كېيىنكى ۋاقىتلاردا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ، ھوقۇق قوغدىغۇچىلارنىڭ، ئايرىم مەملىكەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ، دۆلەت ئەربابلىرى ۋە باشقىلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدە ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ مىللىي، دىنىي ۋە مەدەنىي ئەركىنلىكلىرى مەسىلىسىگە بولغان دىققىتى كۈچەيمەكتە. شۇنداقلا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەمدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇنىڭغا جىددىي مەسىلە سۈپىتىدە قاراۋاتقانلىقىمۇ مەلۇم بولماقتا.
يېقىندا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىكلەر بويىچە كومىسسىيەسى ئەينى چاغلاردا سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىدە بولغان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىككى جۇمھۇرىيىتىنى دىنىي ئەركىنلىكلەر دەپسەندە قىلىنىۋاتقان مەملىكەتلەر قاتارىغا كىرگۈزدى.
«ناستوياشېيې ۋرېميا» يېڭىلىقلار ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىكلەر بويىچە كومىسسىيەسى تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستاننى دىنىي ئەركىنلىكلەرنى بۇزغۇچىلار تىزىمىغا كىرگۈزدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئۆزىنىڭ ئېلان قىلغان بىلدۈرۈشىدە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئۈزلۈكسىز دەپسەندە قىلىنىۋاتقان تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستاننى ئالاھىدە تەشۋىشلەندۈرۈۋاتقان ئەللەر تىزىمىغا كىرگۈزگەنكەن. شۇ جۈملىدىن رۇسىيەمۇ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان يا بۇنىڭغا يول قويغان مەخسۇس نازارەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر تىزىمىغا كىرگۈزۈلگەن.
«قازاخباراتبيۇرو» ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «ئا ق ش تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستاننى دىنىي ئەركىنلىكنى بۇزغۇچىلارغا ياتقۇزدى، ئۆزبېكىستاننى بولسا، ئۈلگىلىك دەپ ئاتىدى» ناملىق ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 1998-يىلى قوبۇل قىلغان خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىكلەر قانۇنىنىڭ ئېنىقلىمىسى بويىچە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئۈزلۈكسىز دەپسەندە قىلىنىۋاتقان 10 دۆلەتنىڭ تىزىمىنى ئېلان قىلغانكەن. بۇ تىزىمغا بىرما، خىتاي، ئىران، نىگېرىيە، شىمالىي كورېيە، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستان كىرگەن. ماقالىدا يەنە بىر سابىق سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيىتى قازاقىستاننى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تىلغا ئالمىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئەمما مۇشۇ يىلنىڭ ئاپرېل ئېيىدا «ئازادلىق» رادىيوسى ئېلان قىلغان «قازاقىستان يەنە «دىنىي ئەركىنلىكلەرنى بۇزغۇچىلار» تىزىمىدا» ناملىق ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىكلەر بويىچە كومىسسىيەسى ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى يىللىق ھېساباتىدا قازاقىستاننى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتتىق بۇزۇلۇۋاتقان مەخسۇس نازارەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر تىزىمىغا كىرگۈزۈشنى دۆلەت مەجلىسىگە تەۋسىيە قىلغانىكەن.
مەزكۇر ھېساباتتا 2019-يىلى قازاقىستاندا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكلىرى ساھەسىدە بىر قاتار ئىجابىي ھادىسىلەر ئورۇن ئالغان بولسىمۇ، ئەمما بەزى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ يەنىلا ھەل قىلىنمىغانلىقى، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دىننى چوڭ مۇقىمسىزلاشتۇرۇش كۈچى سۈپىتىدە قاراپ، ئۇنى كونترول قىلىش يوللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقى ئېيتىلغان. مەزكۇر ھېسابات دوكلاتىدا شۇنداقلا قازاقىستاننىڭ 2011-يىلدىن تارتىپ ئىشلەۋاتقان دىن توغرىلىق قانۇنى، شۇ جۈملىدىن دىنىي تەشكىلاتلارنى ھۆكۈمەت تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش قائىدىلىرى ۋە تەستىقتىن ئۆتمىگەن دىنىي پائالىيەتنىڭ مېنى قىلىنىشى تەنقىد ئاستىغا ئېلىنغان.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇنىيلىقنى ساقلاش بويىچە خەلقئارا بيۇروسىنىڭ دىرېكتورى ئېۋگېنىي ژوۋتىس ئەپەندى تاجىكىستان، تۈركمەنىستان ۋە قازاقىستاننىڭ دىنىي ئەركىنلىكلەر مەسىلىسىدە دەرىجىسىنىڭ ھەر خىل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستاندا، بولۇپمۇ قازاقىستاندا دىنىي قانۇننىڭ ئۆزى يېتەرلىك دەرىجىدە تەقىبكە ئۇچراپ كەلگەنىدى. يەنى دىن توغرىلىق قانۇن كىشىلىك ھوقۇق بويىچە بيۇرو تەرىپىدىنمۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دىن ۋە ئېتىقادلار بويىچە مەخسۇس دوكلاتچىسى تەرىپىدىنمۇ تەنقىدلەندى. ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋىجدان ۋە دىن ئەركىنلىكى مۇتەخەسسىسلىرىمۇ ئۆز ۋاقتىدا مەزكۇر مەملىكەتلەرنىڭ ۋە باشقىمۇ مەركىزىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ دىن توغرىلىق قانۇن مەسىلىلىرىنى كۆتۈرگەن ئىدى. بەزى دۆلەتلەردە بۇ جەھەتتە قىلىنىۋاتقان ئەمەلىي ئىشلار بۇنىڭدىنمۇ يامان. قازاقىستاندا كېيىنكى يىللاردا بۇ مەلۇم دەرىجىدە يۇمشاق بىلىنگەن بولسىمۇ، لېكىن رۇس پراۋوسلاۋ چېركوۋىغا ياتمايدىغان نېئوخرىستىيان دىنىغا ۋە ئەنئەنىۋى بولمىغان بەزى مۇسۇلمان گۇرۇپپىلىرىغا قارىتىلغان مەلۇم بىر بېسىملار ئورۇن ئالدى. مەسىلەن، سوپىلار ۋە باشقىلار دائىم بېسىم ئاستىدا بولماقتا، سەۋەبى ئۇلار مۇقىملىق خەۋپى، ھەتتا دىنىي ئەسەبىي خەۋپ سۈپىتىدە قارىلىدۇ. مۇنداق ئەھۋال باشقا ئەللەردىمۇ مەۋجۇت. قازاقىستان ھەر خىل دىنلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن پەرقلىنىپ، ھەتتا دۇنيا دىنلىرىنىڭ قۇرۇلتايلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما جاي-جايلاردىكى ئەمەلىي ۋەزىيەتكە تەسىر قىلالمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ قازاقىستاننى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بۇزۇلۇۋاتقان دۆلەتلەر تىزىمىغا كىرگۈزۈشىگە ئاساسلار بولدى، دەپ ئويلايمەن.»
ھوقۇق قوغدىغۇچى ژۇرنالىست ئاندرېي گرىشىن ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، قازاقىستان ھەر يىلى دېگۈدەك مەزكۇر تىزىمغا كىرگۈزۈلۈپ كەلمەكتىكەن.
نېمە ئۈچۈن قازاقىستان دىنىي ئەركىنلىكلەر چەكلەنگەن مەملىكەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى؟
ئاندرېي گرىشىن مۇنداق دېدى: «سەۋەبى دىنىي بىرلەشمىلەر توغرىلىق قانۇننى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن مۇنداق بىرلەشمىلەر كېمىيىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ ئەنئەنىۋى ئەمەس دىنىي بىرلەشمىلەرنى ھۆكۈمەت تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش ئىنتايىن قىيىن. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى يېپىلدى. قالغانلىرى بولسا، دۆلەتنىڭ قاتتىق كنترولى ئاستىدا قالدى. ئۇلارنىڭ ئىچىگە ھەم مۇسۇلمان، ھەم خرىستىئان ۋە باشقىمۇ دىنىي گۇرۇپپىلار كىرىدۇ. شۇنداقلا دۆلەت پۇقرالارنىڭ ئىبادەت قىلىش يا ئېتىقادىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆز ئالدىغا يىغىلىشىغا يول قويمايدۇ. يەنە باشقىمۇ چەكلەشلەر مەۋجۇت. مەسىلەن دىنىي ئەسەرلەرنى سېتىش، دىنىي ئېتىقاد قىلىش ئۈچۈن ئۆيلەردە توپلىنىش مەنئى قىلىنغان. بۇنىڭ بارلىقى ھەر يىلى بولۇپ تۇرىدۇ، ھېچ نەرسە ئۆزگەرمەيۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قازاقىستان ھەر يىلى ئەنە شۇ تىزىم ئىچىگە كىرىۋاتىدۇ. شۇنداقلا ھەر يىلى مۇسۇلمانلار دەلىللەرسىز تېررورچىلىقنى ھەم دىنىي بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلىشتا ئەيىبلىنىپ، ئونلىغان سوت ئىشلىرى قارالماقتا. بۇلارمۇ قازاقىستاننىڭ شۇ تىزىمغا كىرىپ قېلىشىغا ئاساس بولدى.»
ئىگىلىشىمىزچە، خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىكلەر بويىچە كومىسسىيە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ دۆلەت مەجلىسى تەستىقلىغان مۇستەقىل تەشكىلات بولۇپ، ئۇ چەتئەللەردىكى دىنىي ئەركىنلىكلەرگە تۇغۇلۇۋاتقان خەۋپلەرنى كونترول ۋە ئانالىز قىلىش، ھېسابات ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.