ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئۆتكەن يىگىرمە يىلدىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئادىل ۋە بىتەرەپ مەيداندا باھالاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 29-ئاپرېل كۈنى ئېلان قىلىنغان 2019-يىللىق دوكلاتتا بۇ ئەھۋاللارنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى خۇلاسىلەندى.
بۇ يىللىق دوكلاتنىڭ مۇقاۋىسىغا بېرىلگەن تۆت پارچە فوتو سۈرەتكە بىردەك ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تېمىنىڭ تاللىنىشى دوكلاتنى كۆرگەنلا كىشىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە جانلىق مەلۇمات بېرەتتى. دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇراسىمى ئۈچۈن تەييارلانغان ئېلانلارغىمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۈرەتلەر ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇلارمۇ سۈرەتلەردىكى كۆك بايراق كۆتۈرۈۋالغان كىشىلەرنىڭ توپلىنىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە قىسمەن ئۇچۇرلارنى بېرەتتى.
2019-يىللىق دوكلاتنى ئېلان قىلىش يىغىنى باشلانغاندا ئالدى بىلەن ئامېرىكا يۇقىرى پالاتاسىنىڭ ئەزاسى جو مانچىن ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېيمىس مەكگوۋېرن سۆز قىلدى. ئۇلار سۆزلىرىدە نۇقتىلىق قىلىپ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ تۈپ ھوقۇقلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئاياللار ھوقۇقى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە باشقا ھەق-ھوقۇقلارغا ئوخشاشلا مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. شۇنىڭدەك بۇ ھەقلەرنى قوغداشنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دۇنياغا كەلگەندىن تارتىپ ئۇنىڭ بىر مۇھىم ۋەزىپىسى بولۇپ كەلگەنلىكىنى، ئۆتكەن ئەسىردە جاكارلانغان «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» دىمۇ ھەممىلا كىشىنىڭ دىنىي ئېتىقادنى تاللاش ئەركىنلىكىنىڭ بارلىقى كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.
مۇراسىمنىڭ كېيىنكى بۆلىكىدە مەزكۇر كومىتېتنىڭ سەككىز نەپەر ئەزاسى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ھازىرقى دەپسەندە بولۇش ئەھۋالى ھەققىدە سۆز قىلدى. بولۇپمۇ مەزكۇر كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئاررىياگا كرىستىنا خانىم سۆز قىلىپ، بۇ يىللىق دوكلاتنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا دىنىي ئەركىنلىكنىڭ ئاياق-ئاستى بولۇشى ئۆتكەن يىلدىكىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىرلاپ كەتكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. شۇنىڭدەك دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى خىزمىتىگە مەسئۇل مەسلىھەتچىلەردىن بىرەرنى دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئەزالىققا قوبۇل قىلىشقا چاقىردى.
يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇشىدىكى مىسال قاتارىدا كۆپ قېتىملاپ تىلغا ئېلىندى. بولۇپمۇ مەزكۇر كومىتېتنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن گاري باۋۇر ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە سودا سۆھبىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك جەھەتتە ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇ قېتىمقى سودا سۆھبىتىدە يالغۇز سودىنىڭلا گېپى بولماسلىقى لازىملىقىنى، سۆھبەت جەريانىدا ئامېرىكا تەرەپنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ جەھەتتە تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولۇۋاتقان ئەھۋاللارنى بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.
بۇ قېتىمى مۇراسىمدا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى تەسىس قىلغان «دىنىي ۋىجدان مەھبۇسلىرى قۇرۇلۇشى» ئالاھىدە تونۇشتۇرۇلدى. بۇنىڭدا ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا قارىشى ياكى دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالىنى يېڭىۋاشتىن كىشىلەرنىڭ سەمىگە سېلىش، شۇ ئارقىلىق ئاشۇ شەخسلەر قامالغان دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھەقلىرىنى ئاياق-ئاستى قىلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلىش مەقسەت قىلىنغانلىقى ئالاھىدە كۆرسىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەزكۇر كومىتېتنىڭ ھەر بىر ھەيئەت ئەزاسى بىر ياكى ئىككى مەھبۇسقا ۋاكالەتچى بولۇپ ئۇلارنىڭ داۋاسىنى قىلىدىغانلىقى، شۇ قاتاردا كومىتېت رەئىسى تېنزىن دورجېنىڭ ئۇيغۇر «دىنىي ۋىجدان مەھبۇسى» گۈلمىرە ئىمىن ۋە تىبەتلەرنىڭ قاماقتا دەپ گۇمان قىلىنىۋاتقان دىنىي داھىيسى پانچېن لاماغا ۋاكالەتچى بولغانلىقى كۆرسىتىلدى.
