستىئان دىنىدىكى ئىنجىلنى ئىزچىل ئوقۇدۇم. ئىسلام دىنىدىكى «قۇرئان كەرىم» نى ئوقۇغاندىن كېيىن مەن «قۇرئان» دىن ئىبارەت بۇ كىتابتىكى مۆجىزىلەرنىڭ ۋە ئاللانىڭ كالامىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. ۋە ئاخىرى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشنى لايىق كۆردۈم. مەن «قۇرئان كەرىم» نىڭ ياپون تىلىدىكى تەرجىمىسىنى قايتا-قايتا ئالتە ئاي ئوقۇدۇم ۋە ئۆزۈمنىڭ بىلىشىچە تەتقىق قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «ھەدىس شەرىف» لەرنىمۇ ئوقۇدۇم. ۋە شۇنداقلا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشنى لايىق تاپتىم. مەن ھازىر ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغانلىقىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن. مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ ماڭا ئىسلامى بىلىملەر ھەققىدە كۆپرەك ساۋاق بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەمما كۆپچىلىككە شۇنى ئېيتىپ قويۇشنى لايىق كۆردۈمكى مەن مۇسۇلمان بولغۇچە مېنى ھېچقانداق مۇسۇلمان ۋە ياكى قانداقتۇر بىرەر ئىسلامى تەشكىلات مېنى ئىسلامغا دەۋەت قىلغىنى، ماڭا ئىسلام ھەققىدە ساۋات بەرگەنى يوق. مەن ئۆزلۈكۈمدىن مۇسۇلمان بولۇشنى قارار قىلىپ، مەسچىتىگە ئۆزۈم بېرىپ مۇسۇلمانلار ئۆزۈم بىۋاسىتە بىلەن كۆرۈشتۈم.
سېتوگۇچى ئابدۇللا مۇراسىمدا كۆپچىلىكنىڭ «سىز نېمە سەۋەبتىن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشنى لايىق كۆردىڭىز؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: مەن ئىسلامدىن ئىبارەت بۇ دىننىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچ-قۇۋۋەتلىك، جاسارەتلىك، ئۈمىدۋار، ھېچنېمىدىن قورقماس، باش ئەگمەس كۈچلۈك روھىي مېنى تولىمۇ تەسىرلەندۈردى.
كىشىلەر ئۇنىڭدىن يەنە: «سىز بۇنىڭدىن كېيىن ئىسلام ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىشنى پىلانلاۋاتىسىز؟» دەپ سوئال سورىغىنىدا، ئۇ، بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: مەن بۇنىڭدىن كېيىن «قۇرئان كەرىم» نى تولۇق ئەرەب تىلىدا يادلاپ چىقىش بىلەن بىرگە ئۆزۈمنىڭ ئۆي-قۇشلىرى شىركىتىدىكى يېمەكلىكلەرنى «ھالال» يېمەكلىك قىلىپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ساتسۇما ئىسلام مەركىزىنىڭ رەئىسى، كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسور، مىسىرلىق دوكتور ھىشام ئىبراھىمنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: مېنىڭ ھاياجانلانغىنىم، ئۇ، ئۆزى ئېيتىپ ئۆتكەندەك ئۇنى ھېچكىم ئىسلامغا دەۋەت قىلغىنى يوق، شۇنداقلا ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىسلام جەمئىيەتلىرى بىلەن كۆرۈشكىنىمۇ يوق. ئۇ، ئۆز يۈرىكى بىلەن ھەقىقىي تەڭرىنى تونۇغان. ئىنجىل، «قۇرئان كەرىم» نى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىپ ئوقۇغان. ئۇنىڭغا بۇ يولنى ئاللاھ ئۆز پەرىشتىلىرى ئارقىلىق بىۋاسىتە كۆرسەتكەن يول.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تېببىي پەنلەر دوكتورى پاكىستانلىق مۇھەممەد ئەۋزەل شەرىپ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئاللاھ ئۇنىڭغا توغرا يولنى كۆرسەتتى. مەن ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا دۇئا قىلىمەن. شۇنداقلا كاگوشىمادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر جەھەتتە ئۇنىڭغا ياردەمدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ياپونىيەدە ياشاۋاتقان تۈركىيەلىك رەفەت ئۆزى ئىشتىراك قىلغان بۈگۈنكى پائالىيەت ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: تولىمۇ خۇشال بولدۇم. مەن كۆپلىگەن ياپونلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىزنىڭ بۇ يەردە ئىسلامى پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىمىزدىكى مەقسەتمۇ شۇ. بولۇپمۇ بۈگۈن مۇسۇلمان بولغان بۇ ياپونىيەنىڭ بېشىدىكى بىزنىڭ قەدىمىي تۈرك دوپپىسىنى كۆرۈپ خۇرسەن بولدۇم.
ئاخىردا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغان ياپونىيەلىك سېتوگۇچى ئابدۇللا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: مەن بېشىمغا بۈگۈن ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ كۆپچىلىككە ئۆزۈمنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى جاكارلىغانلىقىمدىن تولىمۇ خۇشال.
ھازىر ياپونىيەدە ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشى ناھايىتى تىز بولۇپ، ياپونىيەدە تەخمىنەن ئەللىك مىڭغا يېقىن مۇسۇلمان ياشايدۇ. ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىدە ئاساسەن مەسچىتلەر بار بولۇپ، ھالال يېمەكلىكلەر دۇكىنىمۇ زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ.