«2021-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك مۇنبىرى» ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتا كۈچلۈك سەھنە بولدى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021.07.15
Sam-Brownback-summit.jpg

tursinay-ziyawudun-summit.jpg

Katrina-Lantos-summit.jpg

nancy-Pelosi-summit.jpg

nury-turkel-summit.jpg

USAID-Administrator-Samantha-Powers-summit.jpg

pompeo-summit.jpg

chris-smith-summit.jpg

frank-wolf-summit.jpg

summit-intro.jpg

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدە 13-ئىيۇلدىن 15-ئىيۇلغىچە «2021-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي مۇنبىرى» يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك ئەپەندى باشچىلىقىدىكى مەزكۇر مۇنبەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دىنىي ۋە سىياسىي رەھبەرلەرنى بىر يەرگە جەم قىلغان بولۇپ، مەزكۇر يىغىن ئىنسانلارنىڭ دىنىي كىملىكى سەۋەبىدىن كەمسىتىلىشكە ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىشىغا قارشى تۇرۇشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان.

14-ئىيۇل كۈنىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئامېرىكانىڭ مۇھىم دۆلەت ئەربابلىرى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم ۋە ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى سەمانسا پوۋېر خانىم ئېكران ئارقىلىق قاتناشقان. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىرىدىن كرىستوفىر سىمىس، ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەل قاتارلىقلار نەق مەيداندىن قاتناشقان.

ئالدى بىلەن بۇ يىللىق «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك مۇنبىرى» نىڭ رەئىسى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك ئەپەندى ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلىگەن. ئۇ نۇتۇىقىدا دۇنيادىكى بارلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ دىنىي-ئېتىقاد ئەركىنلىككە كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى، دىنىي-ئېتىقاد ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە بولمىغاندا، بۇنىڭ مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ھەمدە باشقا زىددىيەتلەرگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئارقىدىنلا ئۇيغۇر لاگېر شاھىدى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ لاگېردا ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرىنى كۆز ياشلىرى بىلەن بايان قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم سۆزگە تەكلىپ قىلىنغاندا، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىمنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «ئاۋام پالاتاسى ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان زۇلۇم ئاستىدىكى توپلۇقلارنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بىز باياتتىن كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلاپ ئۆتكەن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم بېيجىڭ دائىرىلىرى مىللىي ۋە دىنىي مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت سېلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى. بۇ توپلۇقنىڭ ئەھۋالى بىزنىڭ ۋىجدانىمىزغا قويۇلۇۋاتقان بىر ئېغىر سۇئالدۇر. بىز بۇ زۇلۇمغا قارشى سۆزلەشنى داۋاملاشتۇرىمىز. دائىم ئېيتقىنىمىزدەك، ئەگەر بىز خىتاي بىلەن بولغان سودىدىكى مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە ئاۋازىمىزنى چىقارمىساق، دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە سۆزلەش سالاھىيىتىمىزنى يوقىتىپ قويىمىز.»

نەنسىي پېلوسى خانىم سۆزىدە يەنە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھەقلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، ھېچقانداق بىر ھۆكۈمەتنىڭ ئىنسانلارغا خاس بۇ ھەقلەرنى ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىغا باھانە قىلىۋېلىشىغا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

يىغىنىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا مۇتەخەسسىسلەر بىر-بىرلەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەققىدىكى مەسىللىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئارقىدىن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىرىدىن يېقىنقى 20 نەچچە يىل مابەينىدە ئۇيغۇرلارنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىس ئەپەندى سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «كىشىنى چۆچۈتىدىغىنى شۇكى، 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانلىق قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان شى جىنپىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ۋە ۋە باشقا ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا ‹ئىرقىي قىرغىنچلىق› ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. شى جىنپىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› نىڭ ئامىللىرى مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولاش، كىشىلەرنى ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىش، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، قورساقتىكى ھامىلىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىش، بالىلىرىنى مەجبۇرىي ئائىلىسىدىن ئايرىپ يىتىمخانىلارغا يەرلەشتۈرۈش ۋە ئۇلارنى ئۇيغۇر بولمىغان كىشىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىش. مۇشۇ ئامىللارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ بۇ زۇلۇملارنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ تونۇشىمىزنىڭ شەرتلىرىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى سىستېمىلىق ھالدا ئىسلام دىنىنى يوقىتىۋاتىدۇ. يەنى مەسچىتلەرنى چىقىۋاتىدۇ، ئىسلامى ئۆرپ-ئادەتلەرنى چەكلەۋاتىدۇ، لاگېرلارغا سولىغان كىشىلەرنى دىنىدىن ۋاز كېچىشكە قىستاۋاتىدۇ. شى جىنپىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› نى تېزلىتىشكە يول ئاچقان ‹نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى› دە ئاشكارىلانغان ‹قىلچىمۇ رەھىم قىلماسلىق› دېگەن نومۇسسىزلارچە يوليورۇقىنى بىلىشىڭلار مۇمكىن. ئۇلار راستتىنلا قىلچە رەھىم قىلمىدى. شۇڭا 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەش ياكى بايقۇت قىلىشنىڭ ۋاقتى كەلدى.»

