ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى يېتىم بالىلار مېھىر-شەپقەت كۈتمەكتە

0:00 / 0:00

جەمئىيەتتىكى يېتىم بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئۇلارنىڭ بېشىنى سىلاش، ئۇلارغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن ياردەم قىلىش، ئوقۇتۇش ۋە تەربىيىلەش ئارقىلىق ئۇلارنى ئەقلىي، ئەخلاقىي ۋە جىسمانىي تەرەپلەردىن مۇكەممەل، ياخشى بىر مۇسۇلمان قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش شۇ جەمئىيەتتە ياشايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىگە پەرز كۇپايىدۇر.

يېتىملىكمۇ تەقدىر ۋە قىسمەتتۇر. ئەگەر يېتىملىك نۇقسانلىق ياكى ئەيىب ياكى يامانلىق بولسا ئىدى، ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى، ئەخلاق-پەزىلەتنىڭ يېگانە نەمۇنىسى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يېتىم بولمىغان بولار ئىدى. پەيغەمبىرىمىز ئاتا-ئانىسىدىن كىچىك ئايرىلىپ يېتىم قالغان بولسىمۇ، ئۇنى ئاللاھ تائالا ئۆزى تەربىيەلىگەن ۋە كامالەتكە يەتكۈزگەن.

سىراجىدىن ئەزىزى بىلەن سۆھبەت

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى يېتىم بالىلارنىڭ تەقدىرى ۋە يېتىملارغا قارىتا مۇسۇلمانلىق بۇرچى قاتارلىق مەسىلىلەردە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ۋەتەنپەرۋەر ئالىملاردىن سىراجىدىن ئەزىزىگە مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.

سىراجىدىن ئەزىزى مۇنداق دېدى:
-يېتىملەرنى بېقىپ، ئۇلارنىڭ بېشىنى سىلاپ، قاتارغا قوشقان ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن جەننەتتە بىرگە بولۇش شەرىپىگە نائىل بولالايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن يېتىمنى باققان ئادەم بىلەن جەننەتتە خۇددى مۇشۇنداقمىز» دەپ ئىككى بارمىقىنى جۈپلەپ كۆرسەتكەن. يەنە بىر ھەدىستە «مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيلىرى ئىچىدە ئەڭ ياخشى ئۆي، ئۇنىڭدا يېتىم بولۇپ، ئۇ يېتىمگە ياخشىلىق قىلىنغان ئۆي، ئەڭ يامان ئۆي ئۇنىڭدا يېتىم بولۇپ، ئۇ يېتىمگە يامانلىق قىلىنغان ئۆيدۇر» دەپ كەلگەن. يېتىملەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش تەكرار ھەجدىن مۇھىم، يېتىملەرنى بېقىش نەزىر-چىراغ قىلغاندىن ئەۋزەل، يېتىملەرنى بېقىش كۆپلىگەن سەدىقە جارىيەلەردىن ۋە نۇرغۇن ئەمەللەردىن ئەۋزەل.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سىراجىدىن ئەزىزى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.