ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالدى

0:00 / 0:00

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋالدى

12 - سېنتەبر ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھىجرىيە كالېندارى بويىچە ھەر يىلى زۇلھەججەنىڭ ئونىنچى كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىسلام دىنىدىكى بۈيۈك بايراملاردىن بىرى بولغان قۇربان ھېيتنى خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋالدى.

توكيو ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار بۈگۈن ياپونىيەدىكى قەدىمى مەسچىتلەردىن بىرى بولغان توكيو تۈرك جامەسىگە جەم بولۇپ قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇدى.

توكيودىكى تۈرك جامەسىدە قۇربانلىق ھېيتلىق نامىزىنى تاماملاپ ۋەتەنداشلىرى بىلەن ئۇزارا قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ھېيتلىق سالاملىشىۋاتقان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ياپونىيەدە مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربانلىق قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقتىن ئادەتتە نامازدىن كېيىنلا قولۇم - قوشنا،ئۇرۇق - تۇغقان، ئەل - ئاغىنىلەر ئۇزارا ھېيتلىشىدۇ. بىراق،بۇ يىللىق قۇربان ھېيت خىزمەت كۈنىگە توغرا كېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار خىزمەت ئۈستىدە ھېيت ئۆتكۈزۈشكە توغرا كەلدى.

قۇربان ھېيت بايرىمىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن گۈلىستان ئەزىزى ھېيتلىق تەسىراتىنى بايان قىلدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماخمۇت بۇ يىلقى قۇربان ھېيت ھەققىدە توختالدى.

ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن تاما قەبرىستانلىقىدا
ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن تاما قەبرىستانلىقىدا (RFA/Haji Qutluq Qadiri)


ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە،توكيودا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ھارپا كۈنى توكيودىكى تاما قەبرىستانلىقىغا دەپىنە قىلىنغان يەنى 1939 - يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ گېنېرالى مەھمۇت مۇھىتى باشچىلىقىدا ياپونىيەگە كېلىپ توكيودا ۋاپات بولغان مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئاكىسى مۇسىل ھاجى مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ ئوردۇ تىل تەرجىمانى توختى بەگزادە قاتارلىق ئۇيغۇر مۇجاھىدلىرىنىڭ قەبىرلىرىنى يوقلىغان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.