ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلىدى
2021.07.14
دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە دەپسەندە بولۇپ كېلىۋاتقان ھەقلەردىن بىرىدۇر. ئامما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىلدىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن ئىسلام دىنى ئېتىقادىنى ئۇيغۇرلارنى «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىك» كە باغلاپ لاگېرلارغا قاماشقا باھانە قىلىۋالغاندىن كېيىن ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلدى. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاشقا باشلىدى. 13-ئىيۇلدىن 15-ئىيۇلغىچە ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قۇرۇلتىيى» مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مۇشۇ رېئاللىق مۇھىم تېمىلار قاتارىدا مۇزاكىرە قىلىندى.
14-ئىيۇل كۈنىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا بۇ يىللىق «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قۇرۇلتىيى» نىڭ رەئىسى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە دىنىي جامائەتنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنى كەسكىن ئەيىبلەپ، ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەرقاچان دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىككە كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى، ئۇنداق بولمىغاندا بۇنىڭ مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ھەمدە باشقا زىددىيەتلەرگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. .
شۇنىڭدىن كېيىن لاگېر شاھىتلىرىدىن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن لاگېرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشكە تەكلىپ قىلىندى. ئۇنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىدىن ئاۋۋال قويۇپ بېرىلگەن قىسقا فىلىمدا تاشقى دۇنياغا «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن نامدا مەلۇم بولۇۋاتقان بۇ رايوندا ھازىر ھېچقانداق ئەركىنلىكنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى، شۇ قاتاردا دىنىي ئېتىقاد زىيانكەشلىكىنىڭ ئاللىقاچان ئىنسانلار تەسەۋۋۇر قىلالماس دەرىجىگە بېرىپ بولغانلىقى، شۇنداقلا بۇ رايوندىكى غايەت زور كۆلەملىك لاگېرلار، مەجبۇرىي ئەمگەك، لاگېرلاردىكى جىنسىي زوراۋانلىق، ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ ئاللىقاچان «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا كۆتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى. تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن سەھنىگە چىقىپ ئۆزى بىۋاسىتە باشتىن كەچۈرگەن بىر يىللىق لاگېر ھاياتى، بۇ جايدىكى روھىي ۋە جىسمانىي قىيناقلار، سىياسىي «مېڭە يۇيۇش» پائالىيەتلىرى، ئۇنتۇلماس چىرقىراش ۋە يىغا-زارە ئاۋازلىرى، جىنسىي خورلۇق ۋە ئۆلۈم ۋەقەلىرىدىن قىسقا ۋە ئىخچام قىلىپ مەلۇمات بەردى. شۇنداقلا بۇ قەبىھلىكلەرنىڭ ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقى، مەھكۇملۇققا گىرىپتار بولغان بۇ سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ ئاھۇ-زارىنى تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈنلا ئۆزىنىڭ ھەممىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. شۇنداقلا مەھكۇملۇقتىكى ئاشۇ كىشىلەرگە ياردەم قىلىشنى ئۈمىد قىلىشنى سورىدى. .
ئارقىدىنلا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىممۇ ۋىدىيو ئارقىلىق يىغىن ئەھلىگە سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھەقلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، ھېچقانداق بىر بىر ھۆكۈمەتنىڭ ئىنسانلارغا خاس بۇ ھەقلەرنى ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا باھانە قىلىۋېلىشىغا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭدەك تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇندەك شاھىتلارنىڭ بايانلىرىدىن نۆۋەتتىكى رېئاللىقنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرگىزمۇ بۇ خىل ھەقلەر دەپسەندىچىلىكىگە قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى، ئەگەر سودا جەھەتتىكى مەنپەئەتلەرنى بۇ خىل ئەخلاقىي مەجبۇرىيەتتىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويغاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە سۆز قىلغۇدەك سالاھىيىتى قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
14-ئىيۇلدىكى يىغىننىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قانداق ئاياق-ئاستى قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەر ئۆز قاراشلىرىنى شەرھلەپ ئۆتتى. بۇنىڭدا «مىراس» فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئولىۋىيا ئېنوس ئۆزلىرى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار ۋە پاكىتلار ئاساسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي جامائەتكە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قانداق زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ جايلاردىكى ساقچى دۆلىتىگە خاس نازارەت مېخانىزمىنىڭ ئاللىقاچان مۇكەممەل شەكىل ئېلىپ بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. شۇ قاتاردا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەلمۇ سۆز ئالدى. ئۇ نۆۋەتتە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دىنىي جامائەتكە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا زىيانكەشلىك قىلىشىدا ھەمدە داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقتا تەقلىدىي ئەقىل تېخنىكىسىنى كۆپلەپ قوللىنىۋاتقانلىقى، ئەمدىلىكتە بۇ خىل يىرگىنچلىك رەقەملىك نازارەت مېخانىزمىنىڭ خىتايدىن ئۈلگە ئالغان ھالدا دۇنيا مىقياسىدا كېڭىيىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ «بۇنىڭ ھەممىسى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە قىلىنغان ئېغىر خىرىستۇر» دەپ كۆرسەتتى. .
مۇھاكىمە باسقۇچىدىن كېيىن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىرىدىن كرىستوفىر سىمىس ئەپەندىمۇ ئالاھىدە سۆز قىلدى. . ئۇ نۇقتىلىق قىلىپ بۇنىڭدىن 70 نەچچە يىللارچە ئىلگىرى ئوتتۇرىغا چىققان يەھۇدىيلارنىڭ زور كۆلەمدە قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىدەك تارىخىي پاجىئەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا «قىرغىنچىلىقنى ئالدىن ئېلىش ئەھدىنامىسى» نىڭ ماقۇللىنىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى، ئەنە شۇ ئەھدىنامىدە كۆرسىتىلگەن «مەلۇم مىللىي تۈركۈمنى غەرەزلىك ھالدا يوقىتىش»، «ئاياللارنى تۇغماس قىلىۋېتىش»، «بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىش» قاتارلىق ماددىلارنىڭ ھازىر شى جىنپىڭ رەھبەرلىك قىلىۋاتقان خىتايدا تولۇق ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ بۇنىڭغا قارشى تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ئېلىش لازىملىقىنى كۆرسەتتى. .
شۇ قاتاردا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيومۇ ئالاھىدە سۆز قىلدى. ئۇمۇ نۇقتىلىق قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ھاكىممۇتلەق دىكتاتورا شەكلىدە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ تىپىك مىسالى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇكەممەل سىستېما ئالغان لاگېرلارغا قامىلىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ «دەل مۇشۇ سەۋەبتىن بىز بۇ قىلمىشنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئاتىدۇق» دېدى. .
بۇ قېتىمقى يىغىندا توم لەنتوس فوندىنىڭ رەئىسى كاترىنا لەنتوس خانىم، ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن خېنرىي كۇللار، فرانك ۋولف قاتارلىقلارمۇ ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، دىنىى ئېتىقاد ئەركىنلىكى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار، جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى زۇلۇملىرىنى چەكلەش لازىملىقى دېگەنلەرنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ھەرقايسى مىنىستىرلىقلارنىڭ خادىملىرى، ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى، شۇنىڭدەك بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى ئىشتىراك قىلدى.