بۇ قېتىملىق مۇراسىمدا مەزكۇر كومىتېت تەييارلىغان يىللىق دوكلاتنىڭ باسما نۇسخىسى ھەقسىز تارقىتىلدى. بۇ يىللىق دوكلاتتا دۇنيا مىقياسىدا دىنىي ئەركىنلىككە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئوخشىمىغان ئۈچ رەتكە ئايرىلغان بولۇپ، دىنىي ھوقۇقلارنى ئاياق-ئاستى قىلىشتا ئەڭ ئەشەددىي دەپ قارالغان خىتاي، بىرما، شىمالىي كورېيە قاتارلىق ئون دۆلەت بىرىنچى رەتكە تىزىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇنىڭدىن 20 يىل ئىلگىرى، يەنى 1999-يىلى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئۆزلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق دوكلاتىدا خىتاي، رۇسىيە ۋە سۇداننى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئاياق-ئاستى قىلىشتا بىرىنچى رەتكە تىزغان. شۇ قېتىملىق تۇنجى دوكلاتتا «ئۇيغۇرلار بارغانسېرى ئېغىرلاۋاتقان دىنىي زىيانكەشلىككە ۋە كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك تۇتقۇن ۋە قاماققا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقانلار بارغانسېرى ئېشىپ مېڭىۋاتىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئارىدىن ئون يىل ئۆتۈپ 2009-يىلغا كەلگەندە ئۈرۈمچى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بېرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلاشقان. شۇ يىلنىڭ يىللىق دوكلاتىنىڭ مۇقاۋىسىغا ھاسا تايانغان بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ مەردانىلىك بىلەن ئالغا قاراپ مېڭىپ خىتاي ئارمىيەسىنىڭ برونېۋىكلىرىنى ئارقىغا قايتىشقا مەجبۇرلىشى تەسۋىرلەنگەن فوتو سۈرەتنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىلا ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تولىمۇ جانلىق كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
شۇنىڭدىن يەنە ئون يىل ئۆتۈپ 2019-يىلغا كەلگەندە بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادقا باغلىنىپ مىليونلاپ لاگېرلارغا قامىلىشى، ئۇلارنىڭ بارلىق بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنىڭ مەجبۇرىي يوسۇندا توپلىنىشى، مىليونلىغان ئائىلىلەرنىڭ بۇ سەۋەبتىن جۇدالىققا ۋە خانىۋەيرانلىققا مەھكۇم بولۇشى، لاگېرلارغا قامالغانلارنىڭ بولسا ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىن ۋازكېچىشكە مەجبۇرلىنىشى دېگەنلەر ئوتتۇرىغا چىققان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ قاتار زۇلۇملىرى شۇنچە يۇقىرى چەككە چىققان ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا خەلقئارا جەمئىيەت بۇ ھالنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى كۆپلىگەن پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويغان. دوكلاتتا مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي زىيانكەشلىكنى ئىجرا قىلغۇچى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا، جۈملىدىن پارتىيە سېكرېتارى چېن چۇەنگوغا «يەر شارى ماگنېتىسكى قانۇنى» بويىچە جازا قوللىنىشقا يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك دەۋەت قىلىدۇ.
يىغىن ئاخىرىدا بىز ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى تېنزىن دورجىنى زىيارەت قىلدۇق. بىز ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي زىيانكەشلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىنى «روھىي كېسەللىك» دەپ جاكارلىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بۇ ھەقتە قانداق قاراشتا ئىكەنلىكىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئالدىغا دەۋالغانلىرىنىڭ ھېچقاچان بىر خەلقئارالىق ئۆلچەم بولالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي بىر كوممۇنىستىك تۈزۈمدىكى دۆلەت. شۇنداققۇ؟ شۇ سەۋەبتىن مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇلار ھېچقانداق بىر دىنىي ئېتىقادقا ئىشەنمەيدۇ. ئۇلار دائىم ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا دىنىي ئېتىقادنى بىر تۈرلۈك زەھەر دەپ تەسۋىرلەيدۇ، ياكى سىز باياتىن تىلغا ئالغاندەك ئىسلام دىنىنى›روھىي كېسەللىك‹دەپ چۈشەندۈرىدۇ. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق بارلىق دىنلارنى ئۆز كونتروللۇقىدا تۇتۇشنى ھەمدە دىنلارنىڭ ھەممىسىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ (ئەمەلىيەتتە بۇنى ئاللىقاچان باشلاپ بولدى). خرىستىيان دىنى، ئىسلام دىنى ياكى تىبەت بۇددىزمى بولسۇن ھەممىنى شۇنداق قىلماقچى. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلىرى ھېچقاچان دۇنياۋى ئۆلچەم بولالمايدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنىنى ئالساق ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئاساسلىق دىنلارنىڭ بىرى. شۇڭا ھەرقانداق كىشىنىڭ بۇ دىنغا ياكى ئۆزلىرى خالىغان بىر ئېتىقادقا ئەگىشىش ھەققى بولىدۇ.»
بۇ يىللىق دوكلاتتا ئاق سارايغا ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە بىر قاتار تەكلىپلەرمۇ يوللانغان. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنى ئامېرىكادىكى ئىككى پارتىيە ھەمكارلىشىپ باشقۇرىدىغان بولۇپ، ئادەتتە ئاق ساراي ۋە دۆلەت مەجلىسىگە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرى بويىچە مەسلىھەت ۋە تەكلىپ بېرىدىغان ئەڭ نوپۇزلۇق ئورۇن ھېسابلىنىدىكەن.
0:00 / 0:00