«2022-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي كېڭىشى» دە خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان زۇلۇمى شەرھلەندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.06.29
«2022-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي كېڭىشى» دە خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان زۇلۇمى شەرھلەندى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يىلدا چاقىرىدىغان «2022-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي كېڭىشى» دە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سوز قىلماقتا. 2022-يىلى 28-ئىيۇن، ۋاشىنگتون.
Photo: RFA

دىنىي ئېتىقاد ساھەسىدىكى ئەركىنلىك ئىزچىل ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بولۇپ كېلىۋاتقان تېما بولۇپ، بۇ ھال ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يىلدا چاقىرىدىغان بۇ ھەقتىكى خەلقئارالىق ئالىي كېڭەشتە ئەڭ جانلىق ئەكس ئېتىپ كەلمەكتە. 2022-يىللىق «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي كېڭىشى» دە بۇ ساھەدىكى تۈرلۈك مەسىلىلەر قاتارىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇمى ھەمدە ئۇنىڭ ئاللىقاچان خەلقئارالىق چېگرالاردىن ھالقىپ دۇنياغا يېيىلىۋاتقان بىر قاباھەتلىك ھادىسىگە ئايلىنىۋاتقانلىقى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى.

بۇ قېتىمقى ئالىي كېڭەشنىڭ 28-ئىيۇن كۈنىدىكى تۇنجى كۈنلۈك مۇھاكىمىسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك (SamBrownback) ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ بۇ نۇقتىنى يەنە بىر قېتىم شەرھلەپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە لاگېر سىستېمىسىنىڭ نۆۋەتتىكى دىنىي ئەركىنلىك زىيانكەشلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ مىساللىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشىدا ئۇلارنىڭ شۇ قەدەر نورمال داۋام قىلىۋاتقان دىنىي ئېتىقادىنىڭ ئەڭ چوڭ باھانە بولۇپ قالغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يىلدا چاقىرىدىغان «2022-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي كېڭىشى» دە لاگېر شاھىتلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرىگە رەھمەت ئېيتىلماقتا. 2022-يىلى 28-ئىيۇن، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يىلدا چاقىرىدىغان «2022-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي كېڭىشى» دە لاگېر شاھىتلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرىگە رەھمەت ئېيتىلماقتا. 2022-يىلى 28-ئىيۇن، ۋاشىنگتون.

يىغىننىڭ شۇ كۈنكى بۆلەكلىرىنىڭ بىرى «چېگرا ھالقىغان زۇلۇم» تېمىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە بېغىشلاندى. ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات يىغىندا مەخسۇس سۆز قىلىپ بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر بېسىملار ھەققىدە مەلۇمات بەردى. . ئۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئۆتكەن مەزگىللەردە دۇچ كەلگەن توسقۇنلۇقلار، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ۋە ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان دىپلوماتلار، مۇخبىرلار، مۇتەخەسسىسلەر دۇچ كېلىۋاتقان چەكلىمىلەرنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمى ھازىر ئاللىقاچان دۇنياۋى كۆلەم ئېلىپ بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

شۇنىڭدىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا سۆز ئېلىپ ئۆز كەچمىشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان زۇلۇمى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق ۋاسىتە تاللاپ ئولتۇرماستىن ھەرقاچان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەردىن بولغان پائالىيەتچىلەرگە دىپلوماتىك يوللار، ئىقتىسادىي يەمچۈك ۋە پەن تېخنىكا قوراللىرى ئارقىلىق ئوخشىمىغان شەكىللەردە ھۇجۇم قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىستىخبارات تورى قۇرۇش ئارقىلىق چەتئەللەردىكى ئۆكتىچى كۈچلەرگە قارا قولىنى سوزۇپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى قاتارىدا «خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا قانداق بىر «ئ‍ويۇنچۇق» قا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. دولقۇن ئەيسانىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ ئىسمى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قول تىقىشى تۈپەيلىدىن «خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى» نىڭ قارا تىزىملىكىگە تىزىپ قويۇلغانلىقتىن ئۆتكەن 20 يىلدا ئۇ بۇنىڭ دەردىنى بەك كۆپ تارتقان. يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقا خەلقلەردىن بولغان پائالىيەتچىلەرنى ئىزچىل «جىنايەتچى» دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەرقايسى دۆلەتلەرنى بۇ «جىنايەتچى ئۇنسۇر» لارنى ئۆزلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قىستاپ كەلگەن. ماراكەشتىكى ئىدرىس ھەسەنمۇ ئەنە شۇ خىل قۇربانلىقىڭ بىرى ئىكەن. شۇڭا خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى قۇرۇلما جەھەتتە ئىسلاھ قىلىش تولىمۇ زۆرۈر ئىكەن. .

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى «بىخەتەرلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق» ئىشخانىسىنىڭ دۆلەت ھالقىغان زۇلۇملارنى بىر ياقلىق قىلىش خادىمى ئاندرېۋ ستاففورد (Andrew Stafford) تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ساھەدىكى خىزمەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. . ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ خىل چېگرا ھالقىغان زۇلۇملارغا بىر پۈتۈن دۆلەت سەۋىيەسىدە تاقابىل تۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن. جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا ھالقىغان زۇلۇمى ئۆز نۆۋىتىدە ئامېرىكا ئۈچۈنمۇ تەھدىت بولىدىغانلىقى سەۋەبلىك بۇنىڭغا قارشى ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئۇزۇندىن بۇيان بىر قاتار چارىلەرنى قوللىنىپ كەلگەن. شۇنداقلا بۇ جەھەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ئىزچىل ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قىلىپ كېلىۋاتقان ئىشلارنىڭ بىرى ئىكەن.

يىغىندىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى چېگرا ھالقىغان زۇلۇمى ماھىيەتتە ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىشلا بولۇپ قالماستىن، دۇنيا خەلقى ئۈچۈنمۇ بىر كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇش ھېسابلىنىدىكەن. .

دولقۇن ئەيسانىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە پۈتۈن دۇنياغا بۇ يوسۇندا قول سوزۇشى ئۇلارنىڭ قۇدرەت تاپقانلىقىنىڭ ئەمەس، ئەكسىچە تولىمۇ ئاجىز ۋە قورقۇنچاق ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىلىنىشى ئىكەن. .

2022-يىللىق «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي كېڭىشى» نىڭ ئىككىنچى كۈنىدىكى يىغىنىمۇ زور داغدۇغا ئىچىدە ئاخىرلاشقان بولۇپ، غەرب سىياسىي ۋە دىنىي سەھنىسىدىكى كۆپكە تونۇلغان شەخسلەردىن نەنسىي پېلوسى (Nancy Pelosi) خانىم، مايك پومپېيو(Mike Pompeo)، مەرىي لوڭ (Mary Long)، دېيۋىد ئالتون (David Alton)، مۇھەممەد مەجىد (Mohamed Hag Magid)، مەرىي گلېندون (Mary Ann Glendon) قاتارلىق كىشىلەر دىنىي ئەركىنلىكنىڭ تەقىب قىلىنىشى ھەققىدە ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن پىكىر بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.