يارىتىلىشتا تاسادىپىيلىققا ئورۇن بارمۇ؟
2013.03.04
دىن ۋە ھايات 2000 سوئالغا جاۋاب ناملىق ئەسەردە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
-ئىنساننى مىسال قىلايلى: بىر ئىنساندا 208 پارچە ئۇستىخاننىڭ بولىدىغانلىقىنى تېببىي مۇتەخەسسىسلەر سۆزلىمەكتە. ئەگەر ئىنساننىڭ جىسمانىي قۇرۇلمىسى تاسادىپىيلىق بىلەن بولىدىغان بولسا، بىر ئىنساننىڭ جىسمانىي قۇرۇلمىسى يەنە بىر ئىنساننىڭ جىسمانىي قۇرۇلمىسىغا ئوخشىمىغان بولماسمىدى؟ تاسادىپىيلىقتىن ئىبارەت بۇ ئۇشتۇمتۇت ھادىسە ھەمىشە ۋە ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن بولۇۋېرەمدۇ؟ دۇنياغا كۆز ئاچقان ھەر بىر بوۋاق ئۆزىنىڭ ئاۋازى، بارماقلىرىنىڭ ئىزلىرى، سېيماسى، سۆزلەش ئۇسۇلى.... ۋەھاكازا بىر قانچە جەھەتتىن يەنە بىرىدىن پەرقلىق بولۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىرخىل پىلاندا يارىتىلىشى تاسادىپىيلىقنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىماقتا.
يارىتىلىشتا تاسادىپىيلىق يوق
مەزكۇر ئەسەردە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
-پروفېسسور جاك كۇيس يارىتىلىشتا تاسادىپىيلىقنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ھەققىدە: «ئەگەر يەر يۈزىدە ھاياتنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ئېھتىمال ھېسابلارغا باغلايدىغان بولساق، بىزنىڭ مەۋجۇت بولۇشىمىزنىڭ قەتئىي مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرىمىز» دېگەن.
ئامېرىكىلىق پروفېسسور مېخائىل ھارت ئېھتىماللىق ھېسابى بىلەن بېرەر جانلىقنىڭ بارلىققا كەلمەيدىغانلىقىنى ۋە تاسادىپىيلىق يولى بىلەن ئەقىل ئىگىسى بولغان ئىنساننىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئىلمىي ئۇسۇللار بىلەن ئىسپاتلىغان. يۇقىرىقى ئىككى ئالىم شۇنداق بىر ئوچۇقلاش بىلەن سۆزىنى تاماملىغان: «ئىلىم ۋەقەلىكلەرنىڭ نېمە ئۈچۈنلىرى ھەققىدە ئەمەس، بەلكى قانداق ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىزدىنىش دېمەكتۇر. بىز بىلىم ئادەملىرىمىز. ئەڭ كىچىك مەۋجۇداتتىن ئەڭ چوڭىغىچە ئاتومدىن يۇلتۇزلارغىچە سوزۇلغان پۈتۈن كائىنات ئەڭ مۇكەممەل بىر نىزام، خارىقى ئادەت بىر سىستېما بىلەن تۇرماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كائىناتنىڭ ئەقىلنى مەست قىلىدىغان ئىلمىي ھەقىقەتلىرى كۈنسېرى ئاشماقتا. ‹قولىڭىزدىكى تەڭگە پۇلنى بىر مىليون قېتىم ھاۋاغا ئاتسىڭىز ۋە بۇ پۇل ھەر قېتىمدا ئەينى يۈزى بىلەن چۈشسە، شۇ ۋاقىتتا تاسادىپىيلىققا ئىمكانىيەت بار دېمەكتۇر› دېگەن بىر تەبىئىي پەن ئالىمى ئىلىمنىڭ تاسادىپىيلىقنى ھەرگىز قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئوچۇقلايدۇ.»