ئۇيغۇر دىيارىدا ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى بارغانسېرى زور كۆلەم ئېلىۋاتقان ۋە سىستېمىلىشىشقا يۈزلىنىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2021-يىلى دېكابىردا رەسمىي قانۇنغا ئايلانغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى بۇ يىل 21-ئىيۇندىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، مەيلى غەرب دۇنياسى بولسۇن ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى بولسۇن بىردەك بۇ مەسىلىگە كۈچلۈك ئىنكاس بىلدۈرۈپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان ياكى ھەرقانداق شەكىلدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە باغلىنىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىغا كىرىشىنى مەنئى قىلىشنى باش تېما قىلغان بۇ قانۇن ھەققىدىكى بىر قىسىم نازۇك مەسىلىلەر. نۆۋەتتە داۋام قىلىۋاتقان ئامېرىكا «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي كېڭىشى» جەريانىدا يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بۇ قېتىملىق يانداشما يىغىن 29-ئىيۇن كۈنى كەچقۇرۇن ئېچىلدى. يىغىندا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرىدىن جۇلى مىلسەپ (Julie Millsap) ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى. ئارقىدىنلا بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئەزىز مېھمانلىرىدىن بىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك (Sam Brownback) نى سۆزگە تەكلىپ قىلدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى ھەرقايسى مۇنبەرلەردە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ھەققىدە كۆپ قېتىملاپ سۆز قىلغۇچى شەخسلەرنىڭ بىرى بولغان سام بروۋنبەك بۇ قېتىم ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان قانۇننىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ماھىيەتتە نۆۋەتتە كۆپلىگەن سودا شىركەتلىرىگە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي سىستېمىسىدىكى بىر ھالقا بولۇش ياكى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ تەركىۋى قىسمى بولۇشتەك بىر تاللاشنى سۇنماقتا ئىكەن. يەنە كېلىپ بۇ قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشى تۈپەيلىدىن غەرب شىركەتلىرى جەزمەن بۇلاردىن بىرىنى تاللاشقا مەجبۇر بولىدىكەن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ھەر ئىككى تەرەپنى تاللاش ئىمكانىيىتى بولمايدىكەن. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ» دەپ ئاتايدىغان، ئەمما ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتايدىغان بۇ زېمىندا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان كۆپلىگەن مەھسۇلاتلار ھازىر ئۇيغۇرلارنى «زامانىۋى قۇللار» غا ئايلاندۇرۇش بەدىلىگە بارلىققا كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بۇ ھەقتە ئارتۇقچە ئويلنىشمۇ ھاجەتسىز ئىكەن. تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولغىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئالىقاچان يۇقۇرى پەن-تېخنىكا ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ مۇتلەق نازارەت ۋە لاگېر سىستېمىسىنى كېڭەيتىۋاتقاندا، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانى بارغانسېرى ئېشىپ بارماقتا ئىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇرلارنى قوللاش غەرب دۇنياسى ئۈچۈن تەبىئىي رەۋىشتە غايەت زور بىر تۈرلۈك مەجبۇرىيەتكە ئايلانماقتا ئىكەن. خوشاللىنىشقا تېگىشلىك بولغىنى، يېقىندىن بۇيان بارغانسېرى كۆپ ھۆكۈمەتلەر ۋە پارلامېنتلار بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە قويۇپ، مۇشۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى مەنئى قىلىش ھەققىدە قارار ئېلىشنى ئويلاشماقتا ئىكەن. مۇشۇنداق قىلغاندىلا تېخىمۇ كۆپ غەرب شىركەتلىرىنى بۇ سەپكە جەلپ قىلغىلى بولىدىغان بولۇپ، ئۆزى ۋە باشقا كۆپلىگەن زاتلار ھازىر دەل مۇشۇنداق ھەققانىيەت ئاچىلىدا ئۇيغۇرلارنى قەتئىيلىك بىلەن ھېمايە قىلىشنى داۋام قىلماقتا ئىكەن.
