ئامېرىكانىڭ ئىندىئانا شتاتىغا جايلاشقان نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن نوتېردام ئۇنىۋېرسىتېتى (University of Notre Dame) نىڭ قانۇن ئىنستىتۇتى 2020-يىلى «دىنىي ئەركىنلىك تەشەببۇسى» قۇرۇلۇشىنى باشلىغان ۋە 2021-يىلى دىنىي ئەركىنلىكنى ھىمايە قىلىش يولىدا كۆرۈنەرلىك خىزمەت قىلغان شەخسلەرگە بېرىلىدىغان «نوتېردام دىنىي ئەركىنلىك مۇكاپاتىنى» تەسىس قىلىپ، ئۇنى تۇنجى بولۇپ ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر ئادوۋكات نۇرىي تۈركەل ئەپەندىگە تەقدىم قىلغانىدى. مەزكۇر مۇكاپات نوتېردام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «نوتېردام خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باشلىقلار يىغىنى» دا ( Notre Dame Religious Liberty Summit) نۇرىي تۈركەل ئەپەندىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ۋە ئۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كاتولىك دىنى ساھەسىدىكى داڭلىق شەخسلەر، مەشھۇر چېركاۋلارنىڭ دىنىي يېتەكچىلىرى، ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن كەلگەن قانۇنشۇناسلار قاتارلىق مۇھىم ئەربابلارغا ئاڭلىتىلغان.

يېقىندا مانا بۇ «نوتېردام خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باشلىقلار يىغىنى» نىڭ 2-نۆۋەتلىكى ئىتالىيە پايتەختى رىمدا چاقىرىلغان بولۇپ، نۇرىي تۈركەل ئەپەندى بۇ يىغىنغا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئسىى سالاھىيىتى بىلەن قاتناشقان. يىغىن 20-ئىيۇل-22-ئىيۇل كۈنلىرىدە رىم شەھىرىدە ئېچىلغان.
نۇرىي تۈركەل ئەپەندى ئىتالىيەنىڭ رىم شەھىرىدە تۇرۇپ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە مەزكۇر يىغىندىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ گەۋدىلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.
نوتېردام ئۇنىۋېرسىتېتى خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى كاتولىك ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ، غەربتىكى پۇل-مۇئامىلە، ئىقتىساد ۋە سىياسىي ساھەلەردە كاتولىك دىنىنىڭ تەسىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى، بۇ يىغىندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇھىم شەخسلەرنىڭ بارلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا بۇ يىغىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم سورۇن بولغان.
نۇرىي تۈركەل ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتا كاتولىك دىنىدىكىلەرمۇ يەكلەشكە ئۇچرىغان بىر دىنىي مەزھەپ بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدە ئالاھىدە سەزگۈرلۈكىنى، يىغىننىڭ كاتولىكلارنىڭ دىنىي مەركىزى بولغان رىمدا ئېچىلىشىنىڭمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى ئېيتتى.
ھەرقايسى دىنلارغا تەۋە مۇتەخەسسىسلەر، دىنىي ئەركىنلىك ساھەسىدىكى تەتقىقاتچى-پروفېسسورلار، دىنىي ئۆلىمالار، قانۇنشۇناسلار، سىياسىيونلار قاتناشقان بۇ يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئامېرىكا ئالىي سوتىنىڭ سوتچىلىرىدىن بولغان سامۇئەل ئالىتو (Samuel A. Alito) ئەپەندىمۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالغان زاتلارنىڭ بىرى ئىكەن.
نۇرىي تۈركەل ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق بۇ يىغىندا ئولتۇرغان زاتلارغا ئىنتايىن تونۇشلۇق بىر مەسىلە بولغانلىقتىن، يىغىندا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قانداق ئاياغلاشتۇرۇش، قانداق خەلقئارالىق قانۇنلار ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش ۋە جازالاش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق زومىگەرلىكىنىڭ دۇنياغا كەلتۈرىدىغان خەۋپى ۋە ئۇنى توختىتىش ھەققىدە مۇھىم مۇزاكىرىلەر بولغانلىقىنى ئېيتتى.
نۇرىي تۈركەل ئەپەندى يىغىندا قىلغان نۇتقىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خرىستىئان دىنى ۋە ئىسلام دىنىنى چەتئەللەردىن كىرگەن دىن دېيىش ئارقىلىق، ئۇنى ئۆزىگە زور تەھدىت، دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ «دىننىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە پەيدا قىلىدىغان تەھدىتى ئۆزگىچە. چۈنكى دىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيەسىگە قارشى تېخىمۇ قايىل قىلارلىق ۋە تېخىمۇ كۈچلۈك ئىدىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. كومپارتىيە بولسا بىردىن-بىر ئىبادەتنىڭ ئۆزىگە قىلىنغان ۋە ئۆزىگە ماسلاشقان ئىبادەت بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ» دېگەن.
نۇرىي تۈركەل ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئادۋوكات ۋە قانۇنشۇناسلار بولغاچقا، يىغىندا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قانۇنىي يوللار ئارقىلىق توختىتىش، جۈملىدىن يېڭى دەۋردە ئوتتۇرىغا چىققان ۋە زامانىۋى پەن-تېخنىكىنىڭ ياردىمى بىلەن پەرقلىق ئۇسۇلدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ خەلقئارالىق قانۇنىي ئاساسلىرى نۇقتىلىق مۇزاكىرە تېمىسى بولغان بولۇپ، مانا بۇ، يىغىننى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلغان مۇھىم خۇسۇس ئىكەن.
نۇرىي تۈركەل ئەپەندى يىغىندا قىلغان سۆزىدە، خىتاي كومپارتىيەسى ئەڭ قورقىدىغان ئىشنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە كىشىلىك ئەخلاققا كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر جامائەتنىڭ بولۇشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە «دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر دىنىي جامائەتنىڭ بولۇشىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىر تەھدىت ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى بىلەن دىنىي ئەركىنلىك ھەرگىزمۇ بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ» دېگەن.
نۇرىي تۈركەل ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ قېتىملىق يىغىندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن زاتلارنىڭ بولۇپمۇ خرىستىئان، كاتولىك ۋە يەھۇدىي جامائىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ زاتلارنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسىگە بۇنچە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزىدە ئىنسانلىقنىڭ تېخى ئۆلمىگەنلىكىگە، ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ قېتىم رىمدا ئېچىلغان 2-نۆۋەتلىك «نوتېردام خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باشلىقلار يىغىنى» دا تۇنجى قېتىملىقى نۇرىي تۈركەل ئەپەندىگە بېرىلگەن ئەركىنلىك مۇكاپاتى مەرىي ئان گلەندون خانىم (Mary Ann Glendon) غا بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ دىنىي ئەركىنلىكنى ئىنسانىي ھوقۇق دەپ ئېتىراپ قىلغان بۆسۈش خاراكتېرلىك قانۇنىي ۋە دىپلوماتىك مۇلازىمىتى ئۈچۈن بۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەن. مارى ئان گلېندون خانىم خارۋارد قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ۋاتىكاندىكى سابىق باش ئەلچىسى بولۇپ، ئۇ 2019-يىلى سابىق پرېزىدېنت ترامپ مەزگىلىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قارمىقىدا قۇرۇلغان «ۋاز كېچىلمەس ھوقۇقلار كومىتېتى» (Commission on Unalienable Rights) نىڭ رەئىسى بولۇپ خىزمەت قىلغان.