مىليونلىغان ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ دىنىي ئېتىقادىدىن، مىللىي كىملىكىدىن ئادا-جۇدا بولۇشقا مەجبۇرلاۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتى يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغا بولغان بېسىمنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىمۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ھەر يەردە تەكشۈرۈلىدىغان «خەتەرلىك ئاۋام» سۈپىتىدە نازارەت قىلىشقا باشلىغان.
«زىمىستان» تورى 13-ئىيۇن ئېلان قىلغان «خىتايدىكى تۇڭگانلار ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش بېسىمغا ئۇچراشتىن ئەندىشە قىلماقتا» ناملىق ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان تۇڭگانلارغا بولغان دىنىي بېسىملار زور دەرىجىدە ئاشقان. بولۇپمۇ 4-5-ئايلاردىن بۇيان ئەۋجىگە چىققان.
«كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن، موزاينىڭمۇ بېشىغىمۇ كېلىدۇ» دېگەندەك، خىتايدىكى «ئەڭ ياخشى مۇسۇلمانلار» دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن تۇڭگانلار بۈگۈن ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش يامان ئاقىۋەتلەرگە يۈزلىنىشكە باشلىغان. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈنلەرنىڭ ئۆز باشلىرىغا كېلىشىدىن ئەندىشىلەنمەكتىكەن.
خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بىر قىسىم تۇڭگان مۇسۇلمانلار ئارىسىدا مەسچىت يىراق بولغانلىقى سەۋەبلىك جۈمە نامىزىنى ئۆيىدە توپلىشىپ ئوقۇيدىغان ئادەت شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ يەرلىك دىنىي ئىشلار كومىتېتلىرى مەخسۇس گۇرۇپپا تەشكىللەپ جاي-جايلارغا ئەۋەتىپ، ئۆيدە جۈمە نامىزى ئوقۇشنى بىردەك چەكلىگەن. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، 3-4 كىشىنىڭ بىر يەرگە توپلىنىشى مەنئى قىلىنغان.
خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، تۇڭگانلارنىڭ مەسچىتلىرىگە ئومۇميۈزلۈك قىزىل بايراقلار ئېسىلغان. مەسچىتلەرنىڭ تاملىرىدىكى ئەرەبچە يېزىقلار پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈپ تاشلانغان. تۇڭگانلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ئايلانغان بېشىغا ئاق دوپپا كىيىش ئادىتى يوقىلىشقا باشلىغان. ئەگەر بىرى ئاق دوپپا بىلەن بىر يەرگە بارسا، شۇ ھامان ساقچىلارنىڭ ئاۋارە قىلىشىغا يولۇقىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.
تۇڭگانلار ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلاردىكى «ھالال» ئىبارىسى بىردەك يوقىتىلغان. تۇڭگان ئاشخانىلىرىنىڭ ۋىۋىسكىلىرىدىكى «ھالال» سۆزى ۋە ئاشخانا ئەسلىھەلىرىدىكى دىنىي كەلىمىلەر تامامەن يوقىتىلغان. بۇنىڭ تۇڭگانلار ئۈچۈن نەقەدەر زور ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىشى بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتى قىلچە ھېسابلاشمىغان.
تۇڭگانلار بۈگۈن ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا نەگىلا بارسا ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشلىرىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلانماقتىكەن. تۇڭگانلارنىڭ تېلېفونلىرىمۇ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان بولۇپ كىمنىڭ قاچان، قەيەردە ئىكەنلىكى ساقچىلار تەرىپىدىن كۆزىتىلىپ تۇرىدىكەن. بىر تۇڭگان ياش بىر قېتىم «ھۆكۈمەت بىزنىڭ ئىسلامغا ئېتىقاد قىلىشىمىزغا يول قويمايۋاتىدۇ» دەپ ئۇچۇر يوللىغانلىقى ئۈچۈن، 20 مىنۇت ئىچىدە ساقچىلار كېلىپ «قانۇنغا خىلاپلىق قىلدىڭ» دەپ تۇتۇپ كەتكەن. ئۇ ياش 2 كۈندىن كېيىن بىر دوستىنىڭ ياردىمى بىلەن قۇتۇلۇپ چىققان ۋە «ئەگەر بۇ ئىش شىنجاڭدا يۈز بەرگەن بولسا، ھەرگىز قۇتۇلالمىغان بولاتتىم،» دېگەن.
مەتبۇئاتلاردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دىنغا قارشى ھەرىكەت خىتايدا ئومۇميۈزلۈك ئەۋج ئېلىۋاتقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا مىڭلىغان مەسچىتلەرنى چېقىپ تاشلىغان، جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى يۈكسەك تەقىب ئاستىغا ئېلىپ بولغان خىتاي ھاكىمىيىتى ئالدىنقى ئايلاردا خرىستىئان مۇرىتلىرىغا ھۇجۇم قوزغاپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى كۆپلىگەن چېركاۋلارنىڭ مۇنارلىرى ۋە ئۇنىڭغا ئېسىلغان كىرىست بەلگىلىرىنى چېقىپ تاشلىغان، ئائىلە چېركاۋلىرىنى چەكلىگەن. مانا ئەمدى ئۆزلىرىنىڭ «نەمۇنىلىك مۇسۇلمان» لىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشقا باشلىغان.
د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا خىتاينىڭ دىنغا قارشى بۇ ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
«زىمىستان» تورىنىڭ 14-ئىيۇن ئېلان قىلغان «مىڭدوڭ دىنىي رايونىدىكى خرىستىئانلارنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى قەبىھلەشمەكتە، 57 نەپەر پوپ ۋەتەنپەرۋەرلىك يىغىنىغا مەجبۇرى قاتناشتۇرۇلدى» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 90 مىڭ خرىستىئان مۇرىتى ياشايدىغان بۇ رايوندىكى 80 مىڭ كىشى يەر ئاستى چېركاۋنىڭ ئەزاسى بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇلارنى «ۋەتەنپەرۋەرلىك يىغىنى» غا قاتنىشىشقا مەجبۇرلىغان، رەت قىلغانلارنى جازالىغان.
خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ يەردىكى خرىستىئان مۇرىتلىرىنى قەرەللىك ھالدا «ۋەتەنپەرۋەرلىك يىغىنى» غا قاتنىشىشقا مەجبۇرلاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ھاكىمىيەت ئورگانلىرى بىلەن دىنىي ئېقىمدىكىلەر ئارىسىدىكى سۈركىلىش ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەن. باش پوپ گو شىجىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت بۇ يەردىكى خرىستىئان مۇرىتلىرىنى «ۋەتەنپەرۋەرلىك يىغىنى» غا كۆندۈرۈپ بولسا، بۇ سىياسىتىنى باشقا جايلاردىكى خرىستىئان جامائىتى ئارىسىدىمۇ ئومۇملاشتۇرىدىكەن. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەرلىك» بولسا، خىتاي كومپارتىيىسىنى سۆيۈش، ئۇنىڭغا سادىق بولۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەسكەن.
گوللاندىيەدىكى د ئۇ ق مەدەنىيەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆز خەلقىنى ھەمدە مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل خەلقلىرىنى تامامەن دىنسىزلاشتۇرۇپ، «دىنمۇ كومپارتىيە، مەدەنىيەتمۇ كومپارتىيە، ۋەتەنپەرۋەرلىكمۇ كومپارتىيە» دەيدىغان ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بارلىق رەزىل ۋاسىتىلەرگە مۇراجىئەت قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.