ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك ئالاھىدە ئەلچى نامزاتى راشاد ھۈسەيىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن

0:00 / 0:00

26-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىدا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن تەرىپىدىن بىر قانچە ۋەزىپىلەرگە نامزات كۆرسىتىلگەن كىشىلەرنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلاش ۋە ئۇلاردىن سوئال سوراش ئېلىپ بېرىلغان. بۇ نامزاتلارنىڭ بىرى-ئامېرىكا دىنىي ئىشلار ئالاھىدە ئەلچىلىكىگە نامزات كۆرسىتىلگەن راشاد ھۈسەيىن ئەپەندى ئىدى.

راشاد ھۈسەيىن يېتىشكەن بىر دېپلومات بولۇپ، ئۇ ئوباما ھۆكۈمىتى مەزگىلىدىمۇ بىر قاتار ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ دۆلەت خەۋپسىزلىكى كېڭىشىدە ئاقساراينىڭ مەسلىھەتچىسى بولغاندىن سىرت يەنە ئامېرىكانىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ئالاھىدە ۋەكىلى بولغان. بۇ يىل 42 ياشقا كىرگەن ئادۋوكات راشاد ھۈسەيىن ئەگەر بۇ نۆۋەت ئامىرىكانىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئەلچىسى ۋەزىپىسىگە لايىق كۆرۈلگەن تەقدىردە، ئۇ بۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان تۇنجى ئامېرىكالىق مۇسۇلمان بولۇپ قالىدىكەن.

راشاد ھۈسەيىن ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھىندىستاندىن ئامېرىكاغا كەلگەنلىكى ۋە ئۆزىنىڭ ئامېرىكانىڭ ۋايومىڭ شىتاتىدا تۇغۇلۇپ، تېكساس شىتاتىدا چوڭ بولغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ھەم دېموكراتلار ھەم جۇمھۇرىيەتچىلەر قۇرغان ھۆكۈمەتلەر تەركىبىدە خىزمەت قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن دىنىي ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلىش، دىنىي ئاز سانلىقلارنى قوغداش خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەن.

راشاد ھۈسەيىن سۆزىنىڭ دەسلەپكى قىسمىدىلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ نۆۋەتتە دۇنيا نوپۇسىنىڭ 80 پىرسەنتىنىڭ مەلۇم دەرىجىدىكى ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى دىنىي باستۇرۇش ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، دىنىي ئەركىنلىكنى دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە تەشەببۇس قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان دەھشەتلىك جىنايىتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تىرىشچانلىقلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىمەن.»

دىققەت قوزغايدىغىنى شۇكى، بۇ قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ راشاد ھۈسەيىندىن سورىغان سوئاللىرى ئاساسەن ئۇيغۇرلار تېمىسىغا مەركەزلەشكەن. سېناتور جېف ماركىلىي راشاد ئەپەندىدىن ئامېرىكا بىر قىسىم جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشتا ئۈنۈمى بولمىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن نېمە قىلىدىغانلىقىنى سورىغان.

راشاد ھۈسەيىن ئەپەندى كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ بۇ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، ئالدى بىلەن سېناتورلارنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان ۋە ئۆزىنىڭمۇ بۇ مەسىلىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي دۇنيادىكى دىنىي ئەركىنلىكنى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ بىرى. مەن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنى بىۋاستە زىيارەت قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرىغا قىلىۋاتقان ھۆرمەتسىزلىكى، بېسىملىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن. ھازىر ئۇ يەردە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ.»

ئۇ ئەگەر ئۆزى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن تەقدىردە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز بۇ مەسىلىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىمىز. جازا تەدبىرلىرى، ۋىزا چەكلىمىسى، ئېكىسپورت چەكلىمىلىرىنى داۋاملىق يولغا قويىمىز. مەن يەنە بۇ مەسىلىدە بىر قىسىم ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك، شۇندىلا يەنىمۇ كۆپ ئىنكاس پەيدا قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارايمەن. شۇڭا ئۇلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈشكە تىرىشىمەن. بىر قىسىم دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىدى، مەن مۇشۇنداق دۆلەتلەرنى بىر ئارىغا ئەكىلىپ، بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغاندا تېخىمۇ كۆپ تەسىر ياراتقىلى بولىدۇ، دەپ قارايمەن ۋە شۇنداق قىلىشقا تىرىشىمەن.»

ئارقىدىن سېناتور بىل ھېگوتىي سۆز قىلغان. ئۇ راشاد ھۈسەيىنگە قىلغان سۆزىدە ئامېرىكانىڭ چوقۇم ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ راشىد ئەپەندىگە: «ئەگەر سىز ۋەزىپىگە تەيىنلەنسىڭىز، ئۇ ھالدا سىزنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمىتىڭىز ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش بولۇشى كېرەك،» دېگەن. ئۇ بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ كېلىمات مەسىلىسىنى دەپ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سەل قاراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ھۈسەيىن ئەپەندى، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ سىزمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ، ئۇ يەردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى، دىنىي ئەركىنلىكىنى ھەرگىز كېلىمات مەسىلىنى ھەل قىلىش بىلەن تېگىشمەسلىك كېرەك دەپ قارامسىز؟» دەپ سورىغان. راشاد ھۈسەيىن ئەپەندىمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان كېلىمات ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى دەپ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سەل قارالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى، بارلىق ئاماللارنى قوللىنىپ تۇرۇپ، بۇ جەھەتتىكى بېسىمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ھۈسەيىن ئەپەندى دىنىي ئەركىنلىكنى قانات يايدۇرۇشتا كۆپ تەجرىبىگە ئىگە نامزات بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ خىزمەتكە لايىق كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن.