2023-يىللىق «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي كېڭىشى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2023.01.31
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
2023-يىللىق «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي كېڭىشى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى 2023-يىللىق «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي كېڭىشى» ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا رەسمىي باشلاندى. 2023-يىلى 30-يانۋار.
irfsummit.org

2023-يىللىق «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي كېڭىشى» ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا رەسمىي باشلاندى. 31-يانۋار كۈنى ئەتىگەندە ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئەڭ مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى شۇنداقلا مەزكۇر ئالىي كېڭەشنىڭ رەئىسلىرىنىڭ بىرى بولغان سام بروۋنبەگ ئەپەندى ۋە توم لانتوس كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت فوندىنىڭ رەئىسى ھەم مەزكۇر ئالىي كېڭەشنىڭ يەنە بىر رەئىسى دوكتور كاترىنا لانتوس سۋىت خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇلار بۇ نۆۋەتلىك ئالىي كېڭەش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن دىنىي ۋە سىياسىي رەھبەرلەر، تەتقىقاتچىلار، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى قارشى ئالدى.

سام بروۋنبەگ ئەپەندى ئامېرىكادا ھەر يىلى بىر ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ «دىنىي ئەركىنلىك ئالىي كېڭىشى» نىڭ مەقسىتىنىڭ «ھەر بىر ئىنسان ھەرقانداق جايدا، ھەر ۋاقىتتا دىنىي ئەركىنلىككە ئىگە بولۇشى كېرەك» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئەمما ئۇ سۆزىدە، ئىنسانلارغا ياراتقۇچى خۇدا تەرىپىدىن بېرىلگەن بۇ ھوقۇقنىڭ بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا چەكلىمىگە، بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا خاتىمە بەرمىگەندە بۇنىڭ مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشىغا ھەمدە تېخىمۇ چوڭ زىددىيەت ۋە ئاپەتلەرگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. سام بروۋنبەگ بۇ يىغىننىڭ مەقسىتىنىڭ ئىنسان روھىنىڭ ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەشەببۇس قىلىشلىقىنى بىلدۈردى.

diniy-erkinlik-yighini-3.jpg

ئارقىدىن سۆز قىلغان كاترىنا لەنتوس خانىممۇ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئاساسىي ھوقۇقى بولغان دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى تەھدىتكە ئۇچراشتەك ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قىلىنغان خىزمەتلەرنىڭ چوقۇم نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ ئۈمىدۋارلىقىنى ئېيتتى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتۇقىدىن كېيىن سەھنىگە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكىل ماككول ( Michael T. McCaul )، ئاۋام پالاتا ئەزاسى جەيمىس ماكگوۋرن (James McGovern)، ئامېرىكا ئائىلە تەتقىقات كېڭىشىنىڭ رەئىسى تونىي پېركىنس (Tony Perkins) ۋە ئاسپېن ئىنستىتۇتى دىن ۋە جەمئىيەت پروگراممىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى سىمران سىڭ (Simran Singh) قاتارلىقلار سەھنىگە تەكلىپ قىلىندى.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكىل ماككول سۆزىدە «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەركىن جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ئۇلى» دېدى. ئۇ ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىدا بېكىتىلگەن بۇ ھوقۇقنىڭ ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ كىملىكى ئىكەنلىكىنى شۇڭا دىنىي ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ ئامېرىكا تاشقىي سىياسىتىنىڭ مۇھىم قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ئاۋازسىزلارنىڭ ئاۋازى بولۇشنى داۋام قىلىشى كېرەك» دېدى.

diniy-erkinlik-yighini-1.jpg

ئۇ سۆزى داۋامىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «تولىمۇ پاجىئەلىك بولغىنى، دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېخىمۇ ئېغىر ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ. خىتايدا خىتاي كومپارتىيەسى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قاتتىق دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ. بىز سۆزلەۋاتقان مۇشۇ مىنۇتلاردا ئۇلار تىبەتلەرنىڭ بۇددىزىمى ۋە دالاي لاماسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا، ئېتىقادىدىن ۋاز كەچمەي ۋە ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن خىرىستىيان چېركاۋلىرىغا بېرىشنى رەت قىلىۋاتقان خىرىستىيان مۇرتلىرىغا زىيانكەشلىك قىلماقتا. ئۇلار يەنە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە. مەن ئاڭلىغان مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش، مېڭە يۇيۇش ۋە ھەتتا قاتىللىق ۋەقەلىرى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. شۇڭا مەن 2021-يىلى ئاۋام پالاتادا ماقۇللانغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەش ھەققىدىكى قارارنامىگە باشلامچىلىق قىلغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن.»

ماككول ئەپەندى سۆزى ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتىتى رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن دىنىي ئەركىنلىكنى ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ مەركىزى نۇقتىسى قىلىشنى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دىنىي زىيانكەشلىكلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، جىنايەتچىلەرنى جازالاشقا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى بولسا قوغداشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئارقىدىن ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى ۋە توم لەنتۇس كىشىلىك ھوقۇق فوندى رەئىسلىرىدىن بولغان جەيمىس ماكگوۋرن سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە بىر ئىنساننىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن سادىر قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى ۋە بۇنىڭغا خىتايدىكى «ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر» دەپ ئۆرنەك كۆرسەتتى.

diniy-erkinlik-yighini-2.jpg

جەيمىس ماكگوۋرن سۆزىدە، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بارلىق دىنلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئىشنى ئۆزىدىن باشلاش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

يىغىننىڭ سوئال-جاۋاب قىسمىدا يۇقىرىقى ئىككى ئاۋام پالاتا ئەزاسى سوئاللارغا جاۋاب بەردى. بۇ قىسىمدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەندى.