ئامېرىكا تاشقىي سىياسەت كېڭىشى (AFPC) خىتاي بۆلۈمىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايكىل سوبولىك (Michael Sobolik) بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش ۋە ئۇنىڭغا خاتىمە بېرىش كۈرىشىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ھەقتىكى قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئالدىغا قويۇلغاندىن بۇيان نۇرغۇنلىغان ئەگرى-توقايلىقلارنى بېسىپ ئۆتكەن. يەنە كېلىپ ئۇنى ئاۋازغا قويۇش بىلەن ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇش بىر ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قالغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبىيو (Marco Rubio) بۇ ھەقتە غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، كۆپلىگەن توسقۇنلۇقلارنى يېڭىپ، ئاخىرى بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىشىغا يول ئاچقان.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى جاش روگىن (Josh Rogin) بۇ ھەقتە مەخسۇس ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلىپ بۇ مەسىلىنىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى شەرھىلىگەن ھەمدە ھەرقايسى پالاتالارنى بۇ ئىشقا سۆرەلمىلىك قىلماسلىققا جىددىي ئۈندىگەن. بۇنىڭ بىلەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاستە مەنپەئەتلىرىگە تاقىشىدىغان ساھەلەردىن ھالقىپ ئۆتۈپ تېزلا قانۇنغا ئايلانغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق كۆپلىگەن مەھسۇلاتلارنى قانۇن بويىچە چېگرادىن ئۆتكۈزمەسلىك نۆۋەتتە ھەممىگە مەلۇملۇق ئىش تەرتىپىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
غەرب دۇنياسىدىكى تېخىمۇ كۆپ ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇشۇ خىلدىكى قانۇنلارنى ماقۇللىشى ھەمدە بۇنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىيلىكى ھەققىدە كانادالىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋۇكاتى سارا تېيچ (Sarah Teich) مەخسۇس مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، نۆۋەتتە «قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسى» گە ئىمزا قويغان كۆپلىگەن دۆلەتلەر ھېلىھەم خىتاي بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى داۋام قىلدۇرماقتا ئىكەن. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش مەجبۇرىيىتى بولۇشتىن باشقا يەنە قىرغىنچىلىق قىلماسلىق، قىرغىنچىلىق قىلغۇچى دۆلەتلەر بىلەن سودا قىلماسلىق مەجبۇرىيتىمۇ بار ئىكەن. شۇ ماددىلار بويىچە بولغاندا غەرب دۇنياسىدىكى ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ھەرقانداق شەكىلدە خىتاي ھۆكۈمىتى داۋام قىلدۇرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىش قىلمىشىغا ھەمدەم بولۇشى قەتئىي چەكلىنىشى لازىم ئىكەن. شۇڭا بۇ جەھەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق بىر قانۇننى ماقۇللاپ ئىجرا قىلىشىلا خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىنى چەكلەشكە كۇپايە قىلمايدىكەن. بۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ غەرب دۆلەتلىرى ئاۋاز قوشۇشى لازىم ئىكەن. ئەنە شۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈش تۈپەيلىدىن نۆۋەتتە كانادا ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتە كۆپلىگەن بېسىملارغا دۇچ كەلمەكتە ئىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارنىڭمۇ مۇشۇ خىلدىكى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش نۆۋەتتە بەكمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
مۇھاكىمە يىغىنىدا پائالىيەتچىلەر ۋە مۇخبىرلاردىن جەۋھەر ئىلھام، بابۇر ئىلچى، خېيلى ۋىلت (Haley Byrd Wilt) قاتارلىقلارمۇ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى زاۋۇتلاردا مەۋجۇت بولۇۋاتقان خىزمەت شارائىتى، ئۇيغۇر ئىشچىلارغا قارىتىلغان تۈرلۈك قاتتىق چەكلىمىلەر، سۆز ئەركىنلىكىنڭ تارتىۋېلىنىشى، ئېغىر نازارەت ۋە بېسىملار قاتارلىقلار ھەققىدە مەلۇمات بەردى. شۇنداقلا بۇنىڭ مەلۇم بولۇۋاتقان بىر قىرغىنچىلىققا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇش ھەمدە قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاددىي بىر شەكلى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى. يىغىننىڭ ئاخىرىدا يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە قىرغىنچىلىققا دائىر تۈرلۈك سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىلدى.