ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 2021-يىلىدا خىتايدا دىنىي ئەركىنلىكنىڭ داۋاملىق چېكىنگەنلىكىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.04.26
nury-turkel-summit.jpg
Photo: RFA

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى باھالاپ چىقىلغان يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلات 25-ئاپرېل كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان بولۇپ، يىغىندا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى رەئىسى نادىنا مائېنزى خانىم ۋە مۇئاۋىن رەئىسى نۇرىي تۈركەل ۋە باشقا كومىسسارلار قاتنىشىپ سۆز قىلغان ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

بۇ قېتىملىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيولار ئۆزلىرىنىڭ نۇتۇقلىرىنى ئەۋەتكەن بولۇپ، ئاخبارات يىغىنى ئالدى ئۇلارنىڭ سۆزى بىلەن باشلاندى. نەنسىي پېلوسى خانىم سۆزىدە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە ئامېرىكانىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كىشىلىك ھوقۇقنى، دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك مەسئۇلىيىتىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سېناتور، يەنى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ئەپەندى بولسا نۇتقىدا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا نۇقتىلىق ئورۇن بەرگەن. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىنسانلارنى پەقەت كىملىكى ۋە ئېتىقادى سەۋەبىدىن جازالاش، تۈرمىگە سولاش، قىيناش ۋە ھەتتا ئۆلتۈرۈش داۋام قىلىندى. بىز ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش دىنىي ھوقۇقلارغا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەش ۋە جازالاشتا بەلگىلىك يول ئالدۇق. سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋە ھازىرقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان ۋەھشىيلىكلىرىنى دانالىق بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ باھالىدى. ئۆتكەن يىل ئاخىرىدا مېنىڭ ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەم› رەسمىي قانۇنغا ئايلاندى. ئەمدى ئامېرىكا شىركەتلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇۋالالمايدۇ. ئەمما بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىمىز يەنىلا نۇرغۇن».

ماركو رۇبىيو سۆزىدە يەنە ئافغانىستان، نېگېرىيە ۋە ئۇكرائىنادىكى خەتەرلىك ۋەزىيەتلەرنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتتى ۋە ئامېرىكانىڭ چوقۇم بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئارقىدىن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرى دوكلاتتىكى مەزمۇنلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ 2021-يىلىدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىگە ئاساسەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن تۆۋەندىكى 10 دۆلەتنىڭ «ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك دۆلەت» دەيدىغان كاتېگورىيەسىنى ساقلاپ قېلىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئۇلار بىرما، خىتاي، ئېرىترېيە، ئىران، شىمالىي كورېيە، پاكىستان، رۇسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستاندىن ئىبارەت. خىتاي 1999-يىلىدىن تارتىپ بۇ تىزىملىكتە ئىكەن. كومىتېت يەنە بۇ يىل ئافغانىستان، ھىندىستان، نىگېرىيە، سۈرىيە ۋە ۋىيېتنام قاتارلىق 5 دۆلەتنى بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈشنى تەۋسىيە قىلغان.

دوكلاتتا خىتاي ھەققىدە مۇنۇلار دېيىلگەن:

«2021-يىلى، خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئىزچىل ناچارلاشتى. ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ ‹دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش› سىياسىتىنى داۋاملىق كۈچلۈك يولغا قويۇپ، دىنىي گۇرۇپپىلار ۋە دىنغا ئىشەنگۈچىلەردىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيىتى ۋە ئىدىئولوگىيەسىنى قوللاشنى تەلەپ قىلدى. . . . 2021-يىلىدا دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىرلەشمە فرونتى خىزمەت بۆلۈمىنىڭ بىۋاسىتە كونتروللۇقىدىكى ھۆكۈمەت ئورگىنى ۋە باشقا ئورگانلار يېڭى قانۇنىي تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، دىنىي خادىملارغا، دىنىي مەكتەپلەرگە ۋە دىنىي مەزمۇنلارغا تېخىمۇ كۆپ چەكلىمە قويدى. . . . .».

دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە تۆۋەندىكىلەر دېيىلگەن: «ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە، شىنجاڭ دائىرىلىرى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مۇسۇلمانلىرىنى جازا لاگېرلىرىدا، تۈرمىلەردە ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىدا خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى. سابىق مەھبۇسلار ۋە گۇۋاھچىلار بۇ ئورۇنلاردا جىسمانىي ۋە پسىخولوگىيەلىك قىيناش، باسقۇنچىلىق، جىنسىي زوراۋانلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىقلارنىڭ بارلىقىنى ۋە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەزگىلدە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى پاش قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، دائىرىلەر تەخمىنەن 880مىڭدەك بالىنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىدى. شىنجاڭدىكى مۇھىم دىنىي ۋە مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنى ۋەيران قىلدى. 2021-يىلى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە كانادا ۋە ياۋروپادىكى بىر قانچە دۆلەت، تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە ئەنگلىيەدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى شىنجاڭدىكى ۋەھشىيلىكلەرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ بېكىتتى».

دوكلاتنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەر، تۇڭگانلار، فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى ۋە خرىستىئانلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇملىرىمۇ تەپسىلىي قەيت قىلىنغان.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرىي تۈركەل ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتايدىكى دىنىي ۋەزىيەتنى قانداق ئوڭلاش ھەققىدە سورالغان بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەندە خىتاينىڭ ‹ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىكى قارارى› ئېلان قىلىنغاندىن ئېتىبارەن يەنى 1999-يىلىدىن ئېتىبارەن «ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك دۆلەتلەر» تىزىملىكىدە ئىكەنلىكىنى ۋە خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىككە تەھدىتلىكىنى قوبۇل قىلىشنىڭ زۆرۈر بىر قەدەملىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«خىتاي ھۆكۈمىتى مەقسەتلىك، پىلانلىق، سىستېمىلىق ھالدا دىنىي ئېتىقادقا بولۇپمۇ خرىستىئان ۋە ئىسلام دىنلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە. ئۇلار كوممۇنىست ئىدېئولوگىيەسىنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ، خرىستىئان ۋە شۇنىڭدەك باشقا دىنلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۆز ھاكىمىيىتى ۋە ئىدېئولوگىيەسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت، دەپ قارىدى. . . بىز ئالدى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە بىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. مەنچە مەسىلىنى بايقاش ۋە بەلگىلەش ئۇنىڭغا تەدبىر قوللىنىشتىكى زۆرۈر قەدەم ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا قويغان جازا تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشى كېرەك. جۈملىدىن دىنىي ئەركىنلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا رول ئويناۋاتقان ئەمەلدارلار، بولۇپمۇ دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىرلىكسەپ خىزمەت بۆلۈمىدىكى مەسئۇل ئەمەلدارلارنىڭ ئىسمى ئاتىلىپ تۇرۇپ ئەيىبلىنىشى ۋە جازا تەدبىرلىرى قويۇلۇشى كېرەك».

نۇرىي تۈركەل ئەپەندى سۆزىدە يەنە، بۇنداق جازا تەدبىرلىرىنىڭ شېرىك دۆلەتلەر ھەمكارلىشىپ تۇرۇپ يۈرگۈزىدىغان ئورتاق تاشقى سىياسەتكە ئايلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى دوكلاتىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا خىتاي ھەققىدە تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى بەرگەن: «دىنىي ئەركىنلىككە سىستېمىلىق ھالدا ۋە ئىزچىل ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرۇز قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن خىتايغا ‹ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك دۆلەت› قاتارىدا مۇئامىلە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش؛ ئىقتىسادىي ۋە ۋىزا جازاسىنى كېڭەيتىپ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىشتا مەسئۇلىيىتى بار خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئورۇنلارنى جازالاش؛ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى قاتارلىق خەلقئارالىق مۇنبەرلەردىكى ئوخشاش پىكىرلىك دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى دىنىي ئەركىنلىكنى ئېغىر دەرىجىدە باستۇرغانلىقى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش، جۈملىدىن ب د ت دا تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇپ، شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ۋەھشىيلىكلەرنى ئېنىقلاش، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى سادىر قىلغۇچىلارنى تەكشۈرۈپ پاش قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش؛ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىنى يولغا قويۇپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك دەپسەندىچىلىكىگە چېتىلىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش».

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قىلغان تەۋسىيەسىدە بولسا ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن ماسلىشىپ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.