بۈگۈن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پەيزىۋاتتىكى بىر ئاكتىپ ساقچى خادىمى بۇ يىل ھەجدىن قايتقانلارنىڭ ئۆيىگە قايتىشتىن ئاۋۋال ئۇدۇل ۋىلايەت ياكى ناھىيەدىكى «تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئاز دېگەندە 4-5 كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ «تەربىيە» جەريانىدا ھاجىلارنىڭ ئۆيىگە قايتالمايدىغانلىقى، «تەربىيە» نى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئىش-ھەرىكەت ۋە ئىدىيەسىنىڭ داۋاملىق كۆزىتىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ھەجگە كەلگەنلەرنىڭ ھەج مەزگىلىدە ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق نازارەت قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يىللاردىن بېرى ئىزچىل كۆزىتىپ كېلىۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىر ئەخمەت مۆمىن ئەپەندى، ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن، ئەھۋالىنىڭ يەنىلا ئەندىشىلىنەرلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇنىڭ ئەڭ يېقىندا ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ھاجىلار ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن ئاۋۋال ئۈرۈمچىدە، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆز يۇرتلىرىدا قايتا تەربىيەگە ئەۋەتىلىدۇ. ئەخمەت مۆمىن ئەپەندىنىڭ بۇ ئۇچۇرلىرى خىتاينىڭ پەيزىۋاتتىكى بىر ئاكتىپ ساقچى خادىمى تەرىپىدىن دەلىللەندى.
مەزكۇر ساقچى ئۆزى مەسئۇل كەنتنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى ۋە ئۆزىنىڭ شەخسىي خىزمەت نەتىجىسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، كەنتىدىن ھەجىگە كەتكەن 64 ياشلىق ھېلىخان (ھېلىمەخان) ئابلا خانىمنىڭ ھەجدىن كەلگەندىن كېيىن باشتىن كەچۈرىدىغانلىرى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ھاجىلار ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن، دائىرىلەر ئۇلارنى ۋىلايەتلىك ياكى ناھىيىلىك بىرلىك سەپ بۆلۈمىگە تاپشۇرىدۇ. بىرلىكسەپ ئىدارىسى ئۇلارنى تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ھاجىلار ئاز دېگەندە 4-5 كۈنگە قەدەر، يەنى كۇرس تاماملانغانغا قەدەر ئۆيىگە قايتالمايدۇ.
ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدا بۇ يىل دائىرىلەرنىڭ ھەجگە كېلىدىغانلارنى تەشكىللەشتە قىينالغانلىقى، چۈنكى كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئاۋارىچىلىكتىن قورقۇپ ھەجگە تىزىملىتىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقى، دائىرىلەرنىڭ بۇرۇنقى تىزىملىككە ئاساسەن ھاجى نامزاتلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق تىزىملىكنى تولدۇرغانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى.
پەيزىۋاتلىق ساقچى خادىمى، ئۆز كەنتىدىكى ھاجى نامزاتىنىڭ ھەجگە ئۆزلۈكىدىن تىزىملاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمما ئۇ يۇرتىغا قايتقان ھاجىلارنىڭ ئاۋارىچىلىكتىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى يوشۇرمىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ھاجىلار يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ چەتئەل ئۆرپ-ئادەتلىرى ياكى «خاتا ئىدىيە» لەرنى يۇقتۇرۇۋالغان ياكى يۇقتۇرۇۋالمىغانلىقى مەخسۇس كۆزىتىلىدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن ھاجىلار بۇ يىل 6-سېنتەبىردىن باشلاپ، ئۆمەك باشلىقلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تۈركۈملەرگە بۆلۈنۈپ سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئايرىلىشقا باشلىغان. ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش «تەربىيە» ئېلىۋاتقانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
0:00 / 0:00