مەزكۇر يىغىنغا يەنە ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى رەسمىي تونۇغانلىقىنى تۇنجى قېتىم جاكارلىغان سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپىيومۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ھاكىممۇتلەق بىر شەكلىدە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ تىپىك مىسالى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇكەممەل سىستېما ئالغان لاگېرلارغا قامىلىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ: «دەل مۇشۇ سەۋەبتىن بىز بۇ قىلمىشنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئاتىدۇق» دېگەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەت ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى رايون ۋە دۆلەتلەر ‹دۇنيانىڭ كېلىمات ئۆزگىرىشى› گە ئوخشاش بەزى مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ خىتايغا يۈز بېرىۋاتقاندەك قىلىدۇ. دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى دېگەندەك مەسىلىلەرگە بولسا قوشۇمچە مەسىلە ئورنىدا مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ. ئەپسۇسلىسلىنارلىقى، مېنىڭچە بۇ بەك ئەخمەقلىق. كېلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۈنسېرى ئۇلغىيىۋاتقان دىنىي-ئېتىقاد مەسىلىسىنىڭ ئۈستىگە قويۇش بۇ ئېغىر خاتالىقتۇر. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى ھەممىمىز كۆرۈۋاتىمىز، بىلىۋاتىمىز. ئۇ يەردىكى كىشىلەر زامانىۋىيلاشقان بۈگۈنكى دەۋردە بىز تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايدىغان خورلۇققا ئۇچراۋاتقانلارنىڭ مىسالى. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزلىرىنىڭ باستۇرۇشلىرىغا ‹دىنىي ئاشقۇنلۇق› دېگەننى باھانە قىلىۋاتىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەر دائىم بىر باھانە تاپالايدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىپ كەتتۇق. شۇئاننىڭ ئۆزىدە شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قورقۇنچلىق مۇئامىلە، يەنى ئورۋېلچە يىغىۋېلىش لاگېرلىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك نازارەت، مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش قاتارلىقلار ئامېرىكالىقلار ۋە پۈتۈن دۇنيادىكىلەر كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك ئەركىنلىك مەسىلىلىرىدۇر. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يۈز يىللىقىنى خاتىرىلىگەن ۋاقىتتا شى جىنپىڭنىڭ دۇنياغا بەرگەن سىگنالى ناھايىتى ئاددىي، يەنى ‹خىتاي بىلەن ھەپىلەشكەنلەر خىتاينىڭ پولات تېمىغا ئۈسسىۋالىدۇ› دەيدۇ. بىز ئاشۇ ‹پولات› بولۇشىمىز، زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلارغا يۆلەنچۈك بولۇشىمىز كېرەك. قىرغاقلىرىمىزغا ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى خەلقلەرگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمغا قارشى كۈچ بولۇشىمىز كېرەك.»

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرغان بۇ يىللىق دىنىي ئەركىنلىك مۇنبىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەقىقەتەن ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلىدى. مەزكۇر مۇنبەرگە توردىن قاتناشقان ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى سەمانسا پوۋېر خانىممۇ لاگېر شاھىتلىرىدىن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن ۋە زۇمرەت داۋۇت خانىملارنىڭ سەرگۈزەشتلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى ئەتراپلىق ئاڭلاتقان. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «تۇرسۇنئاي ۋە زۇمرەتكە ئوخشاش لاگېردىن ئامان قالغانلارغا نىسبەتەن ئاشۇ لاگېردىكى كەچۈرمىشلىرىنى قايتىدىن سۆزلەش تولىمۇ قىيىن، بۇنىڭغا ئىنساننىڭ يۈرىكى چىدىمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئاشۇ ھەقىقەتلەرنى ئاشكارىلىشى ئۇلارنىڭ تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان يېقىنلىرى ئۈچۈن خەتەرلىك. ئۇلارنىڭ بىۋاستە بەرگەن گۇۋاھلىقى شەك-شۈھبىسىزكى، ھەممىمىزنىڭ دىنى-ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇشىمىزدا كۈچلۈك رول ئوينايدۇ.»

15-ئىيۇل ئاخىرلاشقان بۇ ئۈچ كۈنلۈك «2021-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك مۇنبىرى» نىڭ رەسمىي تور بېتىدە بۇ يىغىننىڭ ئىككى نىشانى، بىرىنچىدىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دىنىي ئەركىنلىك ئۈچۈن ئورتاق ھەرىكەت قىلىدىغان كۈچلۈك تەشكىلاتلار ئىتتىپاقى قۇرۇش، ئىككىنچىدىن خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ھەرىكىتى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ تونۇشىنى ۋە سىياسىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، دەپ يېزىلغان. كۆزەتكۈچىلەر ئۈچ كۈنلۈك يىغىننىڭ ئومۇمى ئەھۋالىغا قارىغاندا، مەزكۇر مۇنبەر نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندەك تۇرىدۇ، دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.