ماناسلىق دىنىي مۇئەللىمە خاسىيەت ئەخمەتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى توغرۇلۇق خەۋىرىمىز بېرىلگەندىن كېيىن، ئاڭلىغۇچىلاردىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، خاسىيەتنىڭ 14 يىللىق كېسىلىپ بولغانلىقىنى، شۇنداقلا دېلوغا مەسئۇل خادىمنىڭ كىملىكىنى مەلۇم قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ئۇچۇرنى ئالغاندىن كېيىن ئىلگىرىلەپ ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئۇنىڭ 14 يىللىق كېسىلىشىگە، بالا ئوقۇتۇشتىن باشقا، ساقچىلار قۇرئاننى يىغىۋاتغان مەزگىلدە ئىككى قۇرئاننى تىقىۋالغانلىقىنىڭمۇ سەۋەب بولغانلىقى ئايدىڭلاشتى.
تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگرامما مىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان كىشىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، خاسىيەتنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئۇنىڭ بالا ئوقۇتۇشىدىن باشقا، 2016 -يىلى دائىرىلەر ماناستا «قانۇنسىز دىنىي ماتېرىياللار» نى يىغىۋېلىۋاتقان مەزگىلىدە ئائىلىسىدە قۇرئانى كېرىمدىن ئىككىنى تىقىۋالغانلىقىمۇ سەۋەب بولغان. دېيىلىشىچە، ئۇنىڭ بالا ئوقۇتۇشىغا 7 يىللىق ۋە قۇرئاننى تىقىۋالغىنىغا 7 يىللىق بولۇپ جەمئىي 14 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. بىز خاسىيەت ئەخمەتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە بۇ يېڭى تەپسىلاتلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ماناس ناھىيەسىدىكى ساقچى ئورگانلارغا قايتىدىن تېلېفون قىلدۇق.
ئىنكاستا، خاسىيەت ئەخمەتنىڭ دېلوسىنى ئىشلەشكە بازارلىق ساقچىخانىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى جۈرئەت ئىسىملىك بىرسىنىڭ ھەمكارلاشقانلىقى قەيت قىلىنغانىدى. بىز مەزكۇر ساقچى خادىمى بىلەن سۆزلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولساقمۇ، ئۇ خادىم ئۆزىنىڭ خاسىيەتنىڭ دېلوسىنى ئىشلەشكە ھەمكارلاشقانلىقىنى رەت قىلدى، ھەتتا ئۇنى تونۇمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئىنكاستا يەنە دېيىلىشىچە، خاسىيەت ئەخمەت ئۈستدىن مەخسۇس سوت ئېچىلمىغان، پەقەت بىر سوت ھۆكۈمنامىسى ئۇنىڭ ئائىلە--تاۋابىئاتىغا تۇتقۇزۇلغان. ھۆكۈمنامىدە جازا مۇددىتىدىن باشقا، تۇتۇلۇش سەۋەبىمۇ قىسقىچە بايان قىلىنغان. ماناس ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر خادىمى، خاسىيەت ئەخمەتنىڭ 14 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى دەلىللەش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ كېسىلىش سەۋەبلىرىدىن بىرىنىڭ ئىككى دانە قۇرئانى كېرىمنى تىقىۋالغانلىقى ئىكەنلىكىنىمۇ ئاشكارىلىدى.
ئۆتكەن قېتىملىق ئېنىقلاشلىرىمىزدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خاسىيەت ئەخمەتنىڭ يولدىشى 9 يىل ئاۋۋال بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز كېسىلىپ كەتكەن، ئاتا-ئانىسى تۈگەپ كەتكەن ۋە 13 ياشلىق بىر قىزىنىڭ نەدە ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس ئىدى. شۇڭا مەزكۇر سوت ھۆكۈمىنىڭ خاسىيەت ئەخمەتنىڭ يولدىشى تەرەپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بېرىلگەنلىكى ئېھتىمالغا يېقىن كۆرۈلمەكتە.
يەنە ئۆتكەن قېتىملىق ئېنىقلىشىمىزدا، بىر ئىنكاسچى خاسىيەت ئەخمەتنىڭ يېرىم كېچىدە ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان بولسا، بىر ئاھالىلەر كومىتېتى مۇدىرى، خاسىيەتنىڭ بىر گۇرۇپپا كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ساقچىخانىغا تەكشۈرۈشكە ئاپىرىلغانلىقى ۋە سوئال-سوراقتىن كېيىن تۇتۇپ قېلىنغانلىقىنى مەلۇم قىلغانىدى. بۇ قېتىمقى ئېنىقلىشىمىزدا، ئۇنىڭ دەسلەپتە 2017-يىلى 5 -ئايدا بىر قېتىم 15 كۈن تۇتۇپ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ۋە كېيىنكى 9 -ئايدا تۇتۇلغاندا كېسىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
يۇقىرىدا ماناستىكى دىنىي مۇئەللىمە خاسىيەت ئەخمەتنىڭ بالا ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن 7 يىللىق، قۇرئانى كېرىمنى تىقىۋاغانلىقى ئۈچۈن 7يىللىق بولۇپ 14 يىللىق كېسىلگەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.