مەلۇمكى، ئىران - ئەرەب سۈركىلىشى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بىر زىددىيەت بولۇپ، قەدىمدە ئوسمان ئېمپىرىيەسى دەۋر سۈرۈۋاتقان زامانلاردا ئىران - تۈرك زىددىيىتى مەۋجۇت بولسا، ئەمدى ئەرەبلەر مۇستەقىل دۆلەت بولغان ۋاقىتلاردىن بىرى ئوتتۇرا شەرقتە ئىران - ئەرەب سۈركىلىشى مەۋجۇت.
ئىرانلىقلار شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەر بولۇپ، شىئە مەزھىپى ئىسلامدىكى ئېتقادىي مەزھەبلەرنىڭ مەسھىرلىرىدىن سانىلىدۇ. شىئە - پىرقە ۋە جامائەت دېگەن مەنىدە بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ھېمايە قىلىش باھانىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئىكەن. ئۇلار ئومۇمەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى ۋە كىئوغلى ئەلى ئىبنى ئەبۇتالىب بىلەن ئۇنىڭ پەرزەندلىرىنى ئۇلۇغلاشتا چەكتىن ئاشۇرىۋەتكەن كىشىلەر ئىكەن. ئەمما ئەھلى سۈننىي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ۋە شۇ يولدا يۈرۈشكە بىرلەشكەن مۇسۇلمانلار توپىدۇر. شىئەلەرنىڭ ئەھلى سۈننىي مەزھىپىگە ئەڭ يېقىنلىرىدىن ھېسابلىنىدىغان ئون ئىككى ئىمام مەزھىبىدىكىلەر ئەلى ئىبنى ئەبۇتالىبنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن خەلىپىلىككە ھەقلىق بولغان بىرلا شەخس دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ ۋە ئالدىنقى خەلىپىلەرنى ھاقارەتلەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن سۈننىي ۋە شىئە مەزھەپلىرى ئوتتۇرىسىدا قەدىمدىن بىرى دىنىي زىددىيەت مەۋجۇت.
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان«ئەل مەدىنە» گېزىتىنىڭ 2014 - يىلى25 - ئاپرىل سانىدا، «ئىرانلىقلار بىلەن ئەرەبلەر دوست بولالمايدۇ» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:«ئىرانلىقلار شىئە مەزھىپىگە، ئەرەبلەر سۈننىي مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇ ئىككى خەلق ئوتتۇرىسىدىكى دىنىي زىددىيەت ئىسلامنىڭ ئاۋۋالقى ئەسىرلىرىدە بۇ ئىككى مەزھەب ئوتتۇرىغا چىققان زامانلاردىن بىرى داۋام قىلىپ كەلمەكتە. شۇڭا سۈننىي شىئەنى دىنىي سەۋەبتىن ياخشى كۆرمەيدۇ، شىئەمۇ سۈننىينى ئەنە شۇ سەۋەبتىن ياخشى كۆرمەيدۇ. ئەمما بۇ ئاۋام خەلقنىڭ نەزىرىدىكى ئىش. چۈنكى ئاۋام خەلقنىڭ سىياسەت بىلەن ۋە باشقا غەرەزلەر بىلەن ئىشى يوق. بىراق ئىران ھۆكۈمىتى بىلەن ئەرەبلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت دىنىي زىددىيەت ئەمەس. چۈنكى بۇلار ئۈچۈن مەزھەپ ئايرىملىقى ياكى دىن ئايرىملىقىنىڭمۇ پەرقى يوق. بۇلارغا نەدە پايدا بولسا، شۇ يەر دوستتۇر. سىياسەت ئەنە شۇنداق نەرسە. شۇڭا كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ دىن، مەزھەپ ۋە ئۆرپ - ئادەت جەھەتتە بىردەك قوشنىلىرىدىن يۈز ئۆرۈپ، نە دىنى، نە مەزھىپى، نە ئۆرپ ئادىتى، نە تىلى ئوخشىمايدىغان خەلقلەر بىلەن دوست بولۇشىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ مەنپەئەت ئۈچۈن شۇنداق قىلىشىدۇ. ئەرەبلەر بىلەن ئىرانلىقلار ئوتتۇرا شەرقتە ئىككى قۇتۇپ بولۇپ، بۇلار ئۆز ئالدىغا ئىش قىلىدىغان ئەمەس، بەلكى يىراقتىكى چوڭ دۆلەتلەر بىلەن دوست بولۇش ۋە ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىش جەھەتتە بىر - بىرى بىلەن بەسلىشىدىغان قۇتۇپلاردۇر. سىياسەتچىلەر ئۈچۈن ئەرەبلەرنىڭ ۋەھھابىي بولغىنى بىلەن ئىرانلىقلارنىڭ ساھابىلەرنى تىللىشى ئوتتۇرىسىدا پەرق يوق. چۈنكى بۇ يەردىكى دوستلۇق ياكى دۈشمەنلىك دىنىي غەرەز بىلەن ئەمەس، بەلكى سىياسەت، مەنپەئەت مەسىلىسىدۇر. بەزى دۆلەتلەر ۋاقتى كەلسە دىننى دەسمايە قىلىپ تۇرۇپ، ئەتراپىغا ئادەم توپلايدۇ. ئەمما شۇ ئېنىقكى ئاۋام خەلق دىنغا ئىخلاس قىلىپ، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ ھايات يولى قىلسا، ھاكىمىيەتلەر دىننى دەسمايە قىلىپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كەلمەكتە. ئىراننىڭ كېيىنكى ۋاقىتتىكى ئىغۋاگەرلىكىمۇ بۇنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، ئىراننىڭ دىنىي رەھبەرلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئەربابلىرى خەلقنى تولىمۇ گالۋاڭ، تولىمۇ ساددا كۆرىدۇ. ئەمما ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك خۇراپاتچى ئىكەنلىكىنى كۆرمەيدۇ. ئىراننىڭ سابىق رەئىسى ئەھمەدى نىجادنىڭ مۇندىن 5 يىل ئىلگىرىكى بىر نۇتقىدا، مىليونلىغان ئىرانلىقلارغا خىتاب قىلىپ، ئىمام مەھدى چىقماقچى ئىدى، ئۇ چىقسا دۇنيانى ئادالەتكە تولدۇراتتى. بىراق ئامېرىكا ئۇنى چىققىلى قويمايۋاتىدۇ، دېگەن سۆزى خۇراپاتتا ئۇچىغا چىققان بىر سۆز بولسىمۇ، ئىرانلىقلار ئۇنىڭ سۆزىنى چاۋاك بىلەن ئالقىشلاپ ئاڭلىغان ئىدى. شۇ ساددا خەلقنىڭ ئەقلىگە : ئەگەر ئاللاھ ئىمام مەھدىنى چىقارسا، مەيلى ئامېرىكا بولسۇن، مەيلى قانداقلا بىر كۈچلۈك دۆلەت بولسۇن ئۇنىڭغا قانداق توسقۇن بولالايدۇ؟ دېگەن سوئال كەلمىگەن.»
دىن ھاكىمىيەت ئۈچۈن ئەمەس ئاللاھ ئۈچۈن بولۇشى كېرەك
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئىرانلىقلار ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدا خۇددى 2011 - يىلى ئەرەب باھارى قوزغالغاندەك بىر ئىران باھارىنى قوزغاپ دىن نامىدىن خۇمەينىنى تەختكە چىقارغان ۋە ئىراننىڭ شاھىنى قوغلاپ چىقارغان ئىدى. ئۇلار بۇ غەلىبىگە دىننى قورال قىلىپ تۇرۇپ ئېرىشكەن. بۇ قېتىم ئەرەب باھارى چىققاندا، بۇ باھارنىڭ ئىرانغىمۇ يامراپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەنسىرىگە ئىران ھاكىمىيىتى كۆپلىگەن تەدبىرلەرنى ئالغان بولدى. ئۇلارنىڭ سۇرىيە ھاكىمىيىتىنى جېنى بىلەن قوغداپ تۇرۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرىمۇ ئەرەب باھارىنىڭ ئىرانغا يېتىپ بارماسلىقى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تەھلىلچىلەر سۆزلىمەكتە. ئەمما ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىدا ئىران ھەققىدە يېزىلىۋاتقان ماقالىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىران دىننى قورال قىلىپ تۇرۇپ ھاكىمىيەتنى ئىسلام ھاكىمىيىتى دەپ ئېلان قىلىپ، خەلقنى قورال كۈچى بىلەن باشقۇرۇپ كەلگەن بىلەن، خەلقنى دىندىن زېرىكتۈرۈۋەتكەنلىكى مەلۇم. چۈنكى دىن ئاللاھ ئۈچۈندۇر. ئۇنى ھاكىمىيەتنىڭ زورلىشى بىلەن ئېلىپ بېرىش مۇناپىقلىق بولىدۇ. بۇ چاغدا دىن ئاللاھ ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھاكىمىيەت ئۈچۈن بولغان بولىدۇ. ئىراندا ئومۇميۈزلۈك بۇ كەيپىيات ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇنىڭغا ئىرانلىقلارنىڭ دىن نامىدىن بەلگىلىۋەتكەن قاتتىق قول سىياسىتى ۋە كىشىلەرنى دىنغا زورلىشى سەۋەب بولغانلىقى مەلۇم.
بۇ ماقالىدە شۇنى ئوچۇقلاش مەقسەت قىلىنغانكى، ئىرانلىقلار بىلەن ئەرەبلەر ئوتتۇرىسىدىكى دىنىي زىددىيەت ئەزەلدىن مەۋجۇت بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئاۋاملىرى ئارىسىدا بۇ زىددىيەت بىر خىل داۋام قىلىپ كەلمەكتە. ئەمما ھەر ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىتى بىر خىل ئەمەس. مەسىلەن: ئىككى تەرەپنىڭ ھۆكۈمەتلىرى گاھ بىر - بىرىگە دوست بولۇپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا خەلققە سۈننىي - شىئە ھەممىمىز بىر مۇسۇلمانمىز، بىز بىر قىبلىگە قاراپ ئىبادەت قىلىدىغان خەلقمىز، دەيدىغان تەشۋىقاتلار تارقىتىلىدۇ. ئەمما بۇ ھۆكۈمەتلەر دۈشمەنلىشىپ قالغاندا، شىئە تەرەپ سۈننىلەرنى، سۈننىي تەرەپ شىئەلەرنى مۇسۇلمانلىقتىن چىقىرىۋېتىدۇ. دېمەك، دىننى دەسمايە قىلغانلار سىياسەتلىرىنى شۇنداق يۈرگۈزىدۇ. بۇ كۈنلەردە ئەرەب - ئىران سۈركىلىشى ئەۋجىگە چىقماقتا. بۇنىڭغا ئەگىشىپ سۈننىي - شىئە توقۇنۇشلىرىمۇ مۇنبەرلەردە سۆزلەنمەكتە.