ئامېرىكا ئائىلە تەتقىقات كېڭىشىنىڭ رەئىسى تونىي پېركىنس ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكىل ماككولدىن سوئال سوراپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىۋاتقان يۇقىرى تېخنىكىلىق باستۇرۇش ۋە نازارەت تېخنىكىسىنى باشقا دۆلەتلەرگىمۇ ئېكىسپورت قىلىشىغا قارىتا ئەندىشىلەرنىڭ كۈچيىۋاتقانلىقىنى، بۇنى دۆلەت بىخەتەرلىكى نۇقتىنەزەرىدىن تۇرۇپ قانداق چۈشىنىدىغانلىقىنى» سورىدى.

جەيمىس ماككول بۇنىڭغا جاۋابەن قىلغان سۆزىدە، «ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت قاتارلىق ھەر تۈرلۈك زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىۋاتقان كۈنتاختا قاتارلىق نۇرغۇن مەھسۇلاتلاردا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بارلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشى ئارقىلىق بۇ قۇرۇلۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەرنى قەرز قىلتىقىغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ قۇرۇلۇش ئارقىلىق بۇ دۆلەتلەرگە سىياسىي جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى» نى ئېيتتى. ئۇ يەنە ئامېرىكانىڭ خىتايغا تېخنىكا سېتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ھەربىي قوراللار بىلەن قوراللىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ، «ئامېرىكا بۇنى دەرھال توختىتىشى كېرەك» دېدى.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى جەيمىس ماكگوۋرن ئەپەندى بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ، ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بىۋاستە تاقىشىدىغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ پەقەتلا كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك يىغىن-ئۇچرىشىشلاردىلا ئەمەس، بەلكى دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ ھەر قاتلىمىدا تەكىتلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بىر ئىقتىسادىي كېلىشىم تۈزگەندىمۇ كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز، ئۇ دۆلەتتىن دىنىي ئەركىنلىككە كاپالەتلىك قىلىشنى، ئىنسانلارنىڭ دىنىغا قاراپ تۇرۇپ زىيانكەشلىك قىلماسلىقنى شەرت قىلىپ قوشۇشىمىز كېرەك. مەن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئامېرىكادىكى ھەم دېموكراتچى ھەم جۇمھۇرىيەتچى ھۆكۈمەتلەر بىلەن ئىشلىدىم. ئۇلارغا بۇ ھەقتە گەپ قىلىش ھەقىقەتەنمۇ ئاسان ئەمەس. رەئىس ماككول يۇقىرىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. سىزگە راست گەپنى دېسەم، بۇ قانۇننى ئۆتكۈزۈشكە قارشى تۇرغان ئىنتايىن كۈچلۈك سودا-تىجارەت كۈچلىرى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش ئاسانغا توختىمىدى، چۈنكى شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدا ئېلىۋاتقان تەرەپلەر بار ئىدى. بەختكە يارىشا بىز ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ قوللىشى بىلەن بۇ قانۇننى ئاخىرى ماقۇللىدۇق.»

ئاۋام پالاتا ئەزاسى جەيمىس ماكگوۋرن يەنە مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن پايدا ئالىدىغان بۇنداق كۈچلەرگە ھەم زۇلۇم قىلغۇچى ھۆكۈمەتلەرنى تەنقىدلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ: «بىز كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا ئىنتايىن پاساھەتلىك گەپ قىلىدىغان، ئەمما ھېچقانداق ئىش قىلمايدىغان بۇ كۈچلەرگە سەل قاراپ قالمايلى. بۇ يەردىكى رىقابەت بولسا، توغرىنى قىلىش ئۈچۈن مەيلى ئۇ قانچىلىك بىئەپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەيلى ئۇ بىزنىڭ شېرىكىمىز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەيلى ئۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ قانچىلىك چوڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىمىز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىجابىي مەقسەتتىكى بېسىمىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشتۇر. چۈنكى ئەگەر بىز ھۆكۈمەتلەرنى ئاگاھلاندۇرمىساق، ئۇ ھۆكۈمەت ئۇ كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ-دە، ئاقىۋەتتە مۇقىمسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا قورقۇنچلۇق بېسىمغا كۆز يۇمۇش بىزنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىمىزگىمۇ پايدىلىق ئەمەس» دېدى.

2023-يىللىق «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي كېڭىشى» 31-يانۋاردىن 1-فېۋرالغىچە ئىككى كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئىككى كۈن جەريانىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىردىن كەلگەن ھەر خىل ئېتىقادقا تەۋە خەلقلەر ۋەكىللىرى، دىنىي زاتلار، مۇتەخەسسىسلەر، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ئورۇنلاشتۇرۇلغان سۆھبەت يىغىنلىرىدا سۆز قىلىپ پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن. سۆزلىگۈچىلەر ئىچىدە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتىتى رەئىسى نۇرىي تۈركەل، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى باشلىقى روشەن ئابباس، ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى مەجبۇرىي ئەمگەك تۈرىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچى تەتقىقاتچىسى جەۋھەر ئىلھام ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ پروگرامما يېتەكچىسى ئارسلان ھىدايەت قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.