خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك بىرلەشمىسى مىنىستىرلار يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى
2020.11.18

3-نۆۋەتلىك خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك بىرلەشمىسى مىنىستىرلار يىغىنى پولشا ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 16-، 17-نويابىر كۈنلىرى توردا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بۇ يىغىننىڭ مۇھاكىمە مۇنبىرىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. مەزكۇر مۇھاكىمە مۇنبىرىدە دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان ۋە كېلەر يىللىق پىلانلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 17-نويابىر كۈنى، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئەلچىسى بروۋنبەك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، دىنىي ئەركىنلىك مىنىستىرلار يىغىنى ۋە سۆھبەت مۇنبىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر توغرۇلۇق پىكىر بايان قىلدى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
بروۋنبەك ئەپەندى بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك بىرلەشمىسىگە قېتىلغان دۆلەتلەرنىڭ كورونا ۋىرۇسى مەزگىلىدىمۇ ئۆز بۇرچىنى ۋە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ھەر قېتىملىق يىغىندا مۇھىم بايانات بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكادىكى ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ خەلقئارادىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پىلوسى خانىمنىڭ خىتايدىكى دىنىي باستۇرۇشنى ئىزچىل ئەيىبلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، كېلەر قېتىم سايلىنىپ چىقىدىغان ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭمۇ بۇ مەسىلىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ، دۇنيانىڭ بەزى جايلىرىدا مىللىتى ۋە ئېتىقادى سەۋەبىدىن يەكلىنىۋاتقان، چەكلىنىۋاتقان، زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان ئاجىز خەلقلەرنى قوغداشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
بروۋنبەك خىتايدىكى دىنىي زىيانكەشلىك ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈن، يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسىنى قوللىنىپ ئېتىقادچى ئاممىنى باستۇرۇش قىلمىشىنى چەكلەيدىغانلىقىمىزنئى جاكارلايمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇر رايونىدا چىراي تونۇش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئېتىقادچى ئاممىنى باستۇردى، تەكشۈرۈشكە ماسلاشمىغانلىرىنى لاگېرلارغا سولىدى. مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ھازىر لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ، بىز خىتاينىڭ بۇنداق تېخنىكلاردىن پايدىلىنىپ، ئاز سانلىق ئېتىقادچى خەلقنى باستۇرۇشىغا يول قويمايمىز.»
ئۇ يەنە باشقا كۈچلەر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان جايلاردا دىننىڭ مۇقەددەس يادىكارلىقلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بۇ قىلمىشنىڭ دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، دىنىي مىراسلارغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئەمەلىيەتتە شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىگە، تارىخىي ئەنئەنىسىگە ھۇجۇم قىلىش ئىكەنلىكىنى، خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك بىرلەشمىسىنىڭ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا 15مىڭدىن ئارتۇق مەسچىت ۋە مازارلىقلارنى چېقىپ تۈزلىۋەتكەنلىكى رادىيومىز تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغانىدى.
بۇ يىغىندا مۇخبىرىمىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ بۇ تەشكىلاتنى تۇتۇۋېلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ نەچچە مىليون ئۇيغۇرنى لاگېرغا سولاپ، ئۇلارغا ئېغىر زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە نېمە دەيدىغانلىقىنى سورىغاندا، برۋونبەك ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە خىتاي بۇ ئىشتا پۈتۈنلەي خاتا قىلىۋاتىدۇ. خىتاي بۈگۈن دۇنيا بويىچە دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى ئەڭ ناچار دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق يامان ئەھۋال خىتاينىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بېرەلمەيدۇ. خىتاي دۇنياغا ئۆزىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇۋاتقاندەك كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ، ئەمما خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، بەلكى تېخىمۇ كۆپ تېررورىستلارنى پەيدا قىلىدۇ. خىتاي ئۆز ئىچىدە ئۇرۇش قىلماسلىقى، بەلكى ئۆز جەمئىيىتىنى ئەركىن قويۇۋېتىپ خەلقىنى رازى قىلىشى، ئۇلارنى ئۆز ئېتىقادى بويىچە تىنچ ياشىغىلى قويۇشى لازىم. بىز خىتاينى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىرلا ئېتىقادقا، يەنى كوممۇنىزم ئېتىقادىغا مەجبۇرلاشنى توختىتىشقا داۋاملىق چاقىرىمىز، ئۇلار بۇنداق قىلىپ ھەرگىز مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، تىبەت بۇددىستلىرى، خىرستىيان ۋە كاتولىك دىنى مۇخلىسلىرى ياكى فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى بولسۇن ھەممىسىگە دۈشمەنلىك قىلىۋاتىدۇ، بارلىق دىن ۋە ئېتىقادلارنى باستۇرۇۋاتىدۇ. بىز بۈگۈن، خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ، ھەممە ياقنى كۆزىتىدىغان ساقچى دۆلىتى قۇرۇپ، بارلىق ئېتىقادچى ئاممىنى باستۇرۇشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىمىزنى جاكارلىدۇق. بىز يەنە خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.»
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك بىرلەشمىسى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈش، دىنىي ئەركىنلىك ئەڭ مۇھىم كىشىلىك ھوقۇقى دېگەن تونۇشنى ئۆستۈرۈش، بۇ ھوقۇققا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنى توسۇش ھەمدە خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلغان خەلقئارالىق ئىتتىپاق ئىكەن؛ نۆۋەتتە بۇ بىرلەشمىگە 31 دۆلەت ئەزا بولغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي يوق ئىكەن. مەزكۇر بىرلەشمىنىڭ تۇنجى مىنىستىرلار يىغىنى 2020-يىل 2-ئايدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يىغىندا مايك پومپېيو دىنىي ئەركىنلىكنىڭ غەربنىڭ قىممەت قارىشى ۋە غايىسى بولۇپلا قالماي، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تىنچلىق ئاساسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە كوممۇنىست خىتاينىڭ بارلىق دىنلارغا دۈشمەنلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ بىرلەشمىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرىنىڭ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.