«قۇرئان» ۋە «ئىنجىل» نىڭ كۆيدۈرۈلۈشى، مەسچىتلەرنىڭ قاۋاقخانا ۋە ھاجەتخانىغا ئايلاندۇرۇلۇشى كۈچلۈك دىققەت چەكمەكتە.
گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «سۈرەتلەر» كۈندىلىك گېزىتى 20-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «خىتاي ‹قۇرئان› ۋە ‹ئىنجىل› نى چەكلىدى، يۇمتاللار بازاردىن تازىلاندى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، بىرقانچە كۈندىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتى مىكروسوفت شىركىتىنىڭ لىنكېدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى بىلەن ئادىبلې ئاۋاز سۇپىسىنىڭ مۇلازىمىتىنى چەكلەپلا قالماي، بۇ سۇپىلارغا يۈكلەنگەن «قۇرئان» ۋە «ئىنجىل» يۇمتاللىرىنىمۇ بىراقلا چەكلىگەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ دىنغا قارشى سىياسىتى 2014-يىلى شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن ئېتىبارەن كۈچىيىشكە باشلىغان. ئۇيغۇر دىيارىدا «قۇرئان» يۇمتاللىرىدىن پايدىلىنىش 2016-يىلىدىن باشلاپ جىنايەتكە ئايلىنىپ قالغان. نۇرغۇنلىغان ياشلار قول تېلېفونلىرىغا دىنىي مەزمۇنلاردىكى يۇمتاللارنى قاچىلىغانلىقى ئۈچۈنلا قولغا ئېلىنىپ تۈرمىلەرغا تاشلانغان ياكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان. بىراق بۇ خىل سىياسەت ئىچكىرى خىتايدىكى مۇسۇلمانلارغا تېخى ئومۇمىييۈزلۈك تەدبىق قىلىنمىغان.
خەۋەردە تىلغا ئېلىشىچە، بۇ قېتىم خىتايدىكى مۇسۇلمانلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان پايدىلىنىپ كەلگەن «قۇرئان» نىڭ «قۇرئان ماجەئەد» يۇمتالى بىلەن «ئىنجىل» نىڭ ئىككى خىل نۇسخىدىكى «زەيتۇن دەرىخى ئىنجىل» يۇمتالى تور سۇپىسىدىن ئۆچۈرىۋېتىلگەندىن باشقا، ئەمدى بۇ يۇمتاللارنى ئىلگىرى تېلېفونلىرىغا چۈشۈرىۋالغان 1 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننىڭ ھاياتى تەھدىتكە دۇچ كەلگەن. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇپلا قالماي، ئىچكىرى خىتايدىكى مۇسۇلمانلار ۋە خىرىستىيانلارنىمۇ باستۇرۇشقا باشلىغان. نۇرغۇنلىغان خىرىستىيان مۇرتلىرى قولغا ئېلىنغان. مەسچىت ۋە چېركاۋلارنىڭ مۇنارلىرى چېقىۋېتىلگەن ياكى كىرىست بەلگىلىرى ئېلىۋېتىلگەن. «ئىنجىل» ۋە «قۇرئان» كۆيدۈرۈلگەن.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيا جامائىتى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا نىسبەتەن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىغا سۈكۈت قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۈگۈن خىتاي يالغۇز ئىسلامغىلا ئەمەس، بەلكى باشقا دىنلارغىمۇ تاجاۋۇز قىلىشقا باشلىغان.
خەۋەرنىڭ «مەسچىتلەر قاۋاقخانا ۋە ھاجەتخانىغا ئايلاندۇرۇلدى» ناملىق بۆلىكىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: «خىتاي قانچە ئون يىلدىن بۇيان مۇسۇلمانلار ۋە خىرىستىيانلارنى كەمسىتىپ كەلدى. خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەردىن بولغان ئۇيغۇرلاردىن مىليونلىغان كىشىنى مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىغا ۋە جازا لاگېرلىرىغا قامىدى. ئۇلار لاگېرلاردا قېيىن-قىستاقلارغا ئۇچرايدۇ ۋە كوممۇنىزىم تەشۋىقاتىنى زورلۇق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ». «ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرت-ماكانلىرىدا كوممۇنىستىك رېجىمنىڭ بارلىق دەرتلىرىنى تارتىپلا قالماي، ئىسلام ئېتىقادىدىنمۇ ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىدۇ. ئىسلامنىڭ مۇھىم مەركىزى شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان قەشقەردىكى مەسچىتلەر چېقىۋېتىلگەن ياكى خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ مەيخانىسىغا ئۆزگەرتىۋېتىلگەن». «شىنجاڭ خىتاينىڭ ئەڭ قاتتىق نازارىتىگە دۇچ كېلىۋاتقان بىر رايون. مۇستەبىت ھاكىمىيەت بۇ رايوننىڭ ھەممىلا يېرىگە چىراي تونۇش ئىقتىدارىغا ئىگە كامىرالىرىنى ئورناتقان. رېستوران، ئاشخانىلاردىكى گۆش توغرايدىغان پىچاقلار تۆمۈر زەنجىر بىلەن باغلانغان ۋە ئۇنىڭغا پەرقلەندۈرۈش كودى كىرگۈزۈلگەن. شۇنداق قىلغاندىلا، ئۇ ئوغرلانمايدۇ ۋە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، دەپ قارالغان».
خەۋەردە يەنە شۇلار تىلغا ئېلىنىدۇ: «2019-يىلىدىن باشلاپ ‹ھالال› ئىبارىسى رېستورانلاردىن سىقىپ چىقىرىلدى. خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرئان كۇرسلىرىنى چەكلەپلا قالماي، يەنە خىرىستىيانلارنىڭ دەرسخانىلىرىنىمۇ چەكلىمەكتە. خىرىستىيان مۇرتلىرى كۆپرەك بولغان جېجاڭ ئۆلكىسىدە چىركاۋلارنىڭ كىرىست بەلگىلىرى ئېلىۋېتىلدى. ئىبادەت قىلغۇچىلار كۆپ قېتىم تۈرمىلەرگە تاشلاندى. 2018-يىلى يەنە خېنەندە نۇرغۇنلىغان ‹ئىنجىل› كۆيدۈرۈلدى ھەمدە ئېتىقاد ساھىبلىرى دىنىدىن ۋاز كېچىشكە ۋەدە بېرىشكە مەجبۇرلاندى».
ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزىۋاتقان دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتى نەتىجىسىدە نۇرغۇنلىغان مەسچىتلەر چېقىلىپ، «قۇرئان» لار كۆيدۈرۈلۈپ، مىليونلىغان ئىنسان جازا لاگېرلىرىغا قامىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىېتىقادىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان قەشقەردىكى ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ بۈگۈن خىتايلارنىڭ ساياھەت ئورنى ۋە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
خەۋەرگە قەشقەردىكى ھاجەتخانىغا ئايلاندۇرۇلغان بىر مەسچىتنىڭ سۈرىتى قوشۇپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ھاجەتخانىنىڭ خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.