ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيۇشتۇرغان دىنى ئەركىنلىك يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.09.28
Sam-Brownback-sem-brownbek.jpg ئامېرىكانىڭ دىنى ئەركىنلىك ئالاھىدە ئەلچىسى سەم بروۋنبەك ئەپەندى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى يىغىندا سۆز قىلماقتا. 2020-يىلى 10-ئىيۇن، ۋاشىنگتون.
AP

25-سېنتەبىر جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «دىنى ئەركىنلىكنى قوغداش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش ۋە بىر يىللىق خىزمەتلەرگە قاراپ چىقىش يىغىنى» ئامېرىكانىڭ دىنى ئەركىنلىك ئالاھىدە ئەلچىسى سەم بروۋنبەك تەرىپىدىن چاقىرىلغان بىر تور يىغىنى بولۇپ، بۇ يىغىنغا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى «خەلقئارا دىنى ئەركىنلىكنى قوغداش ھەمكارلىقى» ھەرىكىتىگە قېتىلغان بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، خەلقئارالىق دىنى ئەركىنلىك ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە دىنى رەھبەرلەر قاتناشقان. ئۇلار ئۆز دۆلىتى ۋە دۇنيا مىقياسىدا دىنى ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلىش ئۈچۈن قانداق خىزمەتلەر ئىشلىنىۋاتقانلىقى، قانداق نەتىجىلەر قولغا كەلگەنلىكى ۋە بۇندىن كېيىن نېمىلەر قىلىنىشى كېرەكلىكىدەك مەسىلىلەر ئۈستىدە دوكلات بەردى.

دىققەت قوزغايدىغىنى، بۇ يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئامېرىكا دىنى ئىشلار ئەلچىسى سەم بروۋنبەك ۋە ئېستونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇرماس رېنسالۇ تەرىپىدىن ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى.

ئەلچى سەم بروۋنبەك كىرىش سۆزىدە ھازىرغىچە ئامېرىكانىڭ دۇنيادا دىنى ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرگە قىلىۋاتقان چاقىرىقى ۋە ھەرخىل مۇستەقىل ئورگانلار بىلەن ئورتاق قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىگە قارىماي ئۇيغۇرلار بىلەن روھىنگالار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ تېخىچە ئاياقلاشمايۋاتقانلىقىنى نۇقتىلىق تەكىتلىدى.

ئەلچى سەم بروۋنبەكنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن يىغىندا ئالدى بىلەن ئېستونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇرماس رېنسالۇ سۆز قىلدى. ئۇرماس رېنسالۇ ئېستونىيەنىڭ كۈچلۈك ئەندىشىسىنى قوزغاۋاتقان دىنى زۇلۇملار ھەققىدە توختالغاندا ئۇيغۇرلار، روھىنگا مۇسۇلمانلىرى ۋە قىرىم تاتارلىرىنىڭ ئىسمىنى ئاتىدى. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى: «بىز بۇ ھەمكارلىققا ئەزا دۆلەتلەرگە ئوخشاش بىرمىدىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرى ۋە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز».

ئۇ بۇ زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنى بۇ زۇلۇمغا قارشى سۆزلەشكە ۋە كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىردى.

ئامېرىكا دىنى ئەركىنلىك ئەلچىسى سەم بروۋنبەك بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار ۋە روھىنگا مەسىلىلىرىنى نۇقتىلىق تەكىتلىگەن بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن لاگېرغا قامالغان ئاپىسى گۈلشەن ئابباس ئۈچۈن داۋا قىلىۋاتقان زىبا مۇرات بۇ قېتىملىق يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغانىدى. زىبا مۇرات ئۆزىنىڭ ئاپىسى دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ ئىككى يىلدىن بېرى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇشىدەك ۋەقەلىكنى بايان قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش، تۇغماس قىلىنىش، قىيىن-قىستاققا ئۇچراشتەك جىنايەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى تەنقىدلەش ۋە ئۇنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشنىڭ پەقەتلا ئامېرىكانىڭ ۋەزىپىسى ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭغا بارلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاۋاز قوشۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

زىبانىڭ سۆزىدىن كېيىن ئەلچى سەم بروۋنبەك سۆز قىستۇرۇپ، ئامېرىكانىڭ ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتايغا ئۈزلۈكسىز بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى. ئۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇمغا چېتىشلىق بولغان ئەمەلدارلارغا، ئورگانلارغا ۋە شىركەتلەرگە ۋىزا چەكلىمىسى ھەم ئىقتىسادىي جازارلارنى قويغانلىقىنى، قانۇن ماقۇللىغانلىقىنى، ب د ت نىگمۇ مەخسۇس ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى، 23 دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى تەنقىدلەپ بايانات ئېلان قىلغانلىقىنىمۇ ئەسلىتىپ ئۆتتى. ئۇ: «بىز داۋاملىق ھەرىكەت قىلىمىز، داۋاملىق بېسىم قىلىمىز، يەنىمۇ كۆپ خىزمەتلەر قىلىنىشى كېرەك. بىز يەنىمۇ كۆپ ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىزگە قېتىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز» دەپ تەكىتلىدى.

بۇ يىغىنغا ئېستونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن باشقا يەنە، گوللاندىيەنىڭ دىنى ئىشلارغا مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى يوسېف دۇما، پولشا ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ئەلچىسى جوئاننا رونىكا، ھىندونېزىيەدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى بولغان، تونۇلغان دىنىي لىدىر يەھيا ستاقوف قاتارلىق نوپۇزلۇق شەخسلەر ۋە شۇنداقلا دىنى ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائالىيەت قىلىۋاتقان بىر قىسىم خەلقئارالىق ئورگانلاردىن ۋەكىللەر قاتناشقان. مەزكۇر يىغىندا ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھالدا تەكىتلىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە بېرىۋاتقان يۈكسەك ئەھمىيىتىنى نامايان